logo

trugen jacn

ئىلھام توختىنىڭ ۋەئىمار كىشىلىك ھوقوق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدا تەسىرات

ئەنۋەرجان

ئىلھام توختىنىڭ ۋەئىمار كىشىلىك ھوقوق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدا تەسىرات

 

گىرمانيەنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت مەركىزى بولغان ۋەئىمار ئەينى ۋاقتتا „ۋەئىمارەر رەپۇبلىك“ دەپ ئاتالغان تۇنجى دېموكراتىك جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىي يېزىلغان شەھەر. 1918. يىل نويابىر ئىنقىلابى نەتىجىسىدە بۇرۇنقى (ئاساسىي قانۇنلۇق) پادىشاھلىق تۈزۈمىنىڭ ئورنىغا بەرپا قىلىنغان ۋەئىمار جۇمھۇرىيتى 1933. يىل ئادولف ھىتلەرنىڭ باشمىنىستەر (كانزلەر) تەيىن قىلىنىشى بىلەن ئىنقىرازغا ئۇچرىغان. موشۇ سەۋەپتىن، ۋەئىمار شەھەرلىك ھۈكۈمىتى تەرىپىدىن ھەر يىل بېرىلىدىغان كىشىلىك ھوقوق مۇكاپاتى گىرمانيە بويىچە ئالاھىدە ئىتىبارلىق ۋە سىياسىي جەھەتتىن زور ئەھىمىيەتكە ئىگە.

بۇ مۇكاپاتنىڭ 23 نچىسى بۇ يىل ئىلھام ئەپەندىمگە لايىق كۆرۈلۈشى تەساددىبى ئەمەس، ئەلۋەتتە! بەزى دۆلەتلەر، خىتاي زۇلمىدىن قېچىپ تەركى-ۋەتەن قىلغان ۋاياكى ياقا يۇرتلاردا خەلقىنىڭ غېمىنى يېگەن ياش ئەزىمەتلىرىمىزنى تۇتۇپ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىۋاتقان ۋە ھاتتا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ خەلىقارا قانۇن-قائىدىلەرگە ماس ۋە دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلىرىغا مۇۋاپىق ئەلىپ بېرىۋاتقان دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىمىزنى چەكلەۋاتقان ھازىرقى پەيىتتە، بۇنىڭدىنمۇ موھىمى، خىتاي ھۈكۈمىتى ( پۇلىغا ئىشىنىپ) دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىغا قولىنى ئۇزىتىۋاتقان بىر شارائىتتا، ۋەئىمار شەھەرىنىڭ ئىلھام ئەپەندىمنى ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بىلەن تەقدىرلىشى، ھەقىقەتەن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ يول بىلەن ۋە دېموكراتىك ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەق دا’ۋامىزدا يەنە بىر بۇرۇلۇش نوقتىسى ھىساپلىنىدۇ

ۋەئىمار شەھەرلىك ھۈكۈمىتىئىنىڭ بۇ مۇكاپات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ نارازىلىقى ۋە بېسىمىگە بويۇن ئەگمەستىن ۋە تور بېتىگە قىلىنغان ھۇجۇملارغا پەرۋا قىلماستىن، بۇ مۇكاپاتنى ئاتاقلىق سىياسيئونلار ۋە جامائەت ئەربابلىرىنىڭ ئىشتىراكى بىلەن پەۋقۇلاددە مۇراسىمدا ( مۇراسىم كۈنى شەھەرلىك ھۆكۈمەت سارىيىغا خىتاي دۆلەت بايرىقىنى ئاسمىدى ۋە ئىلھام ئەپەندىمنى خىتاي پۇخراسى، دەپ ئاتىمىدى) تەقدىم قىلىشى، بىز ئۇيغۇرلارغا ئۈمىت بېغىشلايدىغان تارىخىي بىر ھىسداشلىق

بىز، خەلقىمىزنىڭ بېشىدىكى ئېغىر زۇلمىنى، ئۇلارنىڭ دەرد-پەريادىنى ئەركىن-دېموكراتىك دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تۇيغۇزىمىز، ھىسداشلىقنى، قوللىشىنى ۋە دوستلىقىنى قولغا كەلتۈرىمىز، دەپ ھەرىكەت قىلىۋاتقىنىمىز ئۇچۇن، ۋەئىمار شەھەرىنىڭ بۇ مۇكاپاتى، ئۇلارغا يەتكۈزۈدىغان، ئاز بولسىمۇ ئۈمىت، تەسەللى بولىدىغان، ئۆز ھەق-ھوقوقى يولىدىكى قانۇنىي كۈرىشىنى ئىزچىل داۋام ئۆتكۈزۈشىگە تۈرتكە بولىدىغان خۇش-خەۋەر ئىدى. چۈنكى، گەرچە خىتاي ھاكىمىيىتى ، خەلقىمىزگە „نەگە قاچساڭ تۇتۇپ ئەكىلىمەن“دەپ تەھدىت سالسىمۇ ۋە ئىلھام ئەپەندىمدەك ئىنسانپەرۋەر ۋە تىنچلىقپەرۋەر بىر ئەزىمەتىمىزدىن پايدىلىنىش ئورنىغا، ئۇنى قاماقتا جىمىقتۇرماقچى بولسىمۇ، ۋەئىمار مۇكاپاتى
دۇنيانىڭ بۇنداق ئادالەتسىزلىككە قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان مۇھىم پاكت ئىدى.

گىرمان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بولسا بۇ مۇكاپاتنىڭ ئىلھام ئەپەندىمگە لايىق كۆرۈلگەنلىكىنىڭ ئەھمىيىتىنى توغرا باھالاپ، 10. دەكابىر كۈنى تۈشتىن كەيىن گىرمانيە دۆلەتلىك تەلەۋىزيەسى (ئارد)، تھۈرىڭەن ئۆلكىلىك تەلەۋىزيەسى (مدر) ۋە „فوكۇس ئونلىنە“ دەپ ئاتالغان ئىنتېرنېت تىلۋىزيەسى بولۇپ، جەمئىي 4 قېتىم، رادىئو ستانسىيەلىرى ۋە 11. دېكابىر كۈنى زور تراجلىق گېزىتلىرى ۋەئىمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى توغرۇلۇق خەۋەرگە ئالاھىدە ئورۇن بەردى ۋە ھەتتا ئىككى ئايرىم گېزىت بۇ ماۋزۇنى باشماقالە قىلىپ باستى.. جۈملىدىن، „تھۈرىڭەر ئاللگەمەئىنە زەئىتۇڭ“ گېزىتى
… ۋەئىمار شەھەرلىك ھۈكۈمىتى بۇ يىلقى كىشىلىك مۇكاپاتىنى خىتايدا 2014. يىل سېنتەبىردىن بۇيان ئۆمۈرلۈك تۈرمىدە ياتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى، كىشىلىك ھوقۇق كۈرەشچىسى پروف. ئىلھام توختىغا لايىق كۆردى. بۇ مۇكاپات 10. دەكابىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى، ۋەئىمار شەھەرىنىڭ سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھتىشەم، ھەيۋەتلىك مۇراسىمدا تەقدىم قىلىندى… مۇكاپاتنى ئىلھام توختى نامىدىن ئىلھام توختى ئىنىتىئاتىۋە گۇرۇپپسىنىڭ رەئىسى ئەنۋەر جان ۋە خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىدىن ئۇلرىچ دەلىئۇس ئەپەندىلەر قابۇل قىلىپ ئالدى. جۈملىدىن ئەنۋەر جان، مۇكاپات ئۇچۈن رەھمەت ئېيتىش نۇتقىدا گىرمانيە جامائەتچىلىككە ياردەم تەلەپ قىلىپ، ئۆتۈنۈپ مۇراجئەت قىلدى. ناھايىتى ھاياجانلىق ئالقىشلارغا سازاۋەر بولغان بۇ مۇراسىمغا ئۆز ئىمكانلىرى بىلەن گىرمانيەنىڭ ئايرىم رايونلىرىدىن كېلىپ قاتناشقان سانلىرى 30 ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار دوكلادلاردىن ۋە يىغىن زالىدىكى مۇھىتتىن تەسىرلىنىپ، كۆز ياشلىنى تۇتالماي، يىغلاپ كېتىشتى…“ دەپ يازدى

 

ئۆتكەن 5 كۈندىن بۇيان ۋەئىمار مۇكاپاتى توغرۇلۇق تولۇق، پاكىتلىق ۋە تەرەپسىز مەلۇمات بېرىشكە تىرىشتۇق. بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى خەلىقارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن ۋەتەن ئىچىگە بىلدۈرۈلگەن بولىشىنى ئۈمىت قىلغان ئىدۇق

ئەسكەرتىش: بۇ ماناسىۋەت بىلەن، تەكلىپىمگە بىنائەن گىرمانيەنىڭ جاي-جايلىرىدىن 4-5-يۈز كىلومىتر يولنى بەسىپ، ئالاھىدە بۇ مۇراسىمغا قاتنىشىش ئۇچۈن ۋەئىمارغا كەلگەن دۇق رەئىسى دولقۇن ئىسا، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋدۇن، شەرقىي تۈركىستان كۇلتۇر مەركىزى رەئىسى كۈرەش ئاتاھان ۋە مۈنچەن چوڭلار مەشرىپى قازىسى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىلەر باشلىق بارچە يۇرتتاشلىرىمغا يەنە بىر قېتىم چىڭ يۈرەكتىن رەھمەت ئېيتىمەن

ئەنۋەركان: ۋەئىمار شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ تارىخىي سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپات بەرىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇرلار ئەنئەنىمىزگە بويىچە ساھىپھانلارغا ئەتلەس شارپا ۋە دوپپا ھەدىيە قىلدى.

ۋەئىمار شەھەرىنىڭ 2017. يىللىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى، خەتەراستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى ئۇلرىچ دەلىئۇس ئەپەندى بىلەن بىللە ئىلھام توختى نامىدىن تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كەئىيىن، ئۆرپۇ-ئادىتىمىزگە مۇۋاپىق مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈردۈم ۋە مۇنداق دېدىم:“ تارىخىي ئىپەك يولى ئۈستىدىكى تۆرت-يول گۈزەرگاھىدا ياشىغان بىز ئۇيغۇرلار تۈرلۈك مىللەتلەرگە مەنسۇپ مېھمانلىرىمىزنى ئەنئەنىۋىي دوپپا ۋە ئەتلەس ياغلىقلىرىمىز بىلەن كۈتىۋالغان ئىدۇق.
بۇ مېھمانلار ئارىسىدىن خىتايلار يۇرتىمىزدا داۋاملىق تۇرۇپ قالدى.ئارىدىن يۈز-يىلدىن ئارتۇق ئۆتكەن، بۈگۈنكى كۈندە مىڭلىغان ئۇيغۇرلار ئۆز ئانا يۇرتلىرىنى تاشلاپ، چەتئەللەردە پاناھ ئىزدەشكە مەجبۇر بولماقتا. بۇ جۈملىدىن ھازىر ئىككى مىڭغا يېقىن ئۇيغۇرلار گىرمانىيەگە جايلاشتى. بىز، بۇ ئىككىنجسى ۋەتىنىمىزدە جاتىرجەم-ھوشال ياشاۋاتىمىز. گىرمان ھالقىنىڭ مېھماندوستلۇقىغا مىننەتدارلىقىمىزنى ئىپادىسى گۇندۇلا گائۇسە ۋە در. ئانڭرەت نىككەل-گەممەكە خانىملارغا، ئەتلەس شارپا، شۇنداقلا ستەفان ۋولف ئەپەندىمگە دوپپا ھەدىيە قىلماقچىمىز“.

 

ئەسكەرتىش: 10. دەكابىر 2017، يەكشەنبە كۈنى گىرمانيە ۋەئىمار شەھەرىنىڭ قاماقتىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام ئەپەندىمگە لايىق كۆرگەن كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى تەقدىم قىلىش مەراسىمى، پەقەتلا ئىلھام ئەپەندىمنىڭ خىزمەتلىرىنى ۋە پىداكارلىقىنى تەقدىرلەش يىغىنى بولۇپلا قالماستىن، ئومومەن بىز ئۇيغۇرلارغا تارىخىي ئەھەمىيەتكە ئىگە، دەپ قارىغىنىمىز ئۇچۇن، سىز ئەزىز يۇرتتاشلىرىمىزنى بۇ توغرۇلۇق ئەتراپلىق، پاكىتلىق، تەرەپسىز ۋە سۈزگەچتىن ئۆتمىگەن مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز!

10. دەكابىر كۈنى ئەتتىگەن سائات 09:دا ۋەئىمار شەھەرلىك ھۈكۈمىتى سارىيىدا مۇھپىرلارنى كۈتىۋەلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا گىرمانيە دۆلەتلىك (ئارد) تەلەۋىزيەسى، تۈھرىڭەن ئۆلكۈلۈك تەلەۋىزيەسى، گەزى، جۇرنال ۋە راديو ستانسىيەلەرىنىڭ مۇھپىرلىرى، شۇنداقلا رفا ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئىھتىيارىي مۇھپىرى ئەكرەم (مەنىڭ تەكلىپىم بىلەن) ھەزىم ئەپەندىلەر قاتناشتى. گىرمانيە مەتبۇئات ۋاسىتىلىرى ئەينى كۈنى تۈشتىن كەيىن سائات 02:00 دىن باشلاپ جامماتچىلىكنى ۋەئىمار شەھەرىنىڭ 2017. يىللىق كىشىلىك ھوقوق مۇكاپاتىنى تەققدىم قىلىش مۇراسىمى توغۇرلۇق مەلۇماتلار بىلەن ئەتراپلىق ۋاقىپلاندۇردى.

مۇخپىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنىدا ماڭا قويۇلغان سوئالغا مۇنداق جاۋاپ بەردىم:“بۇ مۇكاپات، ئىلھام توھتىغا پەۋقۇلاددە موھىم: چۇنكى ئۇنۇڭ ئۆز ھەلقىنىڭ ھوقوقلىرى ۋە ئەركىنلىگى ئۇچۇن قىلغان كۈرەشى ۋە پىداكارلىغىنىڭ ھەلقارادا ئەتىراپ قىلىنغانلىقىنى، تەقدىرلەڭەنلىكىنى ئىسباتلايدۇ

بۇ مۇكاپات ئۇنۇڭ ئائىلەسى ئۇچۇنمۇ زور بىر تەسەللى: چۇنكى، ئىلھام توھتىنىڭ ئائىلەسى ئۇنۇڭ ھەلقى ئۇچۇن كۈرىشى بوشقا كەتمىگەنلىكىنى ۋە ئوزلىرى (ئائىلە) بەھۇدە دەرت تارتمايۋاتقانلىقىنى كۆردى

بۇ مۇكاپاتنىڭ بىز ئۇيغۇرلارغا بولغان ئەھەمىيەتى ناھايىتى موھىم: چۇنكى بۇ مۇكائاپات ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىگى ھەلقىمىزنىڭ ئەغىر ئەھۋالىدىن، ھىتاي ھاكىمىيەتىنىڭ بىزگە قانداق مۇئامەلە قىلىۋاتقانلىقىدىن ۋە ۋەتەنىمىزدىكى ئەھۋال قانچىلىك ئەغىرلىقىدىن تەھىمۇ كۆپ ھەۋەردار بولدى. بۇنۇڭدىنمۇ موھىمى، بۇ مۇكاپات ھەلقارا جامائەتچىلىكنىڭ ئۇيغۇر ھەلقىنىڭ تەقدىرىگە بەپەرۋا قارىمىغانلىقىنى كۆرسۈتۈدۇ

ئەسكەرتىش: ھەلقىنىڭ ئەركىنلىگى ۋە ھوقوقلىرىنى، دەپ ۋە ۋەتىنى ئۇچۇن جېنىنى، ئائىلەسىنى ۋە مالك-مۇلكىنى پىدا قىلىپ ئۆمۈرلۈك قاماقتا ياتقان ئۇيغۇئەر ئەزىمەتى ئىلھام ئەپەندىمگە لايىق كۆرۈلگەن بۇ مۇكاپات توغۇرلۇق قوشۇمچە مەلۇماتلارنى سىز ئەزىز يۇرتتاشلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز.

 

10. دەكابىر، يەكشەنبە كۈنى ۋەئىمار شەھەرىنىڭ 2017. يىللىق كىشىلىك ھوقوق مۇكاپاتىنى ئىلھام توختى ئەپەندىم نامىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىشتىن بۇرۇن، ھۆكۈمەت سارايدىكى ”شەرەپ قامۇسىغا“ قول قويدۇم ۋە تۆۋەندىكىلەرنى يازدىم:

”ۋەئىمار شەھەرىنىڭ بۇ مۇكاپاتىنى ئىلھام توھتى نامىدىن قابۇل قىلىپ ئەلىش ماڭا بۈيۈك شەرەپ. ئىلھام توھتى ئۆز ھەلقىنىڭ ھوقوقلىرى ۋە ئەركىنلىگى ئۇچۇن ئىشلىگەن ۋە بۇ يولدا ئۆزىنى پىدا قىلغان ئالىيجاناب بىر شەھسىيەت! ئۇيغۇرلار نامىدىن بۇ شەرەپلىك مۇكاپات ئۇچۈن رەھمەت ئېيتىمەن“. كىچە 10. دەكابىر كۈنى گىرمانيە، ۋەئىمۋەر شەھەرىنىڭ مۇكاپاتىنى ئىلھام توختى ئەپەندىم نامىدىن ئۇيغۇر خەلقىگە ۋەكالىتەن تاپشۇرۇپ ئالدىم.

گەرچە بۇ مۇكاپات ئىلھام ئەپەندىمگە بېرىلگەن بولسىمۇ، دەرھەقىقەت ئۇ، ئۆز خەلقىنىڭ ھوقۇقلىرىنى دەپ جانپىدا بولۇپ قاماقتا يېتىۋاتقانلىقى ئۇچۈن، بۇ مۇكاپات ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دېموكراتىك ۋە تىنچ يول ۋىلەن ئەلىپ بېرىۋاتقان كۈرۈشى خەلىقارا سەھنىدە يەنە بىر قېتىم تەن ئېلىنغانلىقى ھىساپلىنىدۇ!
بۇ مۇكاپاتنى تەقدىم قۇلىسگ ئۇچۈن تەشكىللەنگەن مۇراسىم گىرمانانىنىگ
ئارد ناملىق دۆلەت كۆلەملىك تەلەۋىزيەسى ۋە باشقا مەتبۇئات ئورگانلىرىنىڭ دىققەتنى جەلپ قىلدى. تۆۋەندە بەزى لىنكلەردىن كۆرگىنى بولۇدۇ.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ۋەئىمار شەھەرلىك ھۇكۇمىتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن مۇراسىمغا قاتنىشىمىز، دەپ ئەتتىگەن سەھەر ۋاقتىدا تۇرۇپ 400- 500 كم. يول مېڭىپ، مەن بىللەن بىللە بولغان، دۇق رەئىسى دولقۇن ئەپەندىم باشلىق بارچە يۇرتتاشلىرىمغا چىڭ كۆڭلۈمدىن رەھنەت ئىيتىمەن! ئاللاھ رازى بولسۇن

 

http://www.tagesschau.de/multimedia/sendung/ts-23119.html

https://www.mdr.de/mediathek/mdr-videos/a/video-160384.html

http://weimar.thueringer-allgemeine.de/web/weimar/startseite/detail/-/specific/Ein-unerschrockener-Brueckenbauer-und-unbequemer-Mahner-110283867

Share
4875 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.