logo

trugen jacn

ئىلھام توختىنىڭ نەزەربەند قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان لېكسىيە (1)

 

u1217-pmmiﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

2010-12-17

مېھرىبان

خىتاي مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، «ئۇيغۇربىز تورى» نىڭ ساھىبى ئىلھام توختى ئەپەندى، 9-دېكابىردىن 15-دېكابىرغىچە نەزەربەند قىلىنغان ئىدى. بۈگۈن ئىلھام توختى ئەپەندى رادىئومىز مۇخبىرىغا ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ بىر ھەپتە نەزەربەند قىلىنىشىغا، ئۇنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شياۋبو بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىدىن باشقا 2010- يىلى 3- دېكابىر كۈنى سۆزلەنگەن « شىنجاڭدىكى مىللىي سىياسەت » ناملىق لېكسىيىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا ئەينى چاغدىكى لېكسىيە ئارگىنالىنى مۇخبىرىمىزغا ئەۋەتىپ بەردى.

ئىلھام توختى :“مېنىڭ نەزەربەند قىلىنىشىمغا مەن سۆزلىگەن لېكسىيە ئاساسى سەۋەب بولدى“

ئىلھام توختى ئەپەندى بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىم نەزەربەند قىلىنىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختالدى.ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ، بىر ئايدىن بۇيان بېيجىڭدىكى دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم « چاي ئىچىپ سۆھبەتلىشىش» كە چاقىرتىلغانلىقىنى، بولۇپمۇ 3- دېكابىر كۈنى ئۆزىنىڭ بېيجىڭدىكى ھەر مىللەت زىيالىيلىرى قاتناشقان بىر قېتىملىق لېكسىيىسىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مىللىي سىياسەت ھەم ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ رايوندا بىللە ياشاش جەريانىدا ساقلىنىۋاتقان كونكرېت مەسىلىلەر ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىگىنى ئۈچۈن، شۇ كۈنى لېكسىيىگە قاتناشقان دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرى تەرىپىدىن « بۇ لېكسىيە سەزگۈر تېمىدا سۆزلەندى» دەپ قارىلىپ، ئۆزىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نامىدا بىر كېچە ئۆيىگە قايتۇرۇلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلھام توختىنىڭ لېكسىيىسىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتى تەنقىد قىلىنغان

ئىلھام توختى ئەپەندى يەنە ئېلخەت ئارقىلىق، 3- دېكابىر كۈنى سۆزلەنگەن لېكسىيىنىڭ تولۇق تېكىستىنى ئەۋەتىپ بەردى. لېكسىيىگە ”شىنجاڭدىكى مىللىي سىياسەت، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار قانداق شارائىتتا باراۋەر ياشىيالايدۇ؟“ دېگەن تېما قويۇلغان بولۇپ، ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆز لېكسىيىسىدە 1955-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى مىللىي ئاپتونومىيە سىياسىتىنىڭ رايوندا ئىجرا قىلىنىش جەريانىدا ساقلانغان مەسىلىلەر ھەم رايوندىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ نارازىلىقى قوزغىلىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختالغان.
بىز بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا لېكسىيىنىڭ كىرىش سۆز قىسمى ھەم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مىللىي سىياسەتنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدىكى قىسمىنى تونۇشتۇرماقچىمىز.

لېكسىيىنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا كوممۇنىست ھاكىمىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتى ھەم مانجۇ ئىستېلاسىدىن بۇيان ھەل بولماي كەلگەن مىللىي زىددىيەت ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئىلھام ئەپەندى لېكسىيىنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا مۇنداق بايانلارنى بېرىدۇ:
”2010- يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا 55 يىل بولدى. جۇڭگو كوممۇنىست پارتىيىسى 1949- يىلى ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغىنىدىن بۇيان، بۇ زېمىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرى رايونىغا ئايلاندى. جۇڭگو كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئىچكىرى رايوندىكى خەلقلەرنى كوللېكتىپ ھالدا رايونغا كۆچمەن بولۇپ ئولتۇراقلىشىشقا تەشكىللىدى. نەتىجىدە خىتاي مىللىتىنى ئاساس قىلغان كۆچمەنلەر رايونغا كۆچۈرۈپ كېلىنىپ، بۇ يەردىكى مىللەتلەرنىڭ مىللىي قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.2009- يىلى يىل ئاخىرىغا كەلگەندە رايوندىكى خىتايلارنىڭ نىسبىتى 1949- يىلدىكى 4.5% تىن 39% كە يەتتى. ھالبۇكى ئۇيغۇرلارنىڭ نىسبىتى بولسا ئەسلىدىكى 80% تىن 47% كە چۈشۈپ قالدى. بۇ خىل ئەھۋال رايوندا ئۇيغۇرلار ھەم خىتايلاردىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مىللەت قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈردى. بۇ ئىككى مىللەتنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، تىلى، ئېتىقادى، سىياسىي قارىشى قاتارلىقلار تامامەن ئوخشىمايتتى. مىللىي ئالاھىدىلىكىمۇ روشەن پەرقلىق بولۇپ. بىر-بىرىگە قارمۇ-قارشى ئىدى. بۇ خىل قارمۇ-قارشىلىق ۋە پەرق ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھازىرقى ئالاھىدە مەدەنىيەت مۇھىتى شەكىللەندى.“

ئىلھام توختى ئەپەندى كىرىش سۆز قىسمىدا يەنە مانجۇ ئىستېلاسىدىن بۇيان رايوندا مىللىي زىددىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز ھەل بولماي كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئىلھام توختى ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق بايان بېرىدۇ:
”ئۇيغۇر رايونى جۇڭخۇا ئىمپېرىيىسىگە كىرگۈزۈلگەندىن بۇيان، رايوندىكى مىللەتلەرگە قارىتىلغان سىياسەت مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن يەرلىك ھاكىمىيەت ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسى تېما بولۇپ كەلدى. چۈنكى رايوندا يۈرگۈزۈلگەن ھەرقانداق سىياسەت بۇ يەرنىڭ ھۆكۈمەت تۈزۈلمىسى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، مائارىپ تۈزۈمى، بايلىق تەقسىماتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى رايوندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مىللىي سىياسەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ شىنجاڭ مەسىلىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بىرلىككە كەلگەن ئورتاق قاراش. ئەمما، جۇڭگو ھوقۇق مەركەزلەشكەن بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، مىللىي مەسىلىدە دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ كەلدى. دۆلەت ئىچىدە ئەجدىھانىڭ ئەۋلادى، يەنخۇاڭ ئەۋلادى دېگەندەك نەزەرىيىلەر كۈچىيىپ، خىتاي تىلى ئەمەلىيەتتىكى دۆلەت تىلى دەپ قارالدى. ئىلاھسىزلىق تەرغىب قىلىنىپ، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى قاراشلىرى چەتكە قېقىلدى. شىنجاڭدىكى ئاساسلىق مەسىلە بولسا ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەر بىلەن خىتايلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم نەزەرىيىۋى قاراشلىرى بار، ئۇلار بىر ‏- بىرىدىن پەرقلىق. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 50 نەچچە يىلدىن بۇيان مىللىي ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقى ھەم ياخشىلايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلدى. شىنجاڭ مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئوخشىمايدىغان تەكلىپ پىكىرلىرىنى قويۇپ كەلدى. ئەمما، رايوندىكى مىللىي مەسىلىلەر ھەل بولماي كەلدى.“

ئۇيغۇر رايونىدىكى مىللىي سىياسەتتە مەركىزى ھۆكۈمەت ھەم خىتاي مىللىتىنىڭ مەنپەئىتى ئاساس قىلىندى

ئىلھام توختى ئەپەندى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىدە « رايوندا خىتاي مىللىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان » لىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق بايان قىلىدۇ:
”شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانى پارتكوم ھەم دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئىدارىلەرنىڭ رەھبەرلىرى. ئاساسلىق باشقۇرغۇچىلارنىڭ زور كۆپچىلىكى خىتاي مىللىتىدىن تەركىب تاپقان. بۇ شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تۆمۈر تۈزۈمى، ھەرقانداق ئاممىۋى تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ بۇ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىشىغا رۇخسەت يوق. ئىلگىرى مۇشۇنداق ئىدى، ھازىرمۇ شۇنداق، بەلكىم يېقىن كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق بولۇشى مۇمكىن. رايوندىكى ئاخبارات، مەتبۇئاتلار، ھەرقايسى جەمئىيەتلەرنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلىرىنى تۇتقۇچىلار يەنىلا خىتايلار. بۇ ئورگانلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە ھەم ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇشى ھەم قوللىشى ئاستىدا بارلىققا كەلگەن. 60 يىل جەريانىدا ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى نۆۋەتلىك رەئىسىدىن باشقا قالغان رەئىسلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ رەئىسلىرىنىڭ ھەممىسى مەركىزى ھۆكۈمەت تەيىنلىگەن ھەم ئۇزۇن مەزگىللىك كۆزىتىش ھەم تەربىيىلەشتىن ئۆتكەن، سادىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى كىشىلەر. خىتاي مىللىتىدىن تەيىنلەنگەن پارتكوم سېكرېتارى ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسى ھوقۇقىنى ئۆز قولىغا ئالغان.“

ئىلھام توختى ئەپەندى 2009- يىلى 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى ھۆكۈمەت قۇرۇلمىسىدىكى ئەھۋال ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
”2009- يىلى 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، مەركىزى ھۆكۈمەت شىنجاڭغا ئەڭ زور كۆلەمدىكى تەتقىقاتچىلار قوشۇنىنى ئەۋەتتى. ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ بۇ ھەقتە بەس-بەستە خەۋەر بېرىشتى. شۇڭا بېزىلەر جۇڭگونىڭ شىنجاڭغا قاراتقان مىللىي سىياسىتىدە مەلۇم ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن دەپ قاراشتى. ئەمما، مەن ئۇنداق قارىمايمەن. مېنىڭچە، ھازىر رايوندا « ۋاڭ تەرەپدارلىرى » بىلەن ئىسلاھاتچىلار تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىسىدا كۈچ سېلىشتۇرمىسى بولغاندىن باشقا، خىتاي مىللىتىنىڭ رايوندىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. چۈنكى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ خىتايلارنىڭ كۈچى ئارقىلىق رايوندا سىياسەت يۈرگۈزۈش ھەم رايونغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئىدېئولوگىيىسى ئۆزگەرگىنى يوق.“

ئىلھام ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ قارىشىنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ:
”مەركىزى ھۆكۈمەت ئۈزلۈكسىز ھالدا بىڭتۇەننى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. بۆلۈپ بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ياردەم بېرىش نامىدا يەر ھەم بايلىقلارنى تەقسىم قىلىۋاتىدۇ. «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» نامىدا پىلانلىق تەشكىللىك ھالدا زور كۈچ بىلەن خىتاي تىلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇۋاتىدۇ. گەرچە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، ئىشسىز،ئالىي مەكتەپنى تۈگەتكەن ياشلارنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، شىنجاڭغا ياردەم نامىدا يەرلىكتىن ئېلىنىدىغان بايلىقنىڭ بىر قىسمىنى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنى ياخشىلاشقا ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى پىلان ئىچىدىكى بىر تامچە سۇلا خالاس. چۈنكى بۇ تەرەققىياتلارنىڭ ھەممىسى رايوندىكى خىتاي مىللىتى ھەم يېڭىدىن كۆچۈرۈلۈپ كېلىۋاتقان كۆچمەنلەرنىڭ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلماقتا. پارتكوم سېكرېتارلىرى ھەم ھەرقايسى دەرىجىلىك خىتاي ھوقۇقدارلىرى بۇ تەرەققىياتنىڭ پىلانلىغۇچىلىرى ھەم ئىجراچىلىرى. شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، كەلگۈسىدە رايوندىكى ئىقتىسادى سەۋىيىنى كۆرسىتىدىغان ‹گ د پ › نىڭ ئېشىشىمۇ يەنىلا رايوندا ھۆكۈمرانلىق ئورنىدا تۇرۇۋاتقان خىتاي مىللىتىنىڭ مەنپەئىتىنى ئاساس قىلغان بولىدۇ.“

ئىلھام توختى ئەپەندى لېكسىيىسىنىڭ كېيىنكى قىسمىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ ئاتالغان بۇ زېمىندا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارغا قارىتىلغان سىياسەتتىكى پەرق ھەم بۇ ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللار ھەققىدە توختالغان. بىز كېيىنكى پروگراممىمىزدا ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ لېكسىيىسىنىڭ كېيىنكى قىسمىدىكى مەزمۇنلارنى تونۇشتۇرىمىز.

http://www.r12172010163659.htmlfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/ilham-toxti-

Share
1969 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.