logo

trugen jacn

ئىلھام توختىنىڭ قىسىچە ھاياتى

1825732547ilahmtohti1 (1)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ‹كۈنتەرتىپتىكى شەخس› ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، 2014- يىلى 23- سېنتەبىردە «بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى» سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئىقتىساد پىروفېسسورى ئىلھام توختىنىڭ قىسقىچە ھاياتى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

ئىلھام توختى 1969- يىلى 25- ئۆكتەبىردە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاتۇش ۋىلايىتى (ئۆز ۋاقتىدىكى ئاتۇش ناھىيەسى) گە قاراشلىق ئۈستۈن ئاتۇش بازىرىنىڭ شورۇق يېزىسىدا دۇنياغا كەلدى. باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئاتۇشتا ئوقۇپ تۈگەتكەندىن كېيىن بېيجىڭغا بېرىپ، بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىردى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەزكۇر مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىققا تەيىنلەندى.

ئۇ ئوقۇتقىچىلىق قىلىش جەريانىدا مەيلى لېكسىيەلىرى، مەيلى ماقالىلىرى ئارقىلىق بولسۇن، مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنى ئىزچىل تۈردە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنى ۋە 1984- يىلىدىكى مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئەمەلىي ئىجرا قىلىشقا چاقىردى.

ئىلھام توختى 2005- يىلىغا كەلگەندە، ‹ئۇيغۇر ئونلاين› ناملىق تور بەت ئېچىپ، ساقلىنىۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدە ھەم خىتاي ھەم ئۇيغۇر تىللىرىدا ماقالىلەرنى يېزىپ تارقىتىشقا باشلىدى. 2008- يىلى ماي ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختىنىڭ چەت ئەللەردىكى ئاشقۇن ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تور بېتىنى تاقىۋەتتى. ئىلھام توختى 2009- يىلى مارتتا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆچمەن ئىشچىلار سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي رايونلىرىغا ئىشچى قىلىپ ئەۋەتىلىشىنى ئەيىبلىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرىمۇ بەزىدە ئۇنىڭ تەنقىد ئوبيېكتى بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن، ئىلھام توختىنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشى چەكلەندى. ئۇ تور بەتلەردە ماقالە ئېلان قىلىش ئارقىلىق مىللەتلەر ئارىسىدا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 2009 – ۋە 2011- يىللىرى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى. 2009- يىلى 5- ئىيۇلدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقە توغرىسىدا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىلھام توختى 7- ئىيۇل كۈنى ئۆيىدىن نامەلۇم بىر يەرگە ئېلىپ كېتىلىپ، 2009- يىلى 22- ئاۋغۇستتا قويۇپ بېرىلدى.

2011- يىلى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا دەرس ئۆتۈشتىن توختتىپ قويۇلدى. 2013- يىلى بىر يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن قىزى بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكىغا بېرىشقا تەمشىلىۋاتقاندا، دائىرىلەر ئۇنىڭ چەت ئەلگە چىقىشىغا يول قويمىدى.

ئىلھام توختى مەيلى خىتاي ئىچىدىكى مېدىيا ۋاستىلىرى ياكى چەت ئەل ئاخباراتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بولسۇن، داۋاملىق تۈردە ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇندا كۆرسىتىلگەن ھەق – ھوقۇقلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىشى كېرەكلىكىنى، شۇنداق بولغاندا، ھەم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەم دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىتلارنىڭ يارىتىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى.

بېيجىڭ دائىرىلىرى 2014- يىلى 15- يانۋاردا ئىلھام توختى نازارەت ئاستىغا ئالدى، 16- يانۋار كۈنى خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئۇنىڭ «قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى» ئۈچۈن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى، لېكىن، سادىر قىلغان جىنايىتىنىڭ ماھىيىتى ۋە قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى. 25- فېۋرالدا ئىلھام توختى رەسمىي يۇسۇندا «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى. ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن خەۋپسىزلىك تارماقلىرى تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنىڭ ئائىلىسىگە ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىر تۈرمىدە ئىكەنلىكىدىن ۋاقىپلاندۇردى.

ئىلھام توختى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغاندىن كېيىن، غەرب دۇنياسى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەر دائىرىسىدە ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن چاقىرىق قىلغان بولسىمۇ، خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، بۇ خىل باياناتلاردىن مەمنۇن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، ئامېرىكا باشلىق غەرب ئەللىرىنى «خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە خاتىمە بېرىش» كە چاقىردى.

ئىلھام توختى قاماقتىكى مەزگىلىدە 10 كۈنلۈك مۇددەت بىلەن ئىككى قېتىم ئاچلىق ئېلان قىلدى؛ يانۋار ئېيىدا ئادۋوكاتى ئىلھام توختىنىڭ بىرىنچى قېتىم «ئىسلامىي بەلگىلىمىلەرگە مۇناسىپ بولمىغان تاماقلار بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن 10 كۈن ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقى» نى ئاشكارىلىغانىدى. ئىككىنچى قېتىم بولسا، كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بېرىپ، 29 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم 10 كۈنلۈك ئاچلىق ئېلان قىلدى.

ئىلھام توختى بىر قانچە ئاي قاماقتا ياتقاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم 8- سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە بىرىنچى قېتىم سوتلاندى ۋە سوت 17- سېنتەبىرگە كېچىكتۈرۈلدى. 2014- يىلى 17 – 18- سېنتەبىر كۈنلىرى ئىككىنچى قېتىم ئۈرۈمچى ئوتتورا خەلق سوت مەھكىمىسىدە سوتلاندى، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ سوت زالىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىدى. خىتاي مېدىياسى، ئىلھام توختىنىڭ ئىككى ئادۋوكاتىنىڭ سوتنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە ئۇنى ئاقلىغانلىقىنى، سوتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى. ئاخبارات ۋاستىلىرى، ئىلھام توختىنىڭ ئۆزىگە قارىتىلغان بارلىق ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. 23- سېنتەبىر سەيشەنبە كۈنى ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى ئۇنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقىنى، پۈتۈن مال – مۈلكىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقىنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى. شۇ كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى سىياسەت ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى ئالىي ۋەكىلى كەترىن ئەشتىن ئىلھام توختىغا بېرىلگەن جازانىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ۋە ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئارقىدىن خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئىلھام توختىنىڭ قانۇن بويىچە سوتلانغانلىقىنى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ئەدلىيە ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. 24- سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېررى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىدىن بىئاراملىق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇنىڭ ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى. بۇ مەزمۇنداق ئاق سارايمۇ شۇ كۈنى ئايرىم يازما بايانات ئېلان قىلدى. 24- سېنتەبىر ئىلھام توختىنىڭ ئاۋدوكاتى، ئۇنىڭ تۈرمىدىن تىنچلىق ئۈچۈن چاقىرىق قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

*  *  *  *  *

ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىغا چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ نارازىلىق بىلدۈردى. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئىلھام توختىنىڭ ئادىل سوتلانمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سىيت تۈمتۈرك ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، «ئىلھام توختىنىڭ ئادىللىق تەلەپ قىلىۋاتقان ئىلىم ئەھلى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ سوتىنىڭ پۈتۈنلەي سېنارىيەدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى» ئېيتتى.

ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنىشىغا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەلقئارا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، خەلقئارا مۇستەقىل ئاخباراتچىلار تەشكىلاتى، چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار نارازىلىق بىلدۈردى. تۈركىيەدە مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ ئىغدىر پارلامېنت ئەزاسى سىنان ئوگانمۇ ئىلھام توختى مەسىلىسىنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنت) دە ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

خەلقئارا مۇستەقىل ئاخباراتچىلار تەشكىلاتى، 2014- يىللىق باربارا گولدسمىت ئەركىنلىك مۇكاپاتىنى ئىلھام توختىغا بېرىشنى قارار قىلدى ۋە ماي ئېيىدا نىيۇ يوركتا مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئىلھام توختىنىڭ مۇكاپاتىنى ئامېرىكا ئىدىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان قىزى جەۋھەر ئىلھامغا دادىسىغا ۋاكالىتەن بەردى.

ئىلھام توختى ئۆيلۈك – ئوچاقلىق بولۇپ، ئىككى پەرزەنتى بار.

‹كۈنتەرتىپتىكى شەخس› ناملىق كۈنتەرتىپتىكى مۇھىم شەخسلەر تونۇشتۇرۇلىدىغان سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، 2014- يىلى 23- سېنتەبىردە «بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى» سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئىقتىساد پەنلىرى پىروفېسسورى ئىلھام توختىنىڭ قىسقىچە ھاياتى بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى

Share
1838 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.