logo

trugen jacn

ئىلھام توختىنىڭ «شىنجاڭدىكى مىللىي مەسىلىلەر ۋە تەكلىپ» ناملىق ماقالىسى ھەققىدە

3ac0d641-86df-4d92-b632-592cf67dd7b9

مېھرىبان

اڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئاشكارا تەنقىد قىلغىنى ئۈچۈن، 2014-يىلى 23-سېنتەبىر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «دۆلەتنى پارچىلاش ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ «شىنجاڭدىكى مىللىي مەسىلىلەر ۋە تەكلىپ» ناملىق ماقالىسىنىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسى 22-ئاپرېل ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالە 2014-يىل 15-يانۋار ئىلھام ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، پىللار سۆھبىتى(داشياڭ گۇڭخۇي) ناملىق تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنىپ، كېيىن ئېلىۋېتىلگەن. ئىلھام ئەپەندى ئىلگىرى رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدىمۇ كۆپ قېتىم خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ۋە ۋاڭ لېچۈەندىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلەنگەن جاڭ چۈنشيەننىڭ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتىنى ئەمەلىي ئىجرا قىلىش ئەھۋالى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

22-ئاپرېل كۈنى «خىتايدىكى ئۆزگىرىش» ChinaChange.org تور بېكىتىدە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ «شىنجاڭدىكى مىللىي مەسىلىلەر ۋە تەكلىپ» ناملىق ماقالىسىنىڭ سىندىي كاتېر تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان ئىنگلىزچە نۇسخىسىنىڭ 1-قىسمى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ماقالە تۋىتېر، فېيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىغا تارقىلىپ، زور ئىنكاس قوزغىدى.

ئىلھام ئەپەندىنىڭ بۇ ماقالىسى 2013-يىل 10-ئاي مەزگىلىدە خىتاي تىلىدا يېزىپ تاماملانغان. ماقالىنىڭ تور بېكەتلىرىدىكى تۇنجى نۇسخىسى 2014-يىل ئىلھام توختى ئەپەندى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، پىللار سۆھبىتى ناملىق تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان. ئىلھام ئەپەندى ماقالىسىدە، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خىزمەت مەسىلىسى، قوش تىللىق مائارىپ مەسىلىسى، دىنىي مەسىلىلەر، مىللەتلەر قۇرۇلمىسى ۋە مىللىي ئايرىمىلىق مەسىلىسى، ھۆكۈمەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىغا ۋە زىيالىيلارغا ئىشىنىش مەسىلىسى، بىڭتۇەن مەسىلىسى قاتارلىق ئالتە چوڭ تېما بويىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە قارىتا تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئىلھام ئەپەندى 2009-يىلىدىكى«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن رادىئومىزدا ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرىدە ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەرنى ھەر خىل ئۇسۇلدا كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئۆزىنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە «ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى» ھەققىدە مەخسۇس تەكلىپ سۇنۇشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئەمدى سىلەرگە ئەسلىتىدىغىنىمىز، ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ 2010-يىلى 5-ئايدا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» چاقىرىشتىن ئىلگىرى يەنى 2010-يىلى 15-ئاپرېل كۈنى رادىئومىزغا بۇ ھەقتە بەرگەن مەخسۇس سۆھبىتى. ئىلھام ئەپەندى شۇ قېتىمقى سۆھبەتتە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ياردەم نامىدا 19 ئۆلكە، شەھەردىكى شىركەتلەرنى يەرلەشتۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن بۇ زېمىندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىشى ۋە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى ياخشى بىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھەم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ پىكرىنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-04232015141714.html

Share
1572 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.