logo

trugen jacn

ئىلھام توختىنىڭ سوتىغا تەكلىپ قىلىنغان سىرلىق كىشىلەر

b578359e-12cb-432c-998b-e092221ff07d

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىلھام توختىنىڭ دېلوسى بويىچە 17- ۋە 18-سېنتەبىر كۈنلىرى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان سوت پۈتۈن دۇنيادىكى تاراتقۇلار ۋە ھەققانىيەتنى ياقلايدىغان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى چەكتى.

دۇنياۋى تاراتقۇلار ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى نەتىجىسىدە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىملىق ئاتالمىش «ئوچۇق سوت» نىڭ بىر قىسىم ۋىدېئولۇق ۋە سۈرەتلىك كۆرۈنۈشلىرىنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولدى.

دىققەت قوزغايدىغىنى شۇكى، ئىلھام توختىنىڭ سوتىغا ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە بىۋاسىتە تۇغقانلىرىدىن پەقەتلا 4 كىشىنىڭ قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىندى. ئۇلاردىن باشقا سوت مەيدانىدا ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك «سىرتتىن ئاڭلىغۇچى» ياكى «ئامما ۋەكىلى» دېگەن نامدىكى بىر ئوچۇم سىرلىق كىشىلەر ئىدى.

كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى شۇكى، ئىلھام توختىنىڭ سوتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۇ قېتىملىق سوتقا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان بۇ سىرلىق كىشىلەرنى بىر-بىرلەپ زىيارەت قىلغان.

گۈلىيار ئىسىملىك سالاھىيىتى نامەلۇم بىر ئايال خىتاي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «ئىلھام توختى سوتىنىڭ قانۇنىي تەرتىپلەر بويىچە ئىنتايىن ئادىللىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تارىخ ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچى خادىمى مەھمۇت ئابدۇۋەلى خىتاي مۇخبىرىغا «ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە ۋەكىللىك قىلمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

ئايگۈل ياقۇپ ئىسىملىك يەنە بىرەيلەن خىتاي مۇخبىرىغا سۆز قىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ «ئوقۇتقۇچىدىن ئىبارەت بۇ شەرەپلىك نامنى بۇلغىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

سوت مەيدانىدا ئىلھام توختىنىڭ ئارقىسىدىكى بىرىنچى رەتنىڭ ئوتتۇرىدا ئولتۇرغان ليۇ بىن ئىسىملىك خىتاي، مۇخبىرنىڭ زىيارىتىگە خۇلاسە خاراكتېرلىك بايانات بەرگەن.

ئۇ سۆزىدە «ئىلھام توختىنىڭ ئەزەلدىن ئالىم ياكى تەتقىقاتچى بولۇشقا لايىق سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقى، پۈتۈنلەي ئۆز-ئۆزىنى كۆپتۈرۈپ كۆرسەتكەنلىكى، ھەتتا ئۆز كەسپى بولغان ئىقتىساد ئىلمىگە مۇناسىۋەتلىك بىر پارچىمۇ ئىلمىي ماقالىسى يوقلۇقى» نى زەھەرخەندىلىك بىلەن تىلغا ئالغان.

ھالبۇكى، ئىلھام توختىنىڭ دۇنياۋى تاراتقۇلارغا ئۇلاپ بېسىلغان «مېنىڭ غايەم ۋە تاللىغان كەسپىم» دېگەن بىئوگرافىك ماقالىسىدە ئۇنىڭ 1994-يىلىدىن بۇيان «مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، «مىللىي ئىقتىساد»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئىقتىساد ئىلمىگە دائىر 20 پارچىدىن ئارتۇق ماقالىسىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

«شىنجاڭ قاراقۇرۇم مۇنبىرى» نىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان پروفېسسورى دېگەن قالپاق بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ليۇ بىن تېلېۋىزىيە مۇخبىرىغا يەنە مۇنداق دەيدۇ:
«زوراۋانلىق ۋە بۆلگۈنچىلىكنى تەشۋىق قىلىش ياكى ئۇنىڭغا قۇترىتىش ئەمەلىيەتتە زوراۋانلىق قىلمىشلىرىدىنمۇ خەتەرلىك بولغان ئامىلدۇر. بۇنىڭدىن كېيىن دەرس مۇنبەرلىرىنى تازىلاش كېرەك، ئىككىنچى بىر ئىلھام توختىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا قەتئىي يول قويماسلىق لازىم.»

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ سوتىغا قاتناشقان سىرلىق شەخس ليۇ بىننىڭ كىملىكى ۋە ئۇنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى رولى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ليۇ بىن قاتارلىق بىر تۈركۈم پەردە ئارقىسىدىكى سىرلىق كىشىلەرنىڭ ئىلھام توختىنىڭ دېلوسى بويىچە ئەيىبنامىنى تەييارلاشتا مۇھىم رول ئوينىغان كىشىلەر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپنىڭ تەشۋىقات ئورنىدا ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان پەزىلەت خانىممۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا قۇرۇلغان «قاراقۇرۇم مۇنبىرى» نىڭ ئىلمىي ۋىۋىسكا ئاسقان سىياسەت تەتقىقات ئورنى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ئالىي مەكتەپلەردىكى ئىدېئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىدىغان ئورگان ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-09262014175047.html

Share
1617 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.