logo

trugen jacn

ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر ئۆيى ئەتراپىدا نازارەتچىلەر كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈردى

e706ccb1-b306-4c91-a3fd-732d2e720c4b خىتاي ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئېللىوت سپېرلىڭ ئەپەندىگە ئۆزلىرى بەرگەن ۋىزىنى ئىناۋەتسىز قىلىۋېتىپ، چېگرادىن قايتۇرۇۋەتكەن. 2014-يىلى 5-ئىيۇل

 

مېھرىبان

ىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم، يېقىندىن بۇيان ئۇنى نازارەت قىلىدىغان پۇقراچە ساقچىلارنىڭ قايتىدىن پەيدا بولغانلىقىنى، بۇ قېتىمقى نازارەتنىڭ ئادۋوكات لى فاڭپىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن باشلانغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئېللوت سپېرلىڭ ئەپەندى بېيجىڭدىن قايتۇرۇۋېتىلگەندىن كېيىن، بۇ ئائىلىگە قارىتىلغان نازارەتنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

گۈزەلنۇر خانىم ئىلھام توختىنىڭ يېقىن دوستلىرىدىن ۋويسېر، ۋاڭ لىشيوڭ قاتارلىقلار ئەسلى دېيىشكىنى بويىچە، ئىچكى موڭغۇلدىكى ساياھەتتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، گۈزەلنۇر خانىم ۋە بالىلارنى يوقلاپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بىرنەچچە كۈندىن بۇيان ئۇلارنىڭ تېلېفون ۋە باشقا ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئالاقىلىرىنىڭمۇ تۇيۇقسىز ئۈزۈلۈشى ئۆزىنى ئەنسىرىتىپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كەررى 9-ئىيۇل چارشەنبە كۈنىدىن باشلاپ بېيجىڭدا خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى 6-قېتىملىق ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىسادىي دىئالوگ ئېلىپ بارغان بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىق قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جون كەررىنىڭ بېيجىڭ زىيارىتى مەزگىلىدە تىبەتلىك ئايال يازغۇچى ۋويسېر ۋە يازغۇچى ۋاڭ لىشوڭ قاتارلىق بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئۆيلىرىگە نەزەربەند قىلىنغان.

يازغۇچى ۋويسېر تىبەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى ھىمايە قىلغانلىق خىزمىتى ئۈچۈن 2013-يىلى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن خەلقئارالىق پىداكار ئايال مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بىراق، بېيجىڭ ئۇنىڭ ۋاشىنگتونغا كېلىپ مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋېلىشىغا يول قويمىغان ئىدى.

خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى مۇخبىرغا ۋويسېر ۋە ۋاڭ لىشيوڭ ئەپەندىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ۋويسېر بۇ قېتىمقى نەزەربەندنىڭ 5-ئىيۇل كۈنى بېيجىڭ ئايرودرومىدىن ئامېرىكىغا قايتۇرۇۋېتىلگەن ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى تىبەتشۇناس ئېللوت سپېرلىڭ ۋەقەسى ۋە ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ يېقىندا ئەر-ئايال ئىككىيلەننى ئەلچىخانىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان كەچلىك زىياپەتكە تەكلىپ قىلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۆلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تىبەتلىك ئايال يازغۇچى ۋويسېر، ئۇنىڭ ئېرى يازغۇچى ۋاڭ لىشىيوڭ ئەپەندى ۋە ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىبەتشۇناس پروفېسسورى ئېللوت سپېرلىڭ ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرىدىن تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە يول قويۇشقا چاقىرىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

ۋويسېر ۋە ۋاڭ لىشيوڭ 15-يانۋار كۈنى ئىلھام توختى دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش ھەققىدە ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى قوزغىغان. ئۇلار يەنە ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىغا ئوخشاش بىر زىيالىينى تۇتقۇن قىلىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۈزلۈكسىز تەنقىد قىلىپ كەلگەن ئىدى.

يېقىندىن بۇيان دائىرىلەرنىڭ ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئائىلىسىگە قارىتىلغان نازارەتنى يەنە كۈچەيتكەندىن باشقا، بۇ ئائىلىنىڭ يېقىن دوستلىرى بولغان ۋويسېر، ۋاڭ لىشيوڭدەك كىشىلەرنى نەزەربەند قىلىپ، ئېللوت ئەپەندىنى بېيجىڭدىن قايتۇرۇۋېتىشى گۈزەلنۇر خانىمنى ئەپسۇسلاندۇرغان.

ئېللوت ئەپەندىدىن ئامېرىكىدىكى قىزى جەۋھەرنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاشقا تەقەززا بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن گۈزەلنۇر خانىم، پروفېسسور ئېللوت ئەپەندىنىڭ كېلىدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندا خوش بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بېيجىڭ ئايرودرومىدىن قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغىنىدا كۆڭلىنىڭ تولىمۇ يېرىم بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېللوت سپېرلىڭ، 5-ئىيۇل كۈنى بۇ يىل 6-ئاينىڭ 18-كۈنى خىتاينىڭ چىكاگودىكى كونسۇلخانىسىدىن ئالغان، 90 كۈنلۈك ساياھەت ۋىزىسى بىلەن بېيجىڭ خەلقئارا ئايرودرومىغا قونغان ئىدى. ئەمما خىتاي ساقچىلىرى ئۇنى توسۇپ دەرھال ئامېرىكىغا ئۇچىدىغان ئايروپىلان بىلەن قايتىپ كېتىشكە بۇيرۇغان. ساقچىلار ئۇنىڭغا ئۇنىڭ قايتۇرۇلۇش سەۋەبى ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بەرمىگەندىن باشقا ئۇنىڭ بېلەت ئېلىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان 2000 دوللار پۇلىمۇ قايتۇرۇپ بېرىلمىگەن.

ئېللوت سپېرلىڭ بۇ ھەقتە «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «مەن ئىلگىرى كۆپ قېتىم جۇڭگوغا سەپەر قىلغانمەن، ئۇلار مېنى ھېچقاچان چېگرادىن قايتۇرغان ئەمەس. بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ مېنى بېيجىڭ ئايرودرومىدىن كەينىمگە قايتۇرۇۋېتىشىگە، شەك-شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىلھام توختىنى قوللاپ قىلغان سۆزلىرىم سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى بەرگەن ۋىزا ئۈستىگە رەت قىلىنغانلىق تامغىسىنى بېرىشى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ماڭا بەرگەن كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بولدى» دېگەن.

ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى تىبەتشۇناس ئېللوت سپېرلىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىدەك تىنچ يول بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان زىيالىينى تۇتقۇن قىلىشىنى خاتا دەپ ئەيىبلىگەن چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى. ئېللوت ئەپەندى يەنە بۇ يىل 5-ماي كۈنى نېۋيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلھام توختىغا ئامېرىكا يازغۇچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن بېرىلگەن «باربارا گولدىمىس ئەركىنلىك مۇكاپاتى»نى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا ئىلھام توختىنىڭ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان قىزى جەۋھەر بىلەن بىرلىكتە ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، مۇراسىمدا كۆپلىگەن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-07102014182920.html

Share
1727 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.