logo

trugen jacn

ئىلھام توختىنىڭ ئايالى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئائىلىسى دۇچ كېلىۋاتقان قىسمەتلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى

 

 مېھرىبان 

ئىلھام توختىنىڭ ئايالى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئائىلىسى دۇچ كېلىۋاتقان قىسمەتلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان 
2014-07-18
ilham-toxti-ailisi.jpg

ئىلھام توختى ئەپەندى ئائىلىسى بىلەن ئۆز ئۆيىدە خاتىرە سۈرەتتە. (ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)

Sociao Media

تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئائىلىسىگە قارىتىلغان تەقىب كۈچەيتىلىپ، ئائىلىسى تەھدىتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دېموكراتىيىنى ياقلىغۇچى بارلىق كىشىلەرگە مۇراجىئەت ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى ئىلھام توختى ئائىلىسى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتكە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

گۈزەلنۇر خانىم 18-ئىيۇل رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يېقىندىن بۇيان بۇ ئائىلىنى قايتىدىن نازارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلارنىڭ ئۆيىگە كەلگەنلەرنى توسقاندىن باشقا، ھەتتا ئۆزىگىمۇ تەھدىت سالغانلىقىنى، نۆۋەتتە بۇ خىل نازارەت ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا تەييارلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆتكەن ھەپتە تىبەتلىك ئايال يازغۇچى ۋويسېر ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم ۋە ئۇنىڭ ئوغلىنى يوقلاپ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بارغىنىدا، بىنا ئالدىدىكى نازارەتچىلەر تەرىپىدىن توسۇۋېلىنىپ ئۆيگە كىرگۈزۈلمىگەنلىكى ھەققىدىكى ئەھۋالنى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، چارشەنبە 16-ئىيۇل كۈنى خىتاي ئۆكتىچىسى خۇ جىيامۇ تۋىتېر تورىغا ئۇچۇر يوللاپ، ئۆزىنىڭمۇ گۈزەلنۇرنى يوقلاپ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بارغىنىدا ئىشىك ئالدىدىكى نازارەتچىلەر تەرىپىدىن توسۇۋېلىنىپ ئىلھام توختىنىڭ ئۆيىگە كىرەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تورداشلارنى ئالتە ئايدىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىلھام توختىغا ۋە ئۇنىڭ قاتمۇ-قات نازارەت ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئايالى گۈزەلنۇرنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان ئىدى.

گۈزەلنۇر خانىمنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن، بۈگۈن ئەتىگەن يەنى 18-ئىيۇل گۈزەلنۇر خانىمغا تېلېفون قىلدۇق.

گۈزەلنۇر خانىم بۇ ئائىلىنىڭ دوستلىرى ۋويسېر ۋە خۇ جىيا قاتارلىقلار ئۇنى يوقلاپ كەلگىنىدە ۋە ئامېرىكا مۇخبىرلىرى ئۇنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كەلگىنىدە بىنا ئالدىدىكى نازارەتچىلەر تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يېقىندىن بۇيان ئۆزىگە قارىتىلغان نازارەتنىڭ يەنە كۈچەيتىلىشى ئۇنىڭغا ۋە ئەمدىلا 5 ياشقا كىرگەن كىچىك ئوغلىغا ئېغىر روھى بېسىم ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

گۈزەلنۇر خانىم دائىرىلەرنىڭ 5-ئىيۇلدىن باشلاپ بىنا ئالدىدا قايتىدىن پەيدا بولغان نازارەتچىلەرنىڭ بۇ ئائىلىگە زىيارەتكە كەلگەن ھەرقانداق كىشىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويماي توسقۇنلۇق قىلغىنى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئۇلار بىلەن بىرقانچە قېتىم تاكاللىشىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىلگىرىكى نازارەتچىلەردىن پەرقلىق بولغان بۇ قېتىمقى نازارەتچىلەرنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان قوپال مۇئامىلىسى ۋە يولسىزلىقى، ئۇنى يوقلاپ كەلگەن دوستلىرىنى ئەنسىرىتىپ ئۆزىدە ۋەھىمە پەيدا قىلغانلىقى ئۈچۈن،  ئادۋوكات ئارقىلىق بۇ ئائىلىگە قارىتىلغان نازارەت ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ئۆكتىچىسى خۇ جىيا يەنە 17-ئىيۇل پەيشەنبە كۈنى گېرمانىيە رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا نامەلۇم كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە بۇ قېتىم تاياق يېيىشىنىڭ سەۋەبى ئۆزىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى بولۇپمۇ، تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى قوللىغانلىقى سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گۈزەلنۇر خانىم ئىلھام ئەپەندىنىڭ يېقىن دوستلىرىدىن بىرى بولغان خۇ جىيانىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەردىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دائىرىلەرنىڭ قاتمۇ-قات بېسىمى، نازارىتى ۋە تەقىب قىلىشى سەۋەبلىك ئىلھام ئەپەندىنىڭ دوستلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۆۋەتتە بۇ ئائىلە بىلەن بارغانچە يىراقلىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ، تەتىل كۈنلىرىدە بېيجىڭدا كىچىك ئوغلى بىلەن يالغۇز ياشاۋاتقان ئۆزىگە روھى جەھەتتىن تېخىمۇ ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەققانىيەتنى ياقلىغۇچى كىشىلەرنىڭ ئېرى ئىلھام توختى ۋە 24 سائەتلىك نازارەت سەۋەبىدىن نورمال ياشاش ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم بولۇۋاتقان ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندى بۇ يىل 15-يانۋار كۈنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، زىيالىيلار، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىنچلىق يول بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىپ كەلمەكتە. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش مەسىلىلىرى خىزمەت گۇرۇپپىسى» مۇ يېقىندا ئېلان قىلغان بىر باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە ۋە ئۇنىڭغا تۆلەم تۆلەشكە چاقىرغان. ئۇلار باياناتىدا، پىكىر ۋە سۆزلەش ئەركىنلىكىنىڭ ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي ھوقۇقى ئىكەنلىكى، ئىلھام توختىنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن جازاغا تارتىلماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىنى قولغا ئېلىش ئارقىلىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/kishilik-hoquq-ilham-tohti-07182014215345.html

Share
1663 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.