logo

trugen jacn

ئىلھام توختىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى يوقلاش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە يېتىپ باردى

İlham Tohti

مېھرىبان

ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىدلىگىنى ئۈچۈن، بۇلتۇر دائىرىلەر تەرىپىدىن «دۆلەتنى پارچىلاش، مىللىي قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى ئارتىلىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەشھۇر ئۇيغۇر ئۆكتىچىسى ئىلھام توختىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى يوقلاش ئۈچۈن 6-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىگە يېتىپ باردى.

ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئايالى گۈزەلنۇر خانىمنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئىلھام توختىنىڭ 2-ئاكىسى ۋە ئانىسى 6-ئۆكتەبىر كۈنى ئاتۇشتىن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن. ئۇلار كېلەر دۈشەنبە يەنى 12-ئۆكتەبىر كۈنى تۈرمىدىكى ئىلھام توختى بىلەن كۆرۈشۈش رۇخسەتنامىسى ئالغان.

بۇ يىل7-ئاينىڭ بېشى ئىلھام توختى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن.ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر ۋە 2 ئوغلىنىڭ ئىلھام بىلەن كۆرۈشۈشىگە پەقەت 1 سائەتلا ۋاقىت بېرىلگەن. كۆرۈشۈشتىن كېيىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گۈزەلنۇر خانىم ئىلھامنىڭ روھى كەيپىياتى ياخشى بولسىمۇ، ئەمما ئورۇقلاپ كەتكەنلىكىنى، تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ پەقەت ھەر 6 ئايدا بىر قېتىم ئىلھامنى يوقلاشقا رۇخسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دائىرىلەرنىڭ ئىلھام توختىغا خىتاي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن «مەھبۇسلار ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ھەر 3 ئايدا بىر قېتىم كۆرۈشۈش ھوقۇقى» نىمۇ بەرمەسلىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى.

خىتاي مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى دوتسېنتى ئىلھام توختى 2014-يىلى 15-يانۋار بېيجىڭدىكى ئۆيىدە تۇتقۇن قىلىنىپ، بۇلتۇر 23-سېنتەبىر ئۇ ۋە ئۇنىڭ 8 نەپەر ئوقۇغۇچىسى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلغان. ئەينى چاغدا دائىرىلەر ئىلھام توختىنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلىپ ئۇنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-10062015163247.html

Share
1606 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.