logo

trugen jacn

ئىلھام توختىغا مۇناسىۋەتلىك 2016-يىلىدىكى بىر قانچە مۇھىم ۋەقەلەر

 

cropped-cropped-cropped-logo-rgb11

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

2016-يىلى ئىلھام توختى مەسىلىسى خەلقئارادا تېخىمۇ كەڭ تونۇلغان ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر زور دەرىجىدە كۆپەيگەن بىر يىل بولدى.

خىتاي مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئەيىبلىگەنلىكى سەۋەبلىك 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇتقۇن قىلىنىپ، شۇ يىلى 23-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن قارىلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. شۇندىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئىلھام توختى خەلقئارادا دىققەتنى چېكىدىغان سىياسىي تۇتقۇن ھەم كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىگە ئايلاندى ۋە خەلقئارادىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرى ئۇنىڭغا ئىگە چىقىپ، ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى يولىدا تۈرلۈك شەكىللەردە مۇجادىلە قىلىپ كەلدى.

2014-يىلى ۋە 2015-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا، 2016-يىلى ئىلھام توختى مەسىلىسى خەلقئارادا يەنىمۇ كەڭ تونۇلدى. ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلدى. ئامېرىكا، ياۋروپا بىرلىكى ۋە بەزى دېموكراتىك ئەللەرمۇ ئىلگىرى-كېيىن ئۇنىڭ گۇناھسىزلىقى ھەققىدە باياناتلار ئېلان قىلىپ، ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقان ئىدى.

2016-يىلى خەلقئارادا ئىلھام توختىغا مۇناسىۋەتلىك نېمە ئىشلارنىڭ بولۇپ ئۆتكەنلىكىگە نەزەر ئاغدۇرساق، ئاز دېگەندە تۆۋەندىكى پائالىيەتلەر كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ:

  • 1. باۋارىيە پارلامېنتىدا 12-دېكابىر كۈنى «ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى» ناملىق خەلقئارالىق يىغىن بولۇپ ئۆتتى. ئونغا يېقىن دۆلەتتىن كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە ئىلىم ئادەملىرى قاتناشقان بۇ يىغىندا، ئىلھام توختىنىڭ كىشىلىك قىممىتى، قىسمىتى ۋە روھى ھەققىدە مۇھاكىمىلەر بولۇپ ئۆتتى. ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى، 80 گە يېقىن كىشى قاتناشقان بۇ يىغىننىڭ ھازىرغا قەدەر ئېلىپ بېرىلغان ئىلھام توختىغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر ئىچىدە ئەڭ نەتىجىلىك بىر پائالىيەت بولغانلىقىنى تەستىقلايدۇ ھەمدە ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە غايىسىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەنپەئەتى بىلەن توقۇنۇشمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
  • 2. ياۋروپا پارلامېنتىدا بۇ يىل 10-ئۆكتەبىر كۈنى، «ئىلھام توختى ۋە ساخاروف مۇكاپاتى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى. بىريۇسسېل شەھىرىدە ئېچىلغان بۇ يىغىننى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى ۋە خىتايدا ئۆزگىرىش تەشكىلاتى ھەمكارلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئاساسلىقى تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەڭ ئالىي مۇكاپاتى بولغان «ساخاروف كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» غا نامزات كۆرسىتىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ تىنچلىقپەرۋەر پائالىيەتلىرىگە دىققەت تارتىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى.
  • 3. 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا يەنە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ۋە ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئىلھام توختىغا ئائىت مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
  • 4. 25-26-ئاپرېل كۈنلىرى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا چاقىرىلغان «ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى يىغىنى» دا ئىلھام توختى مەسىلىسى مۇھىم سۆز تېمىسى بولۇپ مۇھاكىمىگە قويۇلدى ۋە ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى.
  • 5. «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى»نىڭ تەشەببۇسى بىلەن دۇنيا ئىلىم ساھەسىدە تونۇلغان 400 نەپەر كىشى 2016-يىلى يانۋاردىن باشلاپ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا ئوچۇق خەت يېزىپ، تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

يۇقىرىقىلار مەتبۇئاتلاردا تەسىر قوزغىغان ئىلھام توختىغا ئائىت پائالىيەتلەرنىڭ كۆرۈنەرلىك بىر قىسمى بولۇپ، بۇندىن باشقا د ئۇ ق ۋە جايلاردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ ئىلھام توختىغا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن يىغىن، بايانات، يىغىلىشلار ئېلىپ باردى. خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەلۇماتلار تېخىمۇ كۆپ بولدى. خىتاي دېموكراتلىرىمۇ بۇ ساھەدە تىرىشچانلىقلار كۆرسەتتى.

ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، ئىلھام توختى مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا بارغانسېرى كۈچلۈك تەسىر يارىتىشىغا سەۋەب بولغان ئاساسىي ئامىلنىڭ، ئۇنىڭ مۆتىدىل بىر ئۆكتىچى زىيالىي بولغانلىقى، پىكىرلىرىنىڭ خىتاي قانۇنىدىن چەتنەپ كەتمىگەنلىكى، ئۇنىڭ كۈرىشىنىڭ تىپىك بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ دېموكراتىيە، ئەركىنلىك يولىدا ئېلىپ بارىدىغان كۈرەش مىزانىغا ماس كەلگەنلىكىدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.

2016-يىلى ئىلھام توختى يەنە بىر قىسىم مەشھۇر خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا ئىگە بولدى ياكى ئۇنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى. مەسىلەن:

  • 6. «ئىنسان ھەقلىرىنىڭ نوبېل مۇكاپاتى» دەپ تەرىپلىنىدىغان مارتىن ئەننالىس مۇكاپاتىنىڭ 2016-يىلى 10-ئۆكتەبىر كۈنى ئىلھام توختىغا بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىندى. باش ئورگىنى شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە بولغان مارتىن ئەننالىس فوندى بۇ مۇكاپاتنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا قارشى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىققۇچى شەخسلەرنى قوغداش مەقسىتىدە 1993-يىلى تەسىس قىلغان ئىدى. بۇ مۇكاپاتنى ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر توختى تاپشۇرۇپ ئالدى.
  • 7. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارارىغا بىنائەن، 15-سېنتەبىر كۈنى خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ساخاروف مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ تاللانغانلىقى جاكارلاندى. ئىلھام توختى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەڭ ئالىي مۇكاپاتى بولغان ساخاروف مۇكاپاتىنىڭ 2016-يىللىق نامزاتلىقىغا تاللانغان 4 شەخس قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى.
  • 8. 2014-يىلى 1-نويابىر تۈركىيەنىڭ بارتىن ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئىسمائىل گاسپىرالى ئەركىنلىك مۇكاپاتى» مۇراسىمىدا خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ نامى مەزكۇر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۇنجى ئۇيغۇر سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى ھاياجانغا سالدى. بۇ مۇكاپات بۇ يىل 24-ئىيۇل ئۇيغۇرلارغا تاپشۇرۇلدى.

دېمەككى، ئىلھام توختى مەسىلىسى 2016-يىلى يېڭى بىر تەرەققىيات دەۋرىگە كىردى ۋە 2017-يىللىق تەسىر ئۈچۈن ھۇل سېلىندى.

Share
1481 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.