logo

trugen jacn

ئىلھام توختىغا «تۈرك دۇنياسى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

24-نويابىر كۈنى خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا تۈرك دۇنياسى تەتقىقات فوندى تەرىپىدىن «تۇران يازغان تۈرك دۇنياسى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى.

تۈرك دۇنياسى تەتقىقات فوندىنىڭ قۇرغۇچىسى مەرھۇم تۇران يازغان ۋاپاتىنىڭ 6 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى 24-نويابىر كۈنى ئىستانبۇلدا «تۈرك دۇنياسى تۇران يازغان كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇراسىمدا خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا «تۇران يازغان تۈرك دۇنياسى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى.

مەزكۇر مۇكاپاتنى ئىلھام توختىغا ۋاكالىتەن ئەنگلىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە سەنئەتكار رەھىمە مەھمۇت خانىم تاپشۇرۇپ ئالدى.

مۇراسىم باشلىنىشى بىلەن تۈرك دۇنياسى تەتقىقات فوندىنىڭ رەئىسى گۆزخان يازغان ئەپەندى ئېچىلىش سۆزى سۆزلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىر زامانلاردا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈركىيەدە ئېچىلغان يىغىنلاردا، مۇراسىم ۋە مەتبۇئاتلاردا داۋاملىق تىلغا ئېلىنىپ تۇراتتى. ھالبۇكى بۈگۈن بۇ مەسىلە تۈركىيەدە ئاز تىلغا ئېلىنىدىغان، يەنى ئۇنىڭغا پەرۋاسىزلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئەھۋال شەكىللەنمەكتە. خىتاينىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىملىرىنى ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بىلدۈرۈپ، قېرىنداشلىرىمىزغا ئىگە چىقىشىمىز كېرەك. ھېچ بىر زامان شەرقىي تۈركىستاندا بولغۇلۇق بولدى دېمەسلىكىمىز لازىم. ھارماي-تالماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك. بىز تۈرك بىرلىكىدىن ئىبارەت بۇ غايىمىز يولىدا مۇستەھكەم بىر شەكىلدە يۈرۈشنى داۋام قىلىشىمىز كېرەك.»

ئاندىن كېيىن مەرھۇم تۇران يازغاننىڭ ھاياتىدىكى ئىش-پائالىيەتلىرى توغرىسىدا ئىشلەنگەن بىر ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. ئارقىدىن تۈرك دۇنياسىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن كەلگەن مېھمانلاردىن تاتارىستانلىق يازغۇچى رىنات مۇھەممىيوف، ماكېدونىيە «تۈرك مىللىي بىرلىك ھەرىكىتى» نىڭ رەئىسى ئەردوغان ساراچ، ھونگارىيە تۇران فوندىنىڭ رەئىسى ئاندېراس بىرو ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەر سۆز قىلدى.

مۇراسىمنىڭ كېيىنكى بۆلۈمى تۈرك دۇنياسى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى دېگەن تېمىدا داۋام قىلدى. ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالپئاسلان جەيلان ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىگە ئىمزا قويۇلغانلىقىغا 70 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادا ئىجابىي جەھەتتىن نۇرغۇن تەرەققىياتلار ئوتتۇرىغا چىقتى. ئەپسۇسكى، تۈرك دۇنياسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى دۇنياۋى تەشكىلاتلارنىڭ دىققەت نۇقتىسىدا بولالمىدى، ھەتتا بۇنىڭغا كۆز يۇمۇلدى. ئىراق تۈركمەنلىرى، سىپرۇس، ئەزەربەيجان ۋە شەرقىي تۈركىستان قاتارلىق بىر قانچىلىغان دۆلەت ۋە رايونلاردا تۈرك نەسىللىك خەلقلەرگە قارشى ئىككى بىسلىق ئۆزگىرىشلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ…»

يىغىندا يەنە ياۋرو-ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل جېنگىز سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىي خەلقلەر ياشايدىغان ھەر يەرلەردە ئەڭ كۆپ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى يۈز بېرىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلە گەرچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۈنتەرتىپىدە بولسىمۇ، ئەپسۇسلىنارلىق شۇكى مۇسۇلمان قېرىنداشلاردىن كۈتكەن دەستەكنى ئالالمىدۇق. تۈركىيە بولسا بۇ مەسىلىنى بىر قانچە جۈملە دىپلوماتىك كەلىمە بىلەنلا سىيپاپ ئۆتۈپ كەتتى.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرنىڭ، مەسىلەن، مىليونلارچە ئىنسانلارنىڭ ناھەق تۇتۇلۇپ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىشىنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسى يوقتۇر. بۇ ھادىسىلەر يەنە كېلىپ خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىغىمۇ ھەم خىتاينىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىغىمۇ پۈتۈنلەي خىلاپتۇر. بۇنىڭغا بىر قىسىم غەرب ئەللىرى، يەنى گوللاندىيە، شىۋېتسىيە، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، كانادا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتايغا قارشى زۆرۈر دىپلوماتىك ئاگاھلاندۇرۇشلار بېرىلدى.»

ئىسمائىل جېنگىز سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ دۆلەت گېربىدا تارىختا قۇرۇلغان 16 تۈرك دۆلىتىنىڭ بايراقلىرى ۋە سىمۋولى بار. شۇڭا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قىيىن ئەھۋالدا قالغان تۈرك دۇنياسىغا دەستەك بېرىشى كېرەك، شەرقىي تۈركىستانغا ئىگە چىقىشى كېرەك! . . .»

مەزكۇر يىغىندا ئىلھام توختىغا بېرىلغان «تۈرك دۇنياسى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات فوندىنىڭ رەئىسى گۆزخان يازغان ئەپەندى بىلەن ھونگارىيە تۇران فوندىنىڭ رەئىسى ئاندرېس بىرو ئەپەندى بىرلىكتە تارقاتتى. مۇكاپات ساھىبى ئىلھام توختىغا ۋاكالىتەن ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى رەھىمە مەخمۇت خانىم سەھنىگە چىقىپ تاپشۇرۇپ ئالدى.

رەھىمە مەخمۇت خانىم سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇمىغانلىقىڭلار ۋە ھازىر خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئىلھام توختىغا بۇ مۇكاپاتنى بېرىپ ئەسلىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن پۈتۈن ئۇيغۇر تۈركلىرى نامىدىن رەھمەت ئېيتىمەن. كاشكى، بۇ مۇكاپاتنى ئىلھام توختى ئۆز قولى بىلەن تاپشۇرۇپ ئالغان بولسا ئىدى! ئەمما شۇنداق دېيەلەيمەنكى، ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە تۇتقۇن قىلىنغان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ روھى ھازىر بىز بىلەن بىرگىدۇر. مەن بۇ مۇقەددەس ئامانەتنى ئۆمۈر بويى قەلبىمدە ساقلايمەن. ياشىسۇن مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان! ياشىسۇن تۈرك مىللىتى! ياشىسۇن تۇران! . . .»

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھامىدخان گۆكتۈرك ئەپەندى «تۇران يازغان تۈرك دۇنياسى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» ۋە ئۇنىڭ ئىلھام توختىغا بېرىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلدى.

مەزكۇر مۇراسىمدا ئىلھام توختىنىڭ خىتايغا قارىتىپ يازغان «ئۆز ئاساسىي قانۇنىنى دەپسەندە قىلغان دۆلەت، ئۆز قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلغان دادىغا ئوخشايدۇ» دېگەن مەشھۇر سۆزى ئوقۇپ ئۆتۈلگەندە يىغىن ئەھلى قىزغىن چاۋاكلار چېلىپ ئالقىشلىدى.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-11262018163218.html

Share
20582 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.