logo

trugen jacn

ئىلى دائىرىلىرى يەنە 12 كادىرنى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن جازالىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

image
مېھرىبان

دائىرىلەر 1 – دېكابىر دۈشەنبە كۈنى ئىلى ئوبلاستىدا يەنە 12 نەپەر ھۆكۈمەت كادىرىنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن جازالانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خەۋەردە بۇلارنىڭ بەزىلىرىگە پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىپ، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقى يەنە بەزىلىرىنىڭ پۈتۈنلەي خىزمىتىدىن توختىتىلىپ تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان

خىتاينىڭ شىنجاڭ خەۋەرلەر تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىلى ئوبلاستىدا 2 – تۈركۈم ئېلان قىلىنغان ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن جازالانغان ھۆكۈمەت كادىرلىرى بولۇپ، خەۋەردە ئۇلارغا بېرىلگەن جازا ۋە چارە كۆرۈلۈشتىكى كونكرېت سەۋەبلەر ھەققىدە توختالمىغان. ئەمما خەۋەردە نامى ئاتالغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ پارىخورلۇق، خىيانەتچىلىك، چىرىكلىك قىلمىشى پاش بولغانلىقى، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەردىن بولغان كادىرلارنىڭ «چوڭ مەسىلىلەردە مەيدانى ئېنىق بولمىغانلىقى، مەسىلىلەرنى دەل ۋاقتىدا ئىنكاس قىلمىغانلىقى» ئەسكەرتىلگەن

ئىلى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۆتكەن ئايدا ئېلان قىلغان 1 – تۈركۈمدىكى جازالانغان كادىرلار تىزىملىكىدىمۇ ئۇيغۇر، قازاق كادىرلىرى با بولۇپ، شۇ قېتىمقى خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە بۇ كادىرلارنىڭ «سىياسى مەيدانىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا خىلاپ قىلمىشلارغا ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىشتە مەيدانىنىڭ مۇستەھكەم ئەمەسلىكى» تىلغا ئېلىنغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/kadirlar-12022014221217.html

Share
1466 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.