logo

trugen jacn

ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ 8-نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە سايلاندى

ilshat-hesen-uaa-reis-qesem

00:00/00:00

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ۋە يېڭى نۆۋەتلىك رەئىس سايلىمى 29-ماي ۋاشىنگتون ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 1:30 دا باشلاندى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يىغىننىڭ كۈنتەرتىپى بويىچە ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك رەئىسىنىڭ ئومۇمىي خىزمەت دوكلاتى ۋە مالىيە دوكلاتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. ئارقىدىن مۇۋەققەت رەئىس ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بىرلەشمىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك رەئىس، مۇئاۋىن رەئىس ۋە ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ، ھوقۇقنى يېڭى نۆۋەتلىك سايلام كومىتېتىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

سايلام كومىتېتىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ نىزامنامىسىگە ئاساسەن بۇ نۆۋەتلىك رەئىس سايلىمىغا قاتنىشىدىغان نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

بۇ قېتىملىق ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىس سايلىمىغا قاتنىشىدىغان 3 نەپەر نامزات، يەنى ئۆمەر قانات، قەيسەر سېيىت ۋە ئىلشات ھەسەن سەھنىگە چىقىپ، ئەگەر سايلامدا غەلىبە قىلسا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە نېمىلەرنى قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقى ھەققىدىكى پىلان-لايىھەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سايلام كومىتېتى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەئىسىنى سايلاش ئۈچۈن دېموكراتىك ئۇسۇلدا بېلەت تاشلاشنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. جامائەت رەتلىك ۋە تەرتىپلىك ھالدا بېلەت تاشلىدى. سايلام كومىتېتى نازارەتچىلەرنىڭ نازارىتى ئاستىدا پۈتۈن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى تاشلىغان بېلەتلىرىنى ساناپ چىقىپ ئاخىرقى سايلام نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.

نامزاتلاردىن ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە ئەڭ يۇقىرى بېلەتكە ئېرىشىپ، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ 8-نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە سايلاندى.

سايلامدا غەلىبە قىلغان ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە سايلام كومىتېتىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراققا قول بېسىپ تۇرۇپ جامائەت ئالدىدا قەسەم بەردى ھەمدە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. ئۇ قىزغىن چاۋاكلار ئىلكىدە جامائەتكە سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرى، تەسىراتى، ھېس-تۇيغۇلىرى شۇنداقلا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە بولغان تەشەككۈرىنى ئىزھار قىلدى.

يېڭى رەئىس ئىلشات ئەپەندى ئاخىرىدا 8-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ يېڭىدىن تەشكىللەنگەن ھەيئەت ئەزالىرىنى ئېلان قىلدى. ئۆمەر قانات، ئابدۇغېنى، جۈرئەت ئوبۇل، مېھرىئاي مەمتىلى ۋە مۇسا ئابدۇل قاتارلىق 5 كىشى يېڭى نۆۋەتلىك بىرلەشمىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ كۆرسىتىلدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/uaa-saylam-05302016131149.html

Share
1934 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.