logo

trugen jacn

ئىسپانىيە قىممىتى 100 مىليون ياۋرودىن ئاشىدىغان جۇڭگونىڭ ساختا ماللىرىنى قولغا چۈشۈردى

20150415010022718

سىنا تورى خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەلىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئىسپانىيە دۆلەتلىك باج ئىدارىسى ۋە خەلق ساقچى مۇھاپىزەت ئەترىتى بۇ دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى ئەلبىخسىلاس پورتىدا جۇڭگودىن كەلگەن لىق يۈك قاچىلانغان بىر پاراخوتنى تەكشۈرۈپ، 394 مىڭ دانە ساختا مەھسۇلاتنى قولغا چۈشۈرگەن. بۇ ھەم ئىسپانىيە تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق ساختا تاۋارنى قولغا چۈشۈرۈش دېلوسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئېفېل ئاگېنتلىقىنىڭ 4- ئاينىڭ 13- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاندالۇسىيە دائىرىلىرى بۇ ساختا تاۋارلارنىڭ بازار قىممىتى 11 مىليون 500 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تاۋارلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئافرىقا قىتئەسىگە ئاپىرىلماقچىكەن، بۇ ساختا تاۋارلار ئاساسلىقى ئاياق، تەنھەرىكەت كىيىمى ۋە ئېلېكترونلۇق مەھسۇلات قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ- دېگەن.

باج ئىدارىسىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يۈك ساندۇقى قاچىلانغان پاراخوت جۇڭگونىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى يەنتيەن پورتىدىن يولغا چىققانىكەن. بۇ ساختا تاۋارلار 11 دانە يۈك ساندۇقى ئىچىگە يوشۇرۇپ قويۇلغان بولۇپ، يۈك ساندۇقىنىڭ ئۈستى قىسىمىغا بىر قەۋەت قانۇنلۇق تاۋارلار قاچىلانغان، ئەمما ئاستى قىسىمىغا بولسا پۈتۈنلەي ساختا تاۋارلار قاچىلانغان.

خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ساختا تاۋارلارنىڭ ئاخىرقى توشۇلۇش نىشانى ئافرىقا قىتئەسىكەن، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ تاۋارلار ماراكەش ۋە سىنگالغا ئاپىرىلماقچىكەن. ئەمما بەزى تاۋارلار ئەلبىخسىلاس پورتىدا چۈشۈرۈلمەكچى بولغان بولۇپ، بۇنىڭ بىرى قىسىمى مۇشۇ جايدا سېتىلىپ، يەنە بىر قىسىمى مادرىدقا ئاپىرىلىدىكەن.

\

http://world.bagdax.cn/2015/0415/9612.html

Share
1568 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.