logo

trugen jacn

ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ قىسقىچە ھاياتى

9974383389

كۈنتەرتىپتىكى شەخس› ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، 1914- يىلى 11- سېنتەبىردە بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان قىرىملىق ئىدېئولوگ، مائارىپچى ۋە نەشرىياتچى ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ قىسقىچە ھاياتى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز

ھەر ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنلىرى ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدىغان ‹كۈنتەرتىپتىكى شەخس› ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، ۋاپاتىنىڭ 100- يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى تۈرك – ئىسلام دۇنياسىنىڭ يېڭىلىققا يۈزلىنىشىگە ئالەمشۇمۇل تۆھپىلەرنى قوشقاندىن كېيىن، 1914- يىلى 11- سېنتەبىر (پەيشەنبە كۈنى) بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان قىرىملىق ئىدېئولوگ، مائارىپچى ۋە نەشرىياتچى ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ قىسقىچە ھاياتى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز

ئىسمائىل غاسپىرالى 1851 -يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى قىرىم باغچە سارايغا يېقىن بولغان ئوۋچى يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، دادىسى-مۇستاپا ئەلى ئوغلى گاسپىرىنىسكىي، قىرىمنىڭ ساھىل بۆلىكىدىكى گاسپىرا يېزىسىدا تۇغۇلغان چار رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ پېنسىيەگە چىققان گېنېرالى، ئانىسى-فاتىمە سۇلتان خانىم بولسا نوپۇزلۇق بىر ۋەزىر ئائىلىسىنىڭ قىزى ئىدى. ئىسمائىل ئەپەندى مەھەللىسىدىكى بىر دىنىي مەكتەپتە باشلىغان ئوقۇشىنى، ئاق مەسجىد ئوغۇللار گىمنازىيسىدە داۋاملاشتۇرغان. گىمنازىيەدىكى ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاۋۋال ۋورونەژدىكى بىر ھەربىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن، كېيىن يەنە موسكۋادىكى يەنە ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان. ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئۇ موسكۋادا ئوقۇش جەريانىدا، دەۋرنىڭ ئىلغار پىكىر-ئېقىملىرى ۋە مۇتەپەككۇرلىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئەينى چاغدىكى ئۇنىڭدىكى جەمئىيەت مۇتەپەككۇرلىرىغا بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسى ۋە مەكتىپىدىكى پانسىلاۋىستىك «كەيپىيات»، ئۇنىڭدا رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى تۈرك خەلقلىرىنى ئويغىتىش چۈشەنچىسىنى شەكىللەندۈرگەن. گىرىت ئىسيانىدا رۇم قوشۇنلىرىغا قارشى جەڭ قىلغان ئوسمانلى ئەسكەرلىرىگە قوشۇلۇپ، يېقىن دوستى لىتۋانىيە تاتارلىرىدىن مۇستاپا مىرزا داۋىدوۋىچ بىلەن بىرگە يوشۇرۇنچە تۈركىيەگە كىرمەكچى بولغىنىدا، ئودىسادا تۇتۇۋېلىنغان . چار رۇسىيەدىكى ھەربىي ئوقۇغۇچىلىق ھاياتى بۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشقان غاسپىرالى، 1868-يىلى باغچە سارايغا قايتىپ بېرىپ، زەنجىرلى مەدرىسىدە رۇسچە دەرس بېرىشكە باشلىغان. بۇ جەريانىدا ئۇ رۇس ئەدەبىي ۋە پەلسەپىۋى ئەسەرلىرىنى زور ئىشتىياق بىلەن ئوقۇپ چىققان. 1872-يىلى قىرىمدىن ئايرىلىپ ئىستانبۇل، ۋىيانا، مىيۇنخېن ۋە سىتۇتگارت ئارقىلىق پارىژغا بارغان. پارىژدا تۇرغان ئىككى يىل ئىچىدە مەشھۇر رۇس يازغۇچىسى تۈرگىنىۋنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ، نۇرغۇن تەجرىبە توپلىغان. 1874-يىلى ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدە خىزمەت قىلىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا بارغان. قايتا-قايتا ئىلتىماس يېزىپ، بىر يىلغا يېقىن كۈتكەن بولسىمۇ، قوبۇل قىلىنالمىغانلىقى تۈپەيلىدىن قىرىمغا قايتىپ كەتكەن

1878-يىلى باغچە ساراي رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى ياردەمچىسى قىلىپ سايلانغان ئىسمائىل غاسپىرالى ئەپەندى، كىيىنكى يىلى رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. ھەمدە 1884-يىلغىچە بۇ ۋەزىپىنى ئىشلىگەن. غاسپىرالىنىڭ مەيلى قىرىمدا ياكى باشقا جايلاردا باشتىن كەچۈرگەنلىرى ئۇنى باشقا «ئۇيقۇ» ھالىتىدىكى قىرىم تاتارلىرىغا ئوخشىمايدىغان تەجرىبە ۋە پىكىر ئېقىملىرىغا ئىگە قىلغان. ئۇ ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، باشقا بىر ھاكىمىيەتنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا ياشاۋاتقان مىللىتى ۋە دىنداشلىرىنى ئويغىتىش، ھەمدە ئۇلارنىڭ قەلب سادالىرىنى باشقىلارغا ھېس قىلدۇرۇش مەقسىتىدە نەشرىيات ساھەسىگە قەدەم قويغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ 1881-يىلى ئاق مەسچىتتە نەشر قىلىنىدىغان «تاۋرىدا» گېزىتىدە «رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى» سەرلەۋھىسى ئاستىدا كۆپ قىسىملىق رىسالە شەكلىدە ئەسەر ئېلان قىلغان

غاسپىرالى ئۆز پىكىرلىرىنى باشقىلارغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن يەتكۈزۈش ئۈچۈن تۈركچە بىر نەشرىيات ئورگىنىنىڭ بولۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىپ يەتكەن. ئۇ بۇ يولدا رەسمىي مۇراجىئەت ۋە ئىلتىماسلىرىنىڭ تەستىقلانماسلىقىغا قارىماستىن، تىفلىستە ئوخشىمىغان تېمىلاردا بەزى ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. ئۇ بىر تەرەپتىن گېزىت چىقىرىش ئۈچۈن ئىجازەت ئېلىشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن ۋولگا بويلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ مۇشتەرى توپلىغان. ھەمدە نەشر قىلىنىدىغان گېزىتنىڭ پۈتۈن بېتى رۇسچىغا تەرجىمە قىلىنىش شەرتى بىلەن 1883-يىلى تاتارچە بىر گېزىت نەشر قىلىش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەن. بۇ گېزىتنىڭ تۇنجى نۇسخىسى 1883-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى «تەرجىمان» نامىدا نەشر قىلىنغان بولۇپ، ھەپتىدە بىر سان چىقىرىلغان. 1903-يىلىدىن باشلاپ ھەپتىدە ئىككى سان، 1912-يىلىدىن كېيىن كۈندە بىر سان نەشر قىلىنغان. «تەرجىمان» نامىدا نەشر قىلىنغان بۇ گېزىت قىرىم تاتارلىرىنىڭ تۇنجى تۈركچە گېزىتى، پۈتۈن رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن تۈركچە نەشر قىلىنىدىغان ئۈچىنچى گېزىت بولۇپ قالغان. «تەرجىمان» ۋە باشقا بەزى ئەسەرلىرىنى قولاي بېسىپ تارقىتىش ئۈچۈن باغچە سارايدا ئەرەبچە يېزىقتا ماتېرىيال بېسىپ چىقالايدىغان باسمىخانا قۇرۇپ چىققان غاسپىرالى، دەسلەپتە گېزىت چىقىرىش ئىشلىرىنى ئۆزى يالغۇز ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىغا تايىنىپ يۈرگۈزۈشكە مەجبۇر بولغان

ئىسمائىل غاسپىرالى بۇرۇندىنلا كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلگەن مائارىپ ئىسلاھات ھەرىكىتىنى ، 1884-يىلى باغچە ساراينىڭ قايتار ئاغا مەھەللىسىدە بىر باشلانغۇچ سەۋىيەدىكى مەكتەپ ئېچىش بىلەن باشلىغان بولۇپ، ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ نورمال داۋاملىشىشى ئۈچۈن كېرەكلىك سەرمايىنى ئۆزى چىقارغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈش، ئوقۇتۇش پىروگراممىسى تەييارلاش، ئوقۇتۇش قوراللىرىنى تەييارلاش ۋە دەرسلىك كىتابلىرىنىڭ بېسىلىشى قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالغان. ئوقۇتۇش تەشەببۇسىغا گۇمان بىلەن قاراۋاتقان باغچە ساراي خەلقكە يېڭىچە مەكتەپنى قوبۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن قىرىق كۈندە تۈركچە ساۋات چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. «ئۇسۇلى ساۋتىييە» ئىسمى بىلەن ئاتالغان ئوقۇتۇش مېتودىنى قوللىنىش ئارقىلىق قىرىق كۈندىن كېيىن پۈتۈن خەلقنىڭ شاھىتلىقىدا بارلىق ئوقۇغۇچىلاردىن ئىمتىھان ئېلىپ، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى خەلققە تونۇتقان. ئۇنىڭ بۇ تۇنجى سىنىقى، يېڭىچە ئوقۇتۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىدا، كېيىنچە رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشاۋاتقان پۈتۈن مۇسۇلمان مەكتەپلىرىگە نىسبەتەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ تۇنجى قەدىمى بولغان. «“ئۇسۇلى جەدىد»» نامى بىلەن ئاتىغان بۇ ئوقۇتۇش سىستېمىسى قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە كەڭ تارقىلىپ، شۇ دەۋرنىڭ ئاساسلىق ئوقۇتۇش شەكلىگە ئايلانغان. بۇ سەۋەبتىن 1917-يىلىغىچە رۇسىيەدە بۇ خىل ئوقۇتۇش سىستېمىسى قوللىنىلغان مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەر «جەدىتچىلەر» دەپ ئاتالغان

«ئۇسۇلى جەدىد»نى يولغا قويۇش جەريانىدا، يەنى 1880-يىللىرى غاسپىرالى نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن، ھەمدە رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى مۇسۇلمانلار ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا كۆپ قېتىم بېرىش ئارقىلىق ئۇسۇلى-جەدىدنى تارقىتىشقا تىرىشقان. تۈركلەر ياشاۋاتقان رايونلاردا ئاستا-ئاستا تارقىلىشقا باشلىغان «تەرجىمان» گېزىتى، ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. تۇنجى «ئۇسۇلى جەدىد» مەكتىپى ئېچىلىپ ئارىدىن ئون يىل ئۆتمەستىنلا، تۈركلەر ياشاۋاتقان رايونلاردىن غاسپىرالىنى قوللايدىغانلار مەيدانغا كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىلغار پىكىرلىك موللىلار، مۇئەللىملەر، ھۈنەرۋەنلەر ۋە مۇسۇلمان بايلار بار ئىدى. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىدىل بويى تاتارلىرىدىن ھۈسەيىنوفلار، ئاپانايلار، ئاقچۇرالارغا ئوخشاش باي تىجارەتچىلەرنىڭ، تاغزادەگە ئوخشاش كاۋكازىيەلىك نېفىت سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇسۇلمان بايلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ئۇسۇلى-جەدىد مەكتەپلىرى تېزلا كېڭەيگەن. بۇ خىلدىكى مەكتەپلەر ناھايىتى تېزلا ئىدىل بويى، كاۋكاز ۋە قىرىمدا يېزا-قىشلاقلارغىچە كېڭىيىپ بارغان. 1895- يىلى پۈتۈن رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى رايونلاردا ئۇسۇلى-جەدىد مەكتەپلىرىنىڭ سانى 100دىن ئاشقان بولۇپ، 1914- يىلىغا كەلگەندە سانى كۆپىيىپ 5000 غا يېقىنلاشقان

غاسپىرالى مۇسۇلمان تۈرك قىزلىرىنىڭمۇ تەربىيەلىنىشىگە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، 1893-يىلى باغچە سارايدا تۇنجى «ئۇسۇلى جەدىد» قىزلار مەكتىپىنى ئاچىسى پەمبە خانىم بولاتكوۋاغا ئاچقۇزغان. بۇنىڭ بىلەن باشقا رايونلاردىمۇ بۇ خىل مەكتەپلەر ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلغان. غاسپىرالى مەدرىسىلەرنىمۇ «ئۇسۇلى جەدىد»نىڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى سىنىپلىرىغا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن دەرس پىروگراممىلىرىنى تۈزۈپ چىققان. ئەمما مەدرىسىلەرنى باشقۇرۇۋاتقان مۇتەئەسسىپلەرنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقى ۋە ئۇنىڭ بۇ ئىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت ئاجرىتالمىغانلىقى تۈپەيلىدىن مەدرىسىلەرنى ئىسلاھ قىلىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرالمىغان. غاسپىرالىنىڭ ئۇنىڭدىن كىيىنكى سىياسىي پائالىيەتلىرى، ئەينى ۋاقىتتا رۇسىيەدە تۈرك مىللەتچىلىكى ۋە ئىسلام ھەرىكەتلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشكە تۈرتكە بولغان

1905- يىلى باھاردا رۇسىيەنىڭ كۆپ جايلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن پارتلىغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى، چار II نىكولاينىڭ ۋاقىتلىق ئەركىنلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇشىغا سەۋەب بولغان. ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي بېسىم ئاستىدا ياشاپ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي، مىللىي ۋە دىنىي كۈچلەر بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ ئاكتىپ ھالەتكە كەلگەن. غاسپىرالى بۇ خىل ھالەتتىن پايدىلىنىپ، مۇسۇلمانلار ياشاۋاتقان رايونلاردا تەشكىلاتلارنى قۇرۇشقا كۈچ چىقارغان. رۇسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىر يەرگە توپلىشىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ چەكلەنگەنلىكتىن، نىژنى نوۋگورودا بىر كېمىنى ساياھەت كېمىسىگە ئوخشاش بېزەپ، 1905-يىلى 8-ئاينىڭ 28- كۈنى يوشۇرۇن سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇپ ، تۇنجى رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى ئۇيۇشمىسىنى قۇرۇپ چىققان. غاسپىرالى بۇ ئۇيۇشمىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن ۋە ھەر قايسى ساھەلەردە تەشكىلات قۇرۇش قارارى ئېلان قىلىنغان. 1905-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاق مەسچىتتە توپلانغان پۈتۈن قىرىم مۇسۇلمانلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ يىغىنىغا يەنە غاسپىرالى يېتەكچىلىك قىلغان. 1906-يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا پۈتۈن رۇسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ 2-قېتىملىق يىغىنى سانت پېتىربورگدا ئېچىلغان. غاسپىرالىنىڭ باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ خىل سىياسىي پائالىيەتلەرنىڭ نەتىجىسىدە، 1906-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېچىلغان رۇسىيە دۆلەت قۇرۇلتىيىغا مۇسۇلمانلار تەشكىلاتىدىن 25 كىشى قاتناشقان. ئىككى ئايدىن كېيىن چاررۇسىيەنىڭ دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەنلا 8-ئايدا رۇسىيە مۇسۇلمانلىرىدىن 800 ۋەكىل قاتناشقان رەسمىي يوسۇندىكى 3-قېتىملىق ئۇيۇشما يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، سىياسىي پارتىيە ماھىيىتىدىكى مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى ئۇيۇشمىسىنى قۇرۇش قارار قىلىنغان. ئۇيۇشمىنىڭ پىروگراممىسىدا، غاسپىرالى يىللاردىن بۇيان مەنپەئەتلىرىنى قوغداشقا تىرىشقان رۇسىيەدىكى پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ مائارىپ سىستېمىسىنى بىرلەشتۈرۈش، مەيلى قىز ياكى ئوغۇل بولسۇن بارلىق مۇسۇلمان بالىلىرىغا نىسبەتەن باشلانغۇچ مەجبۇرىي مائارىپىنى يولغا قويۇش، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئېچىلىشى، ئوقۇتۇش تىلىنىڭ ئاددىيلاشتۇرۇلغان ئوسمانلى تۈركچىسى بولۇشقا ئوخشاش ئىلغار پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان

غاسپىرالى 1905-يىلىدىكى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئاساسىدا، رۇسىيە تۈركلىرىنىڭ يېڭىچە ھەق-ھوقۇقلىرىدىن پايدىلىنىپ، مىللىي ئويغىنىش ھەرىكەتلىرىنى قانات يايدۇرالايدىغانلىقىغا نىسبەتەن كۈچلۈك ئۈمىدكە تولغان. ئىنقىلابنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئۇ ئىلگىرىكى «تەرجىمان»نىڭ رۇسچىغا تەرجىمە قىلىنىش شەرتلىرىنى بىكار قىلىپ، ئىلگىرى يېپىق بىر شەكىلدە ئىپادە قىلغان پىكىرلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىغان. ئۇنىڭغا نىسبەتەن يېڭى شارائىتتا قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىش بار بولۇپ، كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم ئېھتىيات بىلەن قانۇنى يوللار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغان

ئىتتىپاق قۇرۇش تەسەۋۋۇرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى، يەنى 1908-يىلى ئوسمانلى دۆلىتىدە II-ئاساسىي قانۇننىڭ ئېلان قىلىنىشى، غاسپىرالىغا ئوسمانلى ھاكىمىيىتىنىڭ ئىلگىرىكى رىجىملىرىنىڭ بىكار قىلىنىشى بىلەن ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىشەنچىسىنى ئاتا قىلغان. دېگەندەك يېڭى ئاساسىي قانۇن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بىر يىلغىچە ئوسمانلى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق ژۇرنىلى «سىراتەلمۇستەقىم»، غاسپىرالىنىڭ لايىھەسى بويىچە چىقىرىلىپ، ئىتتىپاق يىغىنىنىڭ قاھىرەدە ئەمەس، ئىستانبۇلدا ئېچىلىشى ھەققىدە پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاق قۇرۇش ھەققىدىكى قىزغىنلىق تۆۋەنلەپ، بىر مەزگىلدىن كېيىن بۇ مەسىلىلەر ئوسمانلى ھۆكۈمىتىنىڭ مەتبۇئاتلىرى ۋە مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ نەزىرىدىن ساقىت قىلىنغان

ئىتتىپاق قۇرۇش ھەققىدىكى بۇ خىل مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان تەشەببۇستىن كېيىن، غاسپىرالى ئىسلاھاتنى ئىسلام دۇنياسىنىڭ تۈرك بولمىغان رايونلىرىدىمۇ قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئاخىرقى تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ «ئۇسۇلى جەدىد»نى ، دۇنيادا مۇسۇلمان نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولغان ھىندىستانغا تارقىتىش ئۈچۈن 1912-يىلى 2-ئايدا بومبايغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى مەھەللىۋى مۇسۇلمان تەشكىلاتى بولغان «ئەنجۈمەنى ئىسلامىييە» ۋە مەھەللە قازىلىرى بىلەن ئۇچراشقان. يەنە ئوسمانلى ھاكىمىيىتىنىڭ ئەلچىخانىسىنىمۇ زىيارەت قىلغان. قەدەم باسقانلا يەردە كۈچلۈك قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن غاسپىرالى، «ئەنجۈمەنى ئىسلامىييە» نىڭ يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ تەجرىبىلىرى ۋە مەقسىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھەمدە بومبايدا بىر «ئۇسۇلى جەدىد» مەكتىپىنى قۇرۇپ، «قىرىق كۈندە ساۋات چىقىرىش» مېتودىنى يولغا قويغان

II-ئاساسىي قانۇننىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن شەكىللەنگەن يېڭىچە ۋەزىيەت، غاسپىرالىنىڭ ئىستانبۇلدا ئاكتىپ پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىمكانىيەت تۇغدۇرغان. مەيدانغا كەلگەن يېڭى شارائىتلارنى تۈرك مىللەتچىلىكى ۋە ئىسلاھات ئىدىيەلىرىنىڭ تارقىلىشى ئۈچۈن ئۇيغۇن دەپ قارىغان غاسپىرالى، 1908-يىلىنىڭ باشلىرىدا جۆن تۈركلەر بىلەنمۇ مۇناسىۋەت ئورناتقان بولۇپ، تۈركىيەدىكى ئىلغار پىكىرلىك شەخسلەر ئارىسىدا يۈكسەك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان. بولۇپمۇ 1908-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا تۈركىيەدە شەكىللىنىشكە باشلىغان ئىسلامچىلىق، غەربچىلىك ۋە تۈرك مىللەتچىلىكىگە ئوخشاش پىكىر ئېقىملىرى ئەۋج ئالغان بولۇپ، بۇ مەزگىللەردە تۈركىيەدىكى ئىلغار پىكىرلىك شەخسلەر بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت باغلىغان غاسپىرالى، ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنىدىغان گېزىت-ژۇرناللاردا ھەر خىل تېمىدا ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان، ھەمدە تۈرك ئۇيۇشمىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1911-يىلى تەشكىللەنگەن تۈرك يۇرتى جەمئىيىتىنىڭ قورۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىسى بولغان «تۈرك يۇرتى» ژۇرنىلىنىڭ چىقىرىلىشىدا غاسپىرالىنىڭ رولى چوڭ بولغان

بۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا سالامەتلىكى بارغانسېرى ناچارلاشقان غاسپىرالى 1914-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى باغچەسارايدا ۋاپات بولغان. جىنازا نامىزىغا روسىيەنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىن كەلگەن ئالتە مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلمان قاتناشقان، تاۋۇتى باغچە سارايدىكى قىرىم خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى ھاجى گىراي خاننىڭ مەقبەرىسىگە يېقىن جايغا دەپنە قىلىنغان. ئۇنىڭ ۋاپاتى پۈتۈن تۈرك دۇنياسىغا نىسبەتەن چوڭ بىر يوقىتىش دەپ قارىلىپ، رۇسىيەدە ۋە تۈركىيەدە چىقىرىلىدىغان مەتبۇئاتلاردا بىر قانچە ئاي ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلغان. غاسپىرالىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە «تەرجىمان»نىڭ باش تەھرىرلىكىنى ھەسەن سابىرى ئايۋازوۋ داۋاملاشتۇرغان. غاسپىرالىنىڭ مازىرى خېلى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە قىرىم تاتارلىرى تەرىپىدىن زىيارەت قىلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، 1944-يىلىدىكى قىرىم تاتارلىرىنىڭ پۈتۈن مىللەت بويىچە يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلىشىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئېلان قىلغان نۇرغۇن ماقالە-ئەسەرلىرى ۋە ئابىدىلىرىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. 1990-يىلى قايتىدىن قىرىمغا قايتقان تاتارلار، غاسپىرالىنىڭ مازىرىنىڭ ئورنىنى مۆلچەرلەپ يېڭىدىن تاش ئابىدە تىكلىگەن
يۇقىرىدا ‹كۈنتەرتىپتىكى شەخس› ناملىق كۈنتەرتىپتىكى مۇھىم شەخسلەر تونۇشتۇرۇلىدىغان سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، ۋاپاتىنىڭ 100- يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، تۈرك – ئىسلام دۇنياسىنىڭ يېڭىلىققا يۈزلىنىشىگە ئالەمشۇمۇل تۆھپىلەرنى قوشقاندىن كېيىن، 1914- يىلى 11- سېنتەبىر (پەيشەنبە كۈنى) بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان قىرىملىق ئىدېئولوگ، مائارىپچى ۋە نەشرىياتچى ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ قىسقىچە ھاياتى بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق

http://www.trt.net.tr/uyghur/%EF%AD%98%EF%AF%A9%EF%BA%AE%EF%BB%AD%EF%AE%94%EF%BA%AE%EF%BA%8D%EF%BB%A3%EF%BB%A4%EF%AF%A9%EF%BB%BC%EF%BA%AD/2014/09/20/%D8%A6%D9%89%D8%B3%D9%85%D8%A7%D8%A6%D9%89%D9%84-%D8%BA%D8%A7%D8%B3%D9%BE%D9%89%D8%B1%D8%A7%D9%84%D9%89%D9%86%D9%89%DA%AD-%D9%82%D9%89%D8%B3%D9%82%D9%89%DA%86%DB%95-%DA%BE%D8%A7%D9%8A%D8%A7%D8%AA%D9%89-78937
Share
2556 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.