logo

trugen jacn
12 ئىيۇن 2014

ئىسمائىل ئەھمەتنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن لېكسىيەسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى

image (1)

 قۇتلان

تەڭرىتاغ تورى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تورى قاتارلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت تورلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 9-كۈنى ئىسمائىل ئەخمەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ بىر مەيدان لېكسىيە سۆزلىگەن.

ئىسمائىل ئەخمەت لېكسىيەسىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى خىتاي كومپارتىيەنىڭ مىللىي ۋە دىنىي سىياسەتلىرىنى ھىمايە قىلىشقا، «دىنىي ئاشقۇنلۇق» قا قارشى تۇرۇشقا شۇنىڭدەك مىللەتلەر ئىتتىپاقىنى قوغداشقا چاقىرغان.

ئىسمائىل ئەھمەتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتى بولغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.

مەلۇمكى، ئىسمائىل ئەخمەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سەيپىدىن ئەزىزىدىن كېيىنكى رەئىسى (1979-1985). ئۇ 1985 يىلى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېيجىڭغا ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن، خىتاي مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى (1986-1998)، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى (1988-1993)، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى (1993-2003) ۋە خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى (2003-2008) قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە سىياسىي پائالىيەتچى مەمەت توختى ئىسمائىل ئەھمەتنىڭ مەزكۇر لېكسىيېسى ھەققىدە مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

مەمەت توختى ئۆز سۆزىدە ئىسمائىل ئەھمەتنىڭ بۇ قېتىملىق لېكسىيەسىدىن ھەيران قالمىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ بۇنىڭ ئىسمائىل ئەھمەتنىڭ بۇ تېمىدىكى تۇنجى لېكسىيەسى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئىسمائىل ئەھمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بىرى تۇرۇقلۇق بۇنىڭدىن بىرقانچە يىللار ئىلگىرى خوتەندە سۆزلىگەن بىر قېتىملىق نۇتقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام ئەقىدىسىگە قارشى گەپلەرنى قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ ئىسمائىل ئەھمەتنىڭ بۇ قېتىملىق لېكسىيەسى ئۇنىڭ ئەسلىدىنلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدە ھېچقانداق ئورنى قالمىغان ئوبرازىنى يەنىمۇ خۇنۈكلەشتۈرىدىغانلىقىنى، بەلكى ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقى بىلەن بولغان ئارىلىقىنى يەنىمۇ يىراقلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

زىيارىتىمىز داۋامىدا ئۇ يەنە 1985-يىلىدىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بىرقانچە تۈرلۈك تەلەپ سۇنغانلىقىنى، بۇ تەلەپلەرنىڭ بىرىدە ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل ئەھمەتنى بېيجىڭغا يۆتكەپ كېتىشكە قارشى تۇرغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئىسمائەىل ئەخمەت ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلايدىغان ھېچقانداق بىر ئىش قىلمىدى. ئۇ مەيلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بولسۇن ياكى بېيجىڭغا يۆتكەلگەندىن كېيىنكى مەزگىللەردە بولسۇن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن بىرەر ئەمەلىي ئىش قىلىپ باقمىدى، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىشلىدى. ئۇ پەقەتلا ئىسمى مۇسۇلماندىن، يۇرتى شەرقىي تۈركىستاندىن بولغان، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىشتىكى ۋاسىتە بولۇپ كەلدى، خالاس!»

مەمەت توختى ئاخىرىدا مەيلى نۇر بەكرى بولسۇن ياكى ئىسمائىل ئەخمەت بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق سايلانغان شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان كىشىلەر ئەمەسلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىگە تېڭىۋاتقان سەپسەتەلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھېچقاچان ئەمەلىي ئۈنۈم قازىنالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېموكراتىك ئىدىيەلەر ۋە مىللىي ئويغىنىش ھەرىكەتلىرىنىڭ بۆشۈكى بولۇپ كەلگەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىسمائىل ئەھمەتتەك ۋاقتى ئۆتكەن كونا ماركىنىڭ بىر مەيدان لېكسىيەسى بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىكى مىللىي ئاڭنىڭ سۇسلاپ كېتىشىگە ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/maarip/ismayil-ehmet-06112014145829.html

Share
1728 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.