logo

trugen jacn

ئىسلام بانكىسى ھەققىدە قىسقىچە بايان

 

ئاپتوردىن ئىلاۋە: ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، مەن نۇرغۇنلىغان تورداشلاردىن مۇشۇ ئىسلام بانكىسى توغرىلىق سورالغان سۇئاللارنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. بەزىلىرىگە ئىلخەت ئارقىلىق ياكى بولمىسا يۈز تۇرانە جاۋاب بەردىم. مەن توردىن تەخمىنەن بىر يىلدىن كۆپرەك ئايرىلدىم. چۈنكى يات بىر ئەلدە ئىشقا چۈشكەنلىكىم ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلىشىم، ھەمدە ياخشى خىزمەت قىلىپ، كەسىپ جەھەتتە پىشىشىم زۆرۈر بوپ قالدى… بىر يىل تىرىشىش ئارقىلىق، خېلى ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۈم،، ھازىر كۇۋالامپۇر ئۇنىۋېرسىتى سودا – سانائەت مەكتىپى مالىيە ۋە ئىسلام مالىيە فاكۇلتىتىنىڭ فاكۇلتىت مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىمەن، ھەمدە ئىسلام بانكىچىلىكى، ئىسلام كاپىتال بازىرى، ئىسلامى بايلىق باشقۇرۇش ۋە كارخانا مالىيسى قاتارلىق پەنلەردىن دەرس بېرىۋاتىمەن. ئىلىمنىڭ زاكىتىنى بىر كۈنمۇ ئۇنتۇپ قالمىدىم، ئۆز پەرزەنىتلىرىمگە دەرس بېرىلمەيۋاتقانلىقىمدىن كۈندە ئۆركىنىمەن . توغرا چۈشىنىشىڭلارنى سورايمەن . لېكىن مەن بۇندىن كېيىن مۇشۇ توغرىلىق ئەسەرلەرنى يوللاپ تۇرىمەن.

بانكا ئۇقۇمى:

بىز ئالدى بىلەن بانكا ئۇقۇمى بىلەن تونۇشايلى.. بانكا قانداق پۇل تاپىدۇ ؟ جىق مەبلەغ سېلىپ پۇل تاپامدۇ ياكى ئاز مەبلەغ بىلەن پۇل تاپامدۇ؟ ئەمىلىيەتتە بانكىنىڭ چىقارغان مەبلىغى ناھايىتى ئاز بولىدۇ. بانكىنىڭ مەبلىغىنىڭ 85-90% ى ئامانەتچىلەردىن كېلىدۇ. ئۇ بىر قۇرۇق قول ۋاكالەتچىگە ئوخشايدۇ.. ئۇ ئامانەتچىلەرنىڭ ئېشىنچا پۇلىنى ئۆتنىگە ئېلىپ قەرزگە ئىھتىياجلىق بولغان قەرز ئالغۇچىلارغا قەرز بېرىدۇ…. ئامانەت قويغۇچىلارغا ئۆسۈم بېرىدۇ ۋە قەرز ئالغۇچىلاردىن ئۆسۈم ئالىدۇ. ئۆسۈمنى ئېلىپ ئۆسۈم بېرىۋەتسە ئۇنداقتا بانكا قانداق پۇل تاپىدۇ ؟ ۋاھالانكى: بانكا قەرز ئالغۇچىلاردىن يوقىرى نىسبەتتە ئېلىپ، ئامانەتچىلەرگە تۆۋەن نىسبەتتە ئۈسۈم بېرىدۇ. مانا بۇ نىسبەت پەرقى دەل بانكىنىڭ پايدىسى.

بانكا پايدىسى = ئامانەت نىسبىتى – قەرز ئۆسۈم نىسبىتى

تېخمۇ تېخنىكىلىك قىلىپ ئېيتقاندا: ھەر قانداق بىر باكىنىڭ ياكى شىركەتنىڭ قەرز-مۈلۈك جەدۋېلى (Balance Sheet) بولىدۇ.. ئادەتنىڭ ئۇنىڭ سول تەرىپىگە سېلىنغان مەبلەغ ۋە ئېلىنغان قەرز (Liabilities and Equity) خاتىرلىنىدۇ. ئوڭ تەرەپكە بولسا شىركەتنىڭ بارلىق مال-مۈلكى (asset) خاتىرلىنىدۇ. ئادەتتە قەرز-مۈلۈك جەدۋېلى مۇنۇ تۆۋەندىكى تەڭلىمىنى قانائەتلاندۈرۈشى كېرەك:

مال-مۈلۈك = مەبلەغ + قەرز

Asset = Liabilities + Equity

مۇشىنىڭغا ئوخشاش، بانكىمۇ ئۈزى چىقارغان مەبلەغ ۋە ئامانەتچىلەرنىڭ ئامەنىتىنى سول تەرەپكە خاتىرلەيدۇ، باشقىلارغا بەرگەن قەرزنى ئوڭ تەرەپكە خاتىرلەيدۇ. ئاددى بىر مىسال بىلەن بانكىنىڭ قانداق پۇل تاپىدىغانلىقىنى چۈشۈندۈرۈپ بېرەي:

ئالايلۇق: بىر بانكا ئامانەتچىلەردىن 100 مىليون ئامانەت يىغدى ۋە 100 مىليون پۇلنى قەرزگە بەردى دەيلى، ئامانەتچىلەرگە 3% ئۆسۈم بەرسە بەرگەن ئۆسۈمى 3 مىليون بولىدۇ. ئەگەر قەرز ئالغۇچىلاردىن 5% ئۆسۈم ئالسا ئالغان ئۆسۈمى ( بىز ھازىر يەنىلا غەرب بانكىسىنىڭ قانداق پۇل تاپىدىغانلقى ھەققىدە توختىلىۋاتىمىز. شۇڭا ئۆسۈم دەپ ئېىۋاتىمەن) 5 مىليون بولىدۇ… 5 مىليوندىن 3 مىليوننى ئېلىۋەتسەك، بۇ دەل بانكىنىڭ تاپقان پايدىسى بولىدۇ. دىمەك، ئامانەت بولمىسا، قەرز بولمايدۇ.. ئامانەت بولمىسا بانكىمۇ بولمايدۇ.. شۇڭا نۇرغۇن بانكىلار ئامالنىڭ بارىچە ئامانەت يىغىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.

كېرېدىت يارىتىش

خوش ئۇنداقتا، بانكىلار قانداق ئۇسۇلدا كېرېدىت يارىتىدۇ ؟ بۇ بانكىچىلىقتىكى ئەڭ مۇھىم بىر ھالقا. زاغرا تىل بىلەن بۇنى ئەڭ ئاسان ئۇسۇلدا چۈشەندۇرەي:

ئالايلۇق بىر بانكىنىڭ 10،000 ئامانەت قويغۇچىسى بار دەيلى، سىزگە ۋە ماڭا ئايان بولغىنىدەك، 10،000 ئامانەت قويغۇچى بىرلا ۋاقىتتا كېلىپ ئامانەت قويغان پۇلىنى چىقىرۋالمايدۇ. بەلكىم بىر قېتىمدا 100 ياكى 200 ئامانەتچى كېلىپ پۇلنى چىقىرار. بانكا مۇشۇ 100-200 ئامانەتچىگە يەتكۈدەك پۇلنى ساقلاپ قويۇپلا ( قىسمەن زاپاس ساقلاش دەپ ئاتىلىدۇ Fractional Reserve Banking) قالغان پۇلنى قەزگە بېرىۋېتىدۇ.. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئامانەتچىلەرنىڭ 10-15% پۇلىنى ساقلاپ قېلىپلا، قالغىنىنى قەرز ئالغۇچىلارغا بېرىۋېتىدۇ. دىمەك 85-90% ئامانەت پۇلنى قەرزگە بېرىۋېتىدۇ………. يەنە بىر بانكىمۇ ئوخشاشلا قىسمەن ساقلاپ قويۇپلا قالغىنى قەرزگە بېرىۋېتىدۇ…… يەنە بىر بانكمۇ شۇنداق قىلىدۇ……..مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە كېرېدىت يارىتىلىدۇ…

مەسىلەن: سىز 100،000 مىڭ پۇلنى بانكىغا قويدىڭىز دەيلى، سىز ئامانەت قويغان بانكا 10% نى ساقلاپ قويۇپلا قالغان 90،000 نى قەرزگە بېرىۋېتىدۇ.

يەنە بىر بانكىمۇ 90،000 نى ئامانەت ئېلىپ، يەنە 10% ساقلاپ قېلىپ، قالغان 81،000 نى قەرزگە بېرىدۇ.

يەنە بىر بانكىمۇ بۇنى ئامانەت ئېلىپ 10% ساقلاپ قېلىپلا، قالغان 72،900 نى قەرزگە بېرىدۇ..
.
.
.
مۇشۇنداق داۋاملىشىش ئارقىلىق، بۇ پۇل كېرېدىت يارىتىدۇ.. بۇنى فورمىلا ئارقىلىق ھىسابلىماق بەكمۇ ئاسان:

جەمئىي يارىتىلغان كېرېدىت = قىسمەن ساقلانغان زاپاس پۇل پىرسەنتى / ئەسلىدىكى ئامانەت

مۇشۇ بويىچە ھىسابلىغاندا، سىز ياراتقان كېرېدىتنى ھىسابلاپ باقايلى:

سىز 100،000 يۈەن ئامانەت قويسىڭىز، ئەگەر زاپاس پۇل پىرسەنتى 10% بولسا، سىز ياراتقان كېرېدىت بىر مىليون بولىدۇ.. دىمەك سىز 100،000 يۈەن پۇلىڭىز ئارقىلىق، بانكىلارغا ياردەملىشىپ بىر مىليون كېرېدىت يارىتىسىز… بۇنىڭدىن چوقۇم ھەيران قالدىڭىز ۋە نىمىلەرنى ھىس قىلدىڭىز؟ قالغىنىنى تورداشلارغا قويدۇم.

ئىسلام بانكىچىلىقى:

خوش، ئىسلامدا ئۆسۈم ئېلىش ۋە بېرىش چەكلەنگەن، ئۇنداقتا ئىسلام بانكىسى قانداق شەكىلدە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلىدۇ؟ بەقەرە سۈرىسىنىڭ 275 – ئايىتىنىڭ مەنىسى:

«جازانە، ئۈسۈم يىگەن ئادەملەر (قىيامەت كۈنى گۆرلىرىدىن) جىن چېپىلىپ قالغان ساراڭ ئادەملەردەك قوپىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشنى ھالال بىلىپ: سودا-سېتىق جازانىگە ئوخشاش (جازانە نىمشقا ھارام بولىدۇ؟) دېدى. ئاللاھ سودا-سېتىقنى ھالال قىلدى، جازانىنى (بەدەلسىز بولغانلىقى، شەخىسكە ۋە جەمىيەتكە زىيانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن) ھارام قىلدى. كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز-نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن يانسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرىلدۇ (يەنى ئاللاھ خالىسا ئۇنى كەچۈرىدۇ، خالىسا جازالايدۇ). قايتا جازانە قىلغانلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ».. 2-سۈرە 75-ئايەت.

بۇ ئايەتنىڭ روھىغا ئاساسەن، سودا سېتىق ھالال قىلىنغان، جازانە بولسا ھارام قىلىنغان. بۇنىڭ ئاساسەن ئەگەر ئىسلام بانكىلىرى سودا-سېتىق ئاساسىدا، ئىسلام توختامنامىلىرىدىن پايدىلىپ پايدا تاپسا ھالال ئىكەنلىكىنى كۆرۋېلىشقا بولىدۇ.

شۇنى ئېنىق ئېيتىش لازىمكى:

1) غەرپ بانكىلىرى پۇل ئارقىلىق پۇل تاپىدۇ. غەرب بانكىلىرى پۇلنى كاپىتال، مال-مۈلۈك (مەبلەغ ) ھىسابلايدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا پۇلنى پۇلغا سېتىش ئارقىلىپ پۇل تاپىدۇ. مەسىلەن، مەن ساڭا 100- يۈەن پۇل بەردىم، ماڭا 110 يۈەن قايتۇرىسەن دەپ.

2) غەرب بانكىسىنىڭ ئامانەتچىلىرى بانكا ۋەيران بولامدۇ، پايدا ئالامدۇ بۇنىڭ بىلەن كارى يوق.. ئۇلار ئالدىنئالا بېكىتىكگەن ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ئۈسۈم ئالىدۇ. بانكىنىڭ ئۈلە-تىلىرىشى بىلەن كارى بولمايدۇ. بۇنى خەتەرنى باشقىلارغا ئارتىپ قويۇش دەيمىز.

3) غەرب بانكىلىرىدا، ئۈسۈم ئالدىنئالا بېكىتىلگەن بولىدۇ. تاپمىغان پۇلنى ئالدىنئالا بېكىتىپ قويىدۇ.. ئالدىنئالا بېكىتىلسە ھارام بولىدۇ.

ئىسلام بانكىلىرى بولسا،

1) پۇلنى ئالماشتۇرۇشنىڭ ۋاستىسى قىلىپ تۇرۇپ، سودا سېتىق ئاساسىدا پۇل تاپىدۇ. پۇلنى پۇل ئارقىلىق تاپمايدۇ. دىمەكچى پۇلنى پۇلغا ساتمايدۇ. مەسىلەن: ئۇلار 100 يۈەنگە بىر نەرسە سېتىۋېلىپ سىزگە 110 يۈەنگە ساتىدۇ. دىمەك، سودا-سېتىق ئاساسىدا قىممەت يارىتىلىدۇ.

2) ئىسلام بانكىسىنىڭ ئامانەتچىلىرى، پىرىنسىپ بويىچە ئېيتقاندا، بانكىنىڭ پايدا زىيىنىغا تەڭ مەسئول بولىدۇ. دىمەكچى، بانكا پايدا ئالسا پايدا ئالىدۇ، زىيان تارتسا، زىياننىمۇ تەڭ ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇ پايدا ۋە زىياننى تەڭ ئۈستىگە ئېلىش دەپ ئاتىلىدۇ.

3) ھىچقانداق بىر نىسبەت بېكىتىلمەيدۇ. پەقەتلا بانكىنىڭ پايدا-زىيىنىغا ئاساسەن پايدا ئايرىپ بېرىلىدۇ.

ئىسلام بانكىسى ئامانەت تۈرلىرى
ئەمدى بانكىنىڭ ئامانەت تەرىپى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى: غەرب بانكىسى بولسۇن، ياكى ئىسلام بانكىسى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئامانەت ۋە قەرز تۈرلىرىنىڭ ئىسمى ئوخشاش بولىدۇ. مەسىلەن: قەرەللىك ۋە قەرەلسىز ئامانەت، ئۆي قەرزى، ماشىنا قەرزى دىگەندەك. ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ پەرقى زادى قەيەردە ؟ ئۇلارنىڭ تۈپكى پەرقى ئىسلام بانكىلىرى قوللىنىۋاتقان ئىسلام توختامنامىلەر بىلەن پەرقلىنىدۇ.
قەرەلسىز ئامانەت
ئىسلام بانكىىسمۇ ئامانەتچىلەردىن قەرەلسىز ئامانەت ئالىدۇ. بۇ ئامانەت تۈرىگە ئەرەبچىدىن كىرگەن ۋادىيە ياد-دامانە ( مەنىسى : قايتۇرلۇشقا كاپالەت قىلىنىدىغان ئامانەت) دىگەن توختامنامىنى ئىشلىتىلىدۇ. دىمەكچى بۇ پۇل ئامەنەتچىلەرگە قايتۇرۇلىشىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. بانكىمۇ ھىچقانداق بىر نىسبەت ئۈلۈشى بېكىتمەيدۇ. ئامانەتچىلەرمۇ بانكىغا ساقلاش پۇلى تاپشۇرمايدۇ. ئامانەتچىلەر خالىغان ۋاقىتتا پۇلنى بانكىدىن ئالالايدۇ. ئاي ئاخىرىدا ياكى بولمىسا يىل ئاخىرىدا، بانكا ئۆزىنىڭ تاپقان پايدىسىغا ئاساسەن بۇ ئامانەت تۈرىگە مۇكاپات قىلىپ پايدا ئايرىپ بېرىدۇ. مانا بۇ ئىسلامدىكى قەرەلسىز پۇل ئامانىتى.
قەرەللىك ئامانەت
بۇ ئامانەت تۈرى غەرب بانكىسىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ. بۇ ئامانەت تۈرىگە ئىسلامچە مۇزارەبەت دەيدىغان توختامنانە ئىشلىتىلىدۇ. بۇ توختامنامىدە پۇلنى پۇلى بار ئادەم چىقىرىدۇ، لېكىن سودىدا ماھىر، سودىدا ئىپى بار تەرپ كۈچىنى ۋە ئەقلىنى چىقىرىدۇ. ئەگەر سودىدا پايدا كۆرۈلسە ئىككى تەرەپ ئۆزلىرى كېلىشكەن نىسبەت بويىچە بۆلىشىدۇ. ئەگەر زىيان چىقسا، پۇل ئىگىسى ئىگە بولىدۇ. بۇ مۇزارەبەت توختامنامىسى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللاھۇ ئەلەيھىسسام بىلەن خەدىچە ئانىمىز ئوتتۇرىدىمۇ بولغان. خەدىچە ئانىمىز باي، پۇلى بار ئايال ئىدى. لېكىن پەيغەمبىرىمىزدە ئىقتىساد يوق ئىدى. شۇڭا خەدىچە ئانىمىز پۇل چىقارسا، پەيغەمبىرىمىز كۈچ چىقىرىپ سودا قىلغان. تاپقان پايدىنى تەڭ بۈلۈشكەن. مانا بۇ ئاددىغىنە مۇزارەبەت توختامنامىسى. مۇشۇ توختامنامە بويىچە ئامانەتچىلەر پۇل ئىگىسى، بانكا بولسا كۈچ ئىگىسى بولىدۇ. بۇ توختامنامىدە ئامانەتچىلەر مەبلەغ سالغان پۇلمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىنمايدۇ. پايدىمۇ بېكىتىلمەيدۇ. (قىسقىچە ئىزاھەت: مالايسىيادىكى ئىسلام بانكىسى قۇرۇلغان ۋاقىتتىن باشلاپ، تاكى ھازىرغىچە بۇ ئامانەت تۈرىنىڭ ئامانىتى قوغدىلىنىپ كەلگەن. مەبلەغ سالغان پۇل قوغدىلىنىدۇ.. ئامانەتچىلەرنىڭ پۇلى زىيانغا ئۇچرىمايدۇ دىمەكچى. دىمىسىمۇ، ئەگەر ئىسلام بانكىسى يېڭى قۇرۇلۇپلا، سېنىڭ ئامانىتىڭ قوغدالمايدۇ، زىياننى تەڭ ئۈستىگە ئالىسەن دىسە، ھىچكىم ئامانەت قويمايدۇ-دە. لېكىن 2013-يىلىدىن باشلاپ، مالايسىيا ھۆكۆمىتى ئىسلام بانكىسى قانونى چىقىرىپ، بۇ ئامانەت 2014-يىلدىن باشلاپ، كاپالەتكە ئىگە قىلىنمايدۇ، ئامانەتچىلەر پايدا-زىيانغا تەڭ مەسئول بولىدۇ دەپ قارار ماقۇللىدى. شۇڭا بۇندىن كېيىن بۇ ئامانەت تۈرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنمايدۇ). مانا بۇ ئىسلامدىكى قەرەللىك پۇل ئامانىتى.
يىغنىچاقلىغاندا، قەرەلسىز پۇل ئامانىتى كاپالەتكە ئىگە بولۇپ، قۇيغان ئامانەتنىڭ تولۇق قايتۇرۇلىشى ئۈچۈن كاپالەتلىك قىلىدۇ. بانكا پايدا تاپسا، پايدىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ. مەبلەغ سېلىش ھىساباتىدىكى پۇل (قەرەللىك ئامانەت) بولسا، كاپالەتكە ئىگە ئەمەس، بانكىنىڭ پايدا-زىينىغا تەڭ مەسئول بولىدۇ.

پۇل بازىرى ئامانىتى

ئامانەتنىڭ جىق ئادەم بىلمەيدىغان يەنە بىر تۈرى بار. ئۇ بولسىمۇ پۇل بازىرى ئامانىتى. بۇ ئامانەت قانداق ۋاقىتتا ئىشلىتىلىدۇ ؟ ئالايلۇق، مەلۇم بىر كۈندە مەلۇم بىر بانكىدىن جىق پۇل چىقىرۋېلىندى، بۇ ۋاقىتتا بانكا ساقلاپ قويغان پۇل يىتىشمەي قالدى. بۇ چاغدا، بانكا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، پۇل بازىرىدىن ئۆتنە ئالىدۇ. ئەلۋەتتە ئىسلام بانكىلىرى غەرب بانكىلىرىدىن پۇل ئالسا بولمايدۇ-دە. شۇڭا ئىسلام بانكىسى قۇرۇلسا، چوقۇم يەنە ئىسلام پۇل بازىرى قۇرۇلىشى كېرەك. مالايسىيادا ئىسلام بانكىسى قۇرۇلۇپ 13 يىلدىن كېيىن يەنى 1993-يىلى ئىسلام بانكىلىرىنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىسلام پۇل بازىرى قۇرۇلغان. بۇنىڭدىن بۇرۇن پۇل يىتىشمىسە دۆلەت ياردەم قىلىپ تۇرغان.

بۇ يەردە پۇل بازىرى (Money Market) بىلەن كاپىتال بازىرىنىڭ (Capital Market) پەرقى نىمە دىگەن سۇئال تۇغىلىدۇ. پۇل بازىرى ئادەتتە قىسقا مۇددەتلىك بولىدۇ. ئۆتنە ئېلىش ۋاقتى بىر يىلدىن تۆۋەن بولىدۇ. كاپىتال بازىرىدا ئادەتتە زايوم بىلەن پايچەك سېتىلىدۇ، ئادەتتە كاپىتالنىڭ ئارىيەت ئېلىش ۋاقتى بىر يىلدىن يوقىرى بولىدۇ. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، پۇل بازىرى قىسقا مۇددەتلىك، كاپىتال بازىرى ئۇزاق مۇددەتلىك بولىدۇ.

ئەمدى ئىسلام پۇل بازىرىغا قايتىپ كېلەيلى: شۇڭا ئىسلام پۇل بازىرى ئىسلام بانكىلىرى مەبلەغ ئالماشتۇرىدىغان بىر سەھنە. مۇشۇ سەھنە ئارقىلىق پۇلى ئېشىپ قالغان بانكا پۇل بازىرىغا قويىدۇ. پۇلى كېمىپ قالغان بانكا مۇشۇ سەھنىدىن ئارىيەت ئالىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ پۇلنىمۇ بىكارغا بېرىپ تۇرمايدۇ. ھەرقانداق بىر كاپىتالنىڭ قىممىتى (Cost of Capital) بولىدۇ. بۇ بانكىلار ئوتتۇرىسىدا يەنە ئىسلامچە توختامنامىلەر بولىدۇ. مۇزارەبەت (Mudarabah)، ۋەكالەت (Wakalah) ۋە تەۋەررۇق (Tawarruq) قاتارلىق ئىسلامچە توختامنامىلەر. مۇزارەبەتنى قىسقىغىنە قىلىپ چۈشەندۇردۇم. ۋەكالەت توختامنامىسىنى چۈشەنمەك تەس ئەمەس. پۇل ئارىيەت ئالغان بانكا مەبلەغ سېلىپ، تاپقان پۇلدىن ۋەكالەت پۇلى ئېلىپ قالغان پۇلنى ئانا پۇلى بىلەن قوشۇپ مەبلەغ بەرگەن بانكىغا قايتۇرىدۇ.

تەۋررۇق توختامنامىسى

بۇ توختامنامە 3 تەرەپتىن تەركىب تاپقان. بۇ خۇددى بىزنىڭ ئەنئەنىۋى سودىلىرىمىزغا ئوخشاپ كېتىدۇ. مىسال: ئەمەت مەمەتتىن 1000 يۈەنگە بىر كومپىيوتۇر سېتىۋالدى. ئەمەت بۇ ۋاقىتتا يا ئىز پۇلىغا سېتىشىنى، يا پايدا ئېلىشىنى ياكى زىيان تارتىشىنى بىلمەيدۇ. شۇڭا ئەمەت بۇ سودىدىن تاپقان پۇل ھالال بولىدۇ. ئەمەت بۇ كومپىيۇتورنى سەمەتكە 1200 يۈەنگە ساتتى دەيلى، 200 يۈەن ئەمەتنىڭ پايدىسى بولىدۇ. مانا بۇ ئەنئەنىۋى تەۋەررۇق. ئۇنداقتا بانكىلار ئوتتۇرىدىكى تەۋەررۇق قانداق بولىدۇ؟ بۇنى دىئاگرامما ئارقىلىق چۈشەندۇرسەك بەك چۈشىنىشلىك بولاتتى. غەرب بانكىسى بولغان بولسا پۇلنى بېرىپلا بولدى قىلاتتى، شۇڭا بەرگەن پۇلغا ئۆسۈم ئالاتتى. شۇڭا ئىسلام بانكىلىرىكى تەۋەررۇق بۇنداق بولىدۇ:

1) ئېشىنچا پۇلى بار بانكا مال بىلەن تەمىنلىگۈچىدىن (ئادەتتە مالايسىيادىن پالما مېيى جىق چىقىدىغانلىقى ئۈچۈن، پالما مېيىنى ئاساسلىق مال قاتارىدا ئىشلىتىدۇ) مال ستىۋالىدۇ. مىسال ئۈچۈن بۇ بانكا بىر مىليونغا سېتلىۋالدى دەيلى.
2) مال بىلەن تەمنىلىگۈچى مالنى يەتكۈزىدۇ.
3) بۇ مالنى پۇلغا ئېھتىياجلىق بانكىغا نېسىغا بېرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئېشىنچا پۇلى بار بانكا بۇ مالنى 1 مىليون 100 مىڭغا ساتتى دەيلى. ئارىيەتكە ئالغان بانكا مەلۇم بىر مۇددەت ئىچىدە بۇ پۇلنى قايتۇرىدۇ.
4) پۇلغا ئېھتىياجلىق بانكا مالنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، بۇنى بازار نەرقىدە ئۈچۈنجى بىر تەرەپكە نەق پۇلغا ساتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ بانكا ئېھتىياجلىق پۇلغا ئېرىشىدۇ. مانا بۇ تەۋەررۇق توختامنامىسى.

( بۇ يەردە يەنە بىر سۇئال تۇغىلىدۇ. نەق ساتسا ئەرزەنرەك، نېسىغا ساتسا قىممەترەك ساتسا بولامدۇ دەيدىغان. بۇنى كېيىچەرەك تەپسىلى چۈشەندۈرىمەن. قىسقىچە جاۋاب بولىدۇ).
شۇنداق قىلىپ ئىسلام بانكىسىنىڭ ئامانەت تۈرلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق. يىغىنچاقلىغاندا، بانكىنىڭ ئامانەت تۈرلىرى: 1) قەرەلسىز ئامانەت 2) قەرەللىك ئامانەت 3) پۇل بازىرى ئامانىتى ۋە 4) ئۆزى چىقارغان ئازغىنە مەبلەغ (كاپىتال).

ئەمدى مالىيە تۈرلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:

مالىيە تۈرلىرى

غەرب بانكىلىرى قەرز ئالغۇچىلارغا بەرگەن پۇلنى قەرز (Loan) دەپ ئاتايدۇ. ئىسلام بانكىلىرى بولسا مالىيە بىلەن تەمىنلەش (Financing) دەپ ئاتايدۇ. غەرب بانكىلرى بولسۇن ياكى ئىسلام بانكلىرى بولسۇن، ئۇلار ئاساسلىق خېرىدارلىرى ئۆي مۈلۈك سېتىۋالغۇچىلار (Home Financing) ، ماشىنا سېتىۋالغۇچىلار (Car Financing) ، شەخسى ئىشىغا ئىشلىتىدىغانلار ( Personal Financing) بولىدۇ. ئۇنداقتا ئىسلام بانكىلىرى قانداق شەكىلدە مالىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ؟

ئۆي-مۈلۈك مالىيىسى

بۇ مالىيە تۈرى ئۈچۈن ئوخشىمىغان ئىسلام بانكىلىرى ئوخشىمىغان ئىسلام توختامنامىلىرىنى ئىشلىتىدۇ. مۇراباخا (Murabahah)، مۇشاراكا مۇنتەنەقىسا (Musharakak Muntanaqisah )، تەۋەررۇق (Tawarruq ) توختامنامىلىرى ئىشلىتىلىدۇ.

مۇراباخا مالىيىسى

ئادەتتە بىزنىڭ ئەنئەنىۋى سودىلرىمىزدا ئالغان مالنىڭ قىممىتى ۋە پايدىسى ئاشكارلانمايدۇ. دىمەكچى مال ساتقۇچى ئانا پۇلى قانچە پۇل، پايدىسى قانچە پۇل بۇنى ئاشكارلىمايدۇ. بۇ ئادەتتە مۇساۋاما (Musawamah) سودا سېتىق شەكلىگە كىرىدۇ. ئۇنداقتا مۇراباخا قانداق بولىدۇ؟ بۇ توختامنامىدە مال ساتقۇچى مال ئالغۇچىغا ئانا پۇل قانچە، پايدىسى قانچە ئېنىق ئاشكارلايدۇ. بۇنىڭ لوغەت مەنىسى ئانا پۇلغا پايدىنى قوشۇپ سېتىش. شۇنداق بولغاندا مال ئالغۇچى سېتىۋالغان مېلىنىڭ ئانا پۇلى قانچە، قارشى تەرەپنىڭ پايدىسى قانچە ئېنىق بىلەلەيدۇ. مانا بۇل مۇراباخا توختامنامىسى. ئۇنداقتا بۇ توختامنامە ئىسلام بانكلىرىدا قانداق ئىشلىتىلىدۇ ؟

1) بانكا ئالدى بىلەن ئۆي-مۈلۈك سودىگىرىدىن ئۆينى نەق پۇلغا سېتىۋالىدۇ.
2) ئۆي-مۈلۈك سودىگىرى ئۆينىڭ ئىگدارچىلىق ھوقوقىنى بانكىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.
3) بانكا ئاندىن كېيىن بۇ ئۆينى خېرىدارغا ئۆزىنىڭ پايدىسىنى قوشۇپ نېسىغا ساتىدۇ. ئانا پۇل قانچە، بانكىنىڭ پايدىسى قانچە ئېنىق ئاشكارلايدۇ.
4) خېرىدار ئايغا بۆلۈپ بانكىغا پۇل تۆلەيدۇ.

شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى: بۇ يەردە بىر باھا بولىدۇ. ئەگەر باھا ئۆزگەرسە بۇ ئىسلام سودا قانونىيىتىگە چۈشمەي قالىدۇ. شۇڭا باشتىن ئاخىر بىر باھادا پۇل تۆلەيدۇ. مىسال: بانكا ئۆينى 300 مىڭغا سېتىۋالدى دەيلى، ئۇنى خېرىدارغا 400 مىڭغا 20 يىلدا تۆلەيدىغان قىلىپ ساتتى. شۇنداق بولغاندا خېرىدار ھەر ئايدا 1667 يۈەن تۆلەيدۇ.

1667=12*20 /400,000

مانا بۇ مۇراباخا مالىيسى.

مۇشاراكا مۇنتانەقىسا مالىيسى

بۇ مالىيە شەكلى ئىسلامغا ئەڭ ئۇيغۇن كېلىدۇ دەپ قارىلىدۇ. بۇ توختامنامىدا 2 تەرەپ شىرىك بولۇپ مەلۇم بىر نەرسىنى سېتىۋالىدۇ. بىر تەرپ كۆپرەك، يەنە بىر تەرەپ ئازراق چىقىرىدۇ. ئازراق چىقارغان تەرەپ جىق تەرەپكە قەدەممۇ قەدەم پۇل تۆلەش ئارقىلىق قارشى تەرپنىڭ پېيىنى سېتىلۋالىدۇ. بۇ پۇل تۆلەش قارشى تەرپنىڭ پېيىنى 100% سېتىۋالغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. دىمەكچى بىر تەرەپنىڭ پېيى ئازلاپ ماڭىدۇ، يەنە بىر تەرەپنىڭ جىقلاپ ماڭىدۇ. بۇ توختامنامىنىڭ لوغەت مەنىسى بولسا بىر شېرىكنىڭ پېيى قەدەممۇ قەدەم ئازىيىش دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنداقتا بۇ توختامنامە ئىسلام بانكىلىرىدا قانداق ئىشلىتىلىدۇ؟

1) بانكا بىلەن خېرىدار بىرلىشىپ ئۆي مۈلۈك سودىگىرىدىن ئۆينى سېتىۋالىدۇ. بانكا 90% ۋە خېرىدار 10% چىقاردى دەيلى.
2) ئۆي ئىككى تەرەپنىڭ نامىدا بولىدۇ.
3) خېرىدار ھەر ئايدا ئىجارا ھىسابىدا بانكىغا ھەر ئايدا پۇل تۆلەيدۇ.
4) پۇل تۆلەش قاچان خېرىدار بانكىنىڭ 90% پېيىنى تولۇق سېتىۋالغۇچە داۋاملىشىدۇ.
5) خېرىدار بانكىنىڭ ھەممە پۇلىنى تۆلەپ بولغاندا بۇ ئۆي 100% خېرىدار نامىغا ئۆتىدۇ. مانا مۇ مۇشاراكا مۇنتەنەقىسا ئۆي-مۈلۈك مالىيسى.

http://bbs.bagdax.cn/thread-23869-1-1.html

Share
2484 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.