logo

trugen jacn

ئىستانبۇل ئائىرپورتتا 35 ئۇيغۇر 17 كۈندىن بىرى ۋىزا كۈتۈپ تۇرماقتا

 

خىتاينىڭ زۇلىمىغا چىدىماي ۋەتىنىدىن چىقىپ دۇنيانىڭ يەر تەرىپىگە قەچىپ كىتىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 35 كىشى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئاىرپورتىدا تۈركىيە چىگىرىسىدىن كىرىش ئۈچۈن 17 كۈندىن بىرى ساقلاپ تۇرىۋاتىدۇ.
قەرى-چۈرى،بالا-چاقا بولۇپ جەمئى 35 ئۇيغۇرنىڭ تۈرك ئايروپىلانلىرىدا 21 كىشى،ئەتىھىاد ئايروپىلانىدا 7 كىشى، قاتار ئاىروپىلانلىرى بىلەن 7 كىش 25.مارت كۈنىدىن باشلاپ ئىستانبۇلغا كەلگەن بولۇپ،ئۇلارنىڭ ۋىزىسى بولمىغاچقا تۈركىيەگە كىرەلمەي تىرانزىت زالىدا يەتىۋاتىدۇ.ئۇلارغا تۈرك ئاىرپورت شىركىتى تاۋ يىمەك-ئىچمەك بىرىپ قاراۋاتىدۇ.بۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىر كىچىك بالا كىسەل بولۇپ قەلىپ دوختۇرخانىغا ياتۇرۇلدى.يەنە بىر ئۇيغۇر ئايال كىسەل بولۇپ قالغان بولۇپ ئەر دوختۇرنىڭ قارىشىنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن ئايال دوختۇرنىڭ كىلىشىنى كۈتىۋاتىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلار تۈرك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىگى بىلەن ئالاقە قىلىۋاتىدۇ.تۈرك خەلقى ۋەتىنىدىن قەچىپ چىقىپ كىتىشكە مەجبۇر بولغان بۇ ئۇيغۇر قەرىنداشلىرىنىڭ بالدۇرراق تۈركىيەگە كىرىش ۋىزىسىنىڭ بىجىرىلىپ بىرىشىنى كۈتمەكتە

مەنبە
دھا خەۋەر ئاجانسى
ھۇرىيەت گىزىتى

Share
3335 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.