logo

trugen jacn

ئىستانبۇلدا گېنېرال مەمەت رىزا بېكىننى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

b40090db-87a8-4202-b70c-82c06e7e243e

ئەركىن تارىم

2015-u0222-erkin.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىدىن بىرى، ئۇيغۇر گېنېرال مەرھۇم مەمەت رىزا بېكىننىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 5 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. 2 – ئاينىڭ 21 – كۈنى ئىستانبۇلنىڭ ئاقساراي رايونىدىكى گىرانت ئىنكا مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە سابىق پارلامېنت ئەزاسى پېشقەدەم سىياسەتچى نەۋزات يالچىنتاش ئەپەندى، ئىدىل – ئۇرال تۈركىستان ۋەخپى باشلىقى تۈلاي دۇران خانىم، تونۇلغان تارىخچى پروفېسسور گۈلچىن چاندارلى خانىم، مەرھۇم گېنېرال مەمەت رىزا بېكىننىڭ دوستلىرى، ئىزمىر ۋە ئەنقەرە قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار، ئۇنىڭ قىزى، ئوغلى ۋە نەۋرىسى بولۇپ 100 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. يىغىن قۇرئانى كەرىم تىلاۋەتى بىلەن باشلاندى. گېنېرال مەمەت رىزا بېكىننى خاتىرىلەش يىغىنىغا تارىخچى پروفېسسور ئابدۇلقادىر دونۇق رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ يىغىندا سۆزلەيدىغانلارنى سۆزگە تەكلىپ قىلىشتىن بۇرۇن، قىسقا نۇتۇق سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى:

شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ يول باشچىلىرىدىن بىرى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن زور خىزمەتلەرنى قىلغان، 25 يىل بويىچە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن رەھمەتلىك گېنېرال مەمەت رىزا بېكىننىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 5 يىل بولغانلىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولدۇق. يىغىنىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈشىنى تىلەش بىلەن بىرلىكتە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى يولىدا جېنىنى پىدا قىلغان پۈتۈن شېھىتلەرنىڭ ياتقان جايىنىڭ جەننەت بولۇشىنى ئاللاھدىن تىلەيمەن.

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر گېنېرال مەمەت رىزا بېكىننى خاتىرىلەش يىغىنىدا سابىق پارلامېنت ئەزاسى نەۋزات يالچىنتاش ئەپەندى گېنېرال مەمەت رىزا بېكىننىڭ كېيىنكى 25 يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسى توغرىسىدا توختالدى. ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بولسا مەرھۇم گېنېرال مەمەت رىزا بېكىننىڭ تۈركىيەدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇش خىزمەتلىرى ئۈستىدە توختالدى. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ئوقۇتقانلىقىنى، گېنېرال مەمەت رىزا بېكىن ياردەم قىلمىغان بولسا ئۆزىنىڭ تۈركىيەگە كېلەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى. گېنېرال مەمەت رىزا بېكىننىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىپ ئوقۇتۇش خىزمىتىگە قوشقان تۆھپىسىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەغفىرەت كامال يۇنۇسوغلۇ خانىم مەرھۇم گېنېرال مەمەت رىزا بېكىننىڭ 85 يىللىق ھاياتى ۋە ئىش – ئىزلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. مەرھۇم گېنېرال مەمەت رىزا بېكىننىڭ 9 ياشتا ۋەتىنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، تۈرك ئارمىيەسىدە خىزمەت قىلغانلىقىنى، ئۆمرىنىڭ كېيىنكى 25 يىلىدا شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى. تۈركىيەدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى تەربىيەلەش خىزمىتىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ سابىق باش كاتىپى خامىت گۆكتۈرك ئەپەندى، گېنېرال مەمەت رىزا بېكىننىڭ ۋەقىپ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن 25 يىل جەريانىدا قىلغان خىزمەتلىرى توغرىسىدا توختالدى.

مەرھۇم مەمەت رىزا بېكىن 1925 – يىلى خوتەندە تۇغۇلغان. 9 ياش ۋاقتىدا ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ۋەتىنىدىن ئايرىلغان. ئۇ، مەرھۇم مەمەت ئەمىن بۇغرانىڭ ئايالىنىڭ ئىنىسىدۇر. ئۇ تۈركىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەكتىپىنى ئالىي نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن. 1950 – يىللاردا تۈركىيە قوشۇنىدا كورىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان.

مەرھۇم، ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تۈركىيىنىڭ ھەربىي ۋە ئىستىخبارات خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن. ئۇ شىمالى ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىدىمۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1985 – يىلى تۈركىيە ئارمىيىسىدىن گېنېرال ئۇنۋانى بىلەن پېنسىيىگە چىققان.

مەرھۇم 1990 – يىللاردىن كېيىن شەرقى تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى، شەرقى تۈركىستان ۋەخپى قاتارلىق تەشكىلاتلاردا رەئىس، مۇئاۋىن رەئىس ۋە پەخرىي رەئىس بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن.

مەرھۇم بۇندىن 5 يىل بۇرۇن، يەنى 2010 – يىلى 2 – ئاينىڭ 15 – كۈنى ئەنقەرەدە كۆزىنى يۇمغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/tarix-bugun/general-memet-reza-02222015224252.html

Share
1653 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.