logo

trugen jacn

ئىستانبۇلدا مەھمەتئىمىن بۇغرا خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلماقچى

image

ئەركىن تارىم

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم شەخىسلەردىن بىرى، خوتەن ئىنقىلابىنىڭ قوماندانلىرىدىن تارىخچى، ئۆلىما، يازغۇچى ۋە شائىر مەھمەتئىمىن بۇغرانىڭ ۋاپاتىنىڭ 50-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا خەلقئارا مەھمەتئىمىن بۇغرا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلماقچى.

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى ئورتاقلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 7-ئۆكتەبىر كۈنى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى كۈلتۈر يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىگە ئاساسلانغاندا يىغىن ئەتىگەن سائەت ئوندا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ ئىستىقلال مارشى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلىنىدىكەن. ئارقىدىن يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، مۇراسىمدىن كېيىن ياپونىيە، ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كېلىپ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان مۇتەخەسسىسلەر مەھمەتئىمىن بۇغرانىڭ ھاياتى، ئىدىيىسى، ئىنقىلابلىرى ۋە ئەسەرلىرى توغرىسىدا تەييارلىغان ئىلمىي دوكلاتلىرىنى ئوقۇپ ئۆتىدىكەن. يىغىندا م. بۇغرا تەتقىقاتچىسى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى مۇھاممەد ئالى ئالىئوغلۇ ئەپەندى «مەھمەتئىمىن بۇغرا ئەسەرلىرىنىڭ ئارخىپ خىزمەتلىرى توغرىسىدا»، ئەزەربەيجانلىق مۇتەخەسسىس دوكتور جاۋىت قاسىموف «ئەزەربەيجاندا مەھمەتئىمىن بۇغرا توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار» تېمىسىدا، پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بولسا «مەھمەتئىمىن بۇغرا ئەسەرلىرىدە تۈركچە سۆز-ئاتالغۇلار» تېمىسىدا، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى «3 ئەپەندىلەر مەزگىلىدە ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپلىرى» تېمىسىدا تەييارلىغان ئىلمىي دوكلاتلىرىنى ئوقۇپ ئۆتمەكچى. بۇلاردىن باشقا ياپونىيەلىك مۇتەخەسسىس سەئىجى نىشىخارا ئەپەندى، تۈركىيەلىك مۇتەخەسسىس دوكتور تېكىن تۇنجەر، دوكتور ئابدۇللاھ باقىر، دوكتور نۇرەخمەت قۇربان ۋە جەبرائىل نەرگىس قاتارلىق كىشىلەر ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتمەكچى. يىغىن جەريانىدا مەھمەتئىمىن بۇغرا رەسىم كۆرگەزمىسىمۇ ئېچىلماقچى.

بۇ، مەھمەتئىمىن بۇغرا توغرىسىدا چاقىرىلغان تۇنجى قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ، مەزكۇر يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچى شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى باش كاتىپى، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇ، يىغىننىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئاخىرلىشىپ قالغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەھمەتئىمىن بۇغرانىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 50-يىللىقىغا ئاتاپ خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىش ئۈچۈن 5-6 ئايدىن بۇيان جىددىي تەييارلىق خىزمىتى قىلدۇق. ياپونىيە، قىرغىزىستان ۋە تۈركىيەدىن ئىشتىراك قىلغان مۇتەخەسسىسلەر سۆزلەيدۇ. مەھمەتئىمىن بۇغرانى ھەر جەھەتتىن تەھلىل قىلىمىز. تەييارلىق خىزمەتلىرىمىز ئاخىرلاشتى، مۇتەخەسسىسلەر كېلىشكە باشلىدى. چارشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت ئوندىن ئاخشامغىچە بۇ يىغىننى چاقىرىمىز.

ئۇ، خەلقئارا مەھمەتئىمىن بۇغرا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى چاقىرىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىرىنچى مەقسىتىمىز سىزگىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىر تەرەپتىن ئۆز جامائەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرىش ئارقىلىق تارىختا بولۇپ ئۆتكەنلەر ۋە بۇندىن كېيىن يۈز بەرگۈسى ۋەقەلەر توغرىسىدا مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزۈپ ئۆز خەلقىگە يەتكۈزىدۇ. مەھمەتئىمىن بۇغرا 20-ئەسىر شەرقىي تۈركىستان تارىخىدىكى مۇھىم شەخىسلەردىن بىرى، بىزنىڭ يەنە بىر مەقسىتىمىز بۇ ھەقتە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىپ مەھمەتئىمىن بۇغرا توغرىسىدا يېڭى مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش شۇنداقلا ئۇنىڭ كۈرەش ھاياتىنى ئەسلەپ ئۆتۈشتىن ئىبارەت. يەنە بىر جەھەتتىن مەھمەتئىمىن بۇغراغا بولغان بۇرچىمىزنى ئادا قىلىش. چۈنكى تۈركىيەگە ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ جايلىشىشىدا مەھمەتئىمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ تۆھپىسى زور. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تۈركىيەدە تونۇلۇشىدا ئۇلارنىڭ قوشقان تۆھپىسىمۇ ئىنتايىن زور.»

ئۇ، بۇ يىغىننىڭ ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردىمى بىلەن چاقىرىلىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ يىغىننى دۆلەت ئورگىنىنىڭ ياردىمى بىلەن ئاچقانلىقىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇق. بۇنىڭدىن يىغىنىمىزنىڭ ئىلمىي بىر يىغىن ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. شۇڭا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىغىمۇ چىڭ كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.»

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خالىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇ كۈنى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى كۈلتۈر ۋە يىغىن زالىغا كېلىپ قاتناشسا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. يىغىن 7-ئۆكتەبىر كۈنى ئەتىگەن سائەت ئوندا باشلىنىپ ئاخشام سائەت ئالتىدە ئاخىرلىشىدىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/memet-imin-bughra-10052015163254.html

Share
1590 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.