logo

trugen jacn

ئىرقىي قىرغىچىلىق ۋە مۇستەقىللىق

 

ئېرپان مۇزەپپەر

ئىرقىي قىرغىچىلىق بىلەن مۇستەقىللىقدىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئۇقۇم ئايرىم- ئايرىم كاتېگورىيەلەرگە مەنسۇپ ئۇقۇملار بولۇپ، بۇ ئىككى ئۇقۇم ئارىسىدا بىۋاسىتە سەۋەپ- نەتىجىلىك مۇقەررەر لوگىكىلىق باغىلىنىش مەۋجۇت ئەمەس.  دېمەكچى، ھەر قانداق ئىرقىي قىرغىچىلىقنىڭ نەتىجىسى مۇستەقىللىق بىلەن ئاياغلىشىشى ناتايىن. بەزىبىر ئىرقىي قىرغىچىلىق بەزىبىر مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى كەلتۇرۇشكە سەۋەپ بولۇپ قالغان بولسا، يەنە  بەزىبىر  ئىرقىي قىرغىچىلىق بەزىبىر مىللەتنىڭ مەلۇم بىر مۇئەييەن جۇغراپىيىلىك زىمىن دائىرىسىدا پۈتۈنلەي يوقۇلۇپ كېتىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشى مۇمكىن. ھازىرقى زامان تارىخىدا نىسپەتەن ئانچە چوڭ بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە بىر مىللەت يەنە بىر مىللەتكە قارىتا ئىرقىي قىرغىچىلىق يۈرگۈزگەندە ب ت د نىڭ ئارىلىشى بىلەن ئىرقىي قىرغىچىلىققا ئۆچرىغۈچى مىللەتنىڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشكەنلىك مىساللىرى كۆرۈلدى. لېكىن چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە نوپۇسى كۆپ مىللەتكە ۋەكىللىك قىلغۇچى ھاكىمىيەت نوپۇسى ئازراق مىللەتكە قارىتا ئىرقىي قىرغىچىلىق قىلىشىنىڭ مىسالى 2017- يىلىدىن باشلاپ نوپۇسى كۆپ خىتايلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان خىتاي كومپارتىيە  ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتا ئىرقىي قىرغىچىلىق يۈرگۈزۈشدىن ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان.

خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتا ئىرقىي قىرغىچىلىق يۈرگۈزۈشدىن ئىبارەت بۇ  رېئال ئەمەلىيەتكە قارىتا ب ت د ئالىي ئورگىنى– خەۋپسىزلىك كېڭىشىىنىڭ  دىققەت – ئېتىبارنى بەرمەسلىكى ب ت د نىڭ « كىشلىك ھوقۇق دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ئۈستۈن » دېگەن پرىنىسىپىنى نىسپەتەن كىچىك دۆلەتلەرگە قوللىنىشقا قۈربى يەتكەن بىلەن چوڭ دۆلەتلەرگە ئىشلىتىشكە قۈربى يەتمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئۈچ يىلدىن بىرى  خىتاي كومپارتىيە  ھۆكۈمىتى شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرگە قارىتا  دەھشەتلىك ئىرقىي قىرغىچىلىق يۈرگۈزۈپ، مىليونلاپ ئۇيغۇرنى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا سولىدى ۋە قۇل ئەمگەك كۈچى قىلىپ جازا لاگېرلىرىدەك فابرىكىلاردا ئىشلەتمەكتە، تۈمەنمىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرۈپ تۆگەتتى. مەزكۈر ئىرقىي قىرغىچىلىقنىڭ ئەھۋالى گىتلېر فاشىستلىرىنىڭ 2- دۇنيا ئۇرۇش مەزگىلىدە يەھۇدىيلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىللىقنىڭ دەرىجىسى بىلەن ئوخشاپ قالغان بولسىمۇ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى  تاڭگازا چىشلىۋالغاندەك « خىڭ » قىلىپ قويمىدى. ئەمىلىيەتتە ب ت د خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ پوزىتسىيىسى بۇ ئورگاننىڭ ب د ت نىڭ تىنچىلىق ساقلاش قىسىملىرىنى خىتايغا كىرگۈزۈشكە قۇربى يەتمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي كومپارتىيە  ھۆكۈمىتىنىڭ تەبىئىيتىدىن قارىغاندا ئۇلار ئۆزىگە پايدىلىق بولغان خەلقئارالىق قانۇن ۋە شەرتنامىلارنى پاي- پىتەك بولۇپ  بىلەن ئىجرا قىلغان بىلەن، ئۆزىگە پايدا يەتكۈمەيدىغان خەلقئارالىق قانۇن ۋە شەرتنامىلارنى بىر تىيىنغا ھېساپ قىلمايدۇ.

نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىچىلىقنى توختىتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك خىزمەتلەر بولسا ھەر قايسى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ئا ق ش ھۆكۈمىتى چىقارغان « 2020- يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى » دەك خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىگە ئەمىلىي جازا بېرىدىغان قانۇنلارنى چىقىرىشىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە دونيا مىقياسىدا خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانىيەتكە قارشى ئىرقىي قىرغىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقاندىن ئىبارەت رەزىل ئەپتى- پەشىرىسىنى تەلتۆكۈس پاش قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ كۈلەمدە قانات يايدۇرۇشتىن تاشقىرى، يەنە دۇنيا خەلقىگە خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياغا بىر ئاپەت ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىش كېرەك. خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياغا ئاپەت كەلتۈرۈشىنى توختىتىشنىڭ  ئەڭ ئۈنۈملىك تەدبىرىلىرىنىڭ بىرىسى بولسا  خىتاي ئىقتىسادىنى كەسكىن رەۋىشتە ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە ھالسىزلاندۇرۇش بىلەن بىرگە خىتاينىڭ چەت ئەللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان «  قىزىل تەشۋىقاتلىرى » نى ئۈزۈل- كېسىل چەكلەشتىن ئىبارەت.  بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەردىكى تەشۋىقات ئورگانلىرى، ئىقتىسادىي ئورگان ۋە ئەسلىھەلىرىنى خىتايغا قايتۇرۋېتىش ۋە چەت ئەلنىڭ خىتايدىكى زاۋۇت- فابرىكىلىرىنى  ئۆز مەملىكىتىگە قايتۇرۇپ كېلىش ياكى باشقا مەملىكەتلەرگە يۈتكەش كېرەك.  خىتاي بىلەن سودىنى ئاز قىلىش، سودا قىلغاندىمۇ كىشلىك ھوقۇق مەسلىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش ۋە خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتىنى دۇنيا مىقىياسىدا ئومۇمىيۈزلۈك قانات يايدۇرۇش ۋە ئىزچىل ئېلىپ بېرىش كېرەك.

Share
6503 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.