logo

trugen jacn

ئىتالىيە ئەدلىيە دائىرىلىرى خىتاي پۇقرالىرىنى پۇل يۇيۇش بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

dolar

ىتالىيە تەپتىش خادىملىرى ئىتالىيەنىڭ مىلان شەھىرىدىكى خىتاي بانكىسىنىڭ شۆبىسى ۋە تەخمىنەن 300 نەپەر خىتاي پۇقراسىنى پۇل يۇيۇش بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قانۇنسىز يوسۇندا تەخمىنەن 5 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى ئىتالىيەدىن خىتايغا يۆتكىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئىتالىيە ئەيىبلىگۈچى ئەمەلدارى بۇ پۇللارنىڭ ساقتىلىق، باجدىن قېچىش ۋە ئىشچىلارنى ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىش يوللىرى بىلەن قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىر نەپەر سوتچى خىتاي بانكىسى ۋە 297 نەپەر ئادەم ئۈستىدىن سوت ئېچىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ھازىرغىچە خىتاي بانكىسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىتالىيە تەرەپكە قارىتا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان.

ب ب س نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئىتالىيە ئەيىبلىگۈچىلىرى ئىتالىيەدىكى خىتاي كۆچمەن ئىشچىلىرىنىڭ خىزمەت شارائىتى مەسىلىسىگىمۇ دىققەت قىلىپ، 2013 – يىلى 12 – ئايدا يۈز بەرگەن بىر تىككۈچىلىك فابرىكىسىدىكى ئوت ئاپىتىدە 7 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە بەزى خىتايلار ئاچقان زاۋۇتنىڭ تەشكىللىك جىنايەت دېلولىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/italiye-edliye-xitay-pul-yuyush-06212015145818.html

Share
1428 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.