logo

trugen jacn

ئويلان

ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر

 

بىر قەتىم يىپ مىڭ بولۇپ بىرلەشسە ئۈزگەيمۇ كىشى؟

بىرلشىشتە ھاسىل بولغاي مىللەتىمنىڭ ھەر ئىشى.

ئىتتىپاقلىق مۇشتى بىرلە يارغۇمىز دۈشمەن بېشى،

تارقىلىپ كەتمەيلى پۇل، راھەتنىلا قوغلاش بىلەن.

 

يىغىلىپ پات – پات ۋەتەن ئالىملىرى ھەم بايلىرى،

سودىگەر ئەھلى، ھۈنەر ئىلغارلىرى، گادايلىرى.

زىكرى ئەيلەپ ئول ۋەتەننىڭ باغلىرى ھەم سايلىرى،

ھەر زامان خىزمەت قىلايلى مۇمكىن ئولغان پەيت بىلەن.

 

يۇرتتا قالغان ئۇ ئەسىر ئەل كۆپ ئۈمىد باغلار ساڭا،

بىز ئۈچۈن يىغلايدۇ دەپ رەھمەت دۇئا ئەيتار ساڭا.

تاشقىرىدا خىزمەت ئىشلەر دەپ گۇمان ئەيلەر ساڭا،

قالماسۇن مىللەت ئۈمىدى تەڭ بارا بەر خەس بىلەن.

 

نائۈمىد بولماق مۇسۇلمان بەندىگە لايىق ئەمەس،

ئىشلىمىگەن چىشلىمەسلىك سۈننەتۇللادۇر ۋە بەس.

تېرىغىن، ئورىغىن ئۆزەڭ ھېچكىم سېنىڭچۈن ئىشلىمەس،

مۇستەھكەم ئىشەن ئاللاھقا چوڭ ھۆرمەت بىلەن.

 

يۇرتتىكى قېرىنداشلىرىڭنىڭ ئاغزى بەند، قولىدا كىشەن،

ئىمكانىيەت يوق بىر ئىشقا غەيرىتى بولغان بىلەن.

بىر قەدەر ئەركىنلىكىڭ باردۇر مۇساپىر گەرچە سەن،

نائۈمىد بولماي تىرىشقىن ھىممەت ۋە غەيرەت بىلەن.

 

بېرىدۇ ئاللاھ ئۇلۇغ ئەجرى ساڭا قىلساڭ ئەمەل،

خاھى چىقسۇن بىر نەتىجە خاھى يەتسۇن بىر خەلەل.

خىزمەتىڭ ھەم نىيەتىڭ بىكارغا كەتمەس باغلا بەل،

نېمەگە يەتسە كۈچۈڭ قىلغىل ئادا جۈرئەت بىلەن.

 

قايسى نېمەت بەرسە ئەنى سورغۇسى رەببىڭ ئەلىم،

دېدى قۇرئاندا ئۆزى «لىتەس ئەلۇننە ئەنىن نەئىم»[1]، «تەكاسۇر»،

بايغا پۇل – مالنىڭ سوراغى، موللانىڭ قەرزى بىلىم،

سۆزلە، يازغىن ئەيلە دەۋا قولدىكى پۇرسەت بىلەن.

 

 

[1] تەكاسۇر سۈرىسى، 8 – ئايەت. «بېرىلگەن ھەر نېمەتتىن جاۋابكارلىققا تارتىلىسىلەر».

Share
3201 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.