logo

trugen jacn

ئونسۇ چاغراقتىكى ئۇيغۇر ئەر-ئايال دىنىي ئېتىقادى ئۇشتۇمتۇت كۈچىيىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن قاماققا ئېلىنغان

Kuçar-3

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مەلۇم بولۇشىچە، ئونسۇ چاغراقتىكى يەرلىك دائىرىلەر چاغراقنىڭ 2‏-كەنتىدىكى تۇردى تۇنياز ۋە ئايالى گۈلمىرە ئىمىننىڭ دىنىي ئېتىقادىدا ئۇشتۇمتۇت كۈچىيىش بولغانلىقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن، دىنىي ئەسەبىيلىك گۇمانى بىلەن ئۇلارنىڭ پېيىغا چۈشكەن ۋە نازارەت ئاستىغا ئالغان.

مەزكۇر ئەر-ئايال ئاۋارىچىلىكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىگە كېتىپ تىرىكچىلىك قىلغان. بۇنىڭدىنمۇ خاتىرجەم بولالمىغان دائىرىلەر گۈلمىرە نۇر ۋە تۇردى تۇنيازنى بۇلتۇر مايدا گۇاڭدۇڭدىن تۇتۇپ ئەكېلىپ قاماققا تاشلىغان. چاغراقتىكى بىر ئامانلىق مۇدىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە بۇ ئەر-ئايال ئاقسۇنىڭ ئونسۇ قاماقخانىسىدا ئەنە شۇ ئاتالمىش جىنايىتىگە قارىتا جازا ھۆكۈمىنى كۈتمەكتە.

يېقىندا ئۇيغۇر رايونىدىكى بىر ئادۋوكاتلار تورىدا دائىرىلەر تەرىپىدىن تۈزۈلگەن دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ 101 خىل ئالامىتى ناملىق بىر قوللانما ئېلان قىلىنغان.

بۇ قوللانمىدا تۇرمۇش شەكلىدە ئۇشتۇمتۇت ئۆزگىرىش بولۇش، يەنى ئۇشتۇمتۇت ھاراق تاشلاشمۇ دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامىتى قىلىپ بېكىتىلگەن. بىز ئەينى چاغدا بۇ ھەقتە خىتاي ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، دائىرىلەر بۇنداق بىر ھۆججەت ياكى قوللانمىنىڭ بارلىقى ھەققىدە گەپ قىلىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇشقان ئىدى.

ئونسۇ چاغراقتىكى گۈلمىرە نۇر ۋە تۇردى تۇنيازلارنىڭ يۇقىرىقى ئەھۋالى مەزكۇر قوللانمىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ياكى رايوننىڭ بەزى جايلىرىدا رەسمىي شەكىلدە ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/uyghurda-din-05062016161157.html

Share
1623 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.