logo

trugen jacn

ئونسۇ توخۇلا يېزىسىدىكى 4 نەپەر گۇماندارنى خىتاينىڭ تور ساقچىلىرى تۇتۇپ بەرگەن

 

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيانقى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىدە خىتاينىڭ تور ساقچىلىرى مۇھىم رول ئوينىماقتا.

ئاقسۇنىڭ ئونسۇ توخۇلا يېزىسىدىكى بىر كەنت ئامانلىق مۇدىرىنىڭ رادىيومىزغا پاش قىلىشىچە، ئاتالمىش قانۇنسىز ئۈن-سىن ماتېرىياللىرىنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن 7 يىللىقتىن كېسىلگەن ئىككى ئائىلىدىكى 4 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا خىتاي تور ساقچىلىرىنىڭ بايقىشى ۋە پاش قىلىشى سەۋەب بولغان.

مەزكۇر ئامانلىق مۇدىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەسلى ئۇ 4 گۇماندارنى ئىشخانىسىغا چاقىرتىپ مەسىلىسى بولسا تاپشۇرۇشقا ئاگاھلاندۇرغان، گۇماندارلار ئۆزلىرىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئىشەنچ بىلەن بايان قىلغان. ئەمما ئارىدىن ھەپتە ئۆتكەندە ئۇلارنىڭ قول تېلېفونى ئارقىلىق ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي ماتېرىياللارنى كۆرگەنلىكى تور ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ ج خ ساقچىلىرىغا مەلۇم قىلىنغان ۋە 4 گۇماندار جىنايى جازاغا تارتىلغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە قانۇنسىز ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن جازالانغانلارنىڭ كۆپ ساننى ئىگىلىشى، نۆۋەتتە خىتايدا تور ساقچىلىرى قوشۇنىنىڭ پەۋقۇلئاددە كېڭەيتىلگەنلىكى ۋە جىددىي ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/tor-saqchi-06222016165714.html

Share
1285 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.