logo

trugen jacn

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ گۈللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان تەشكىلات

 

1813774938osmangazi  ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ گۈللىنىشى ۋە موڭغۇل ئىستىلاسى دەۋرىدىكى قالايمىقانچىلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان ياش قېرىنداش دانىشمەنلەر تەشكىلاتى.

ئەخى – ئىبارىسىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا «ئەقىللىق» دېگەن مەنىدە بىلدۈرىدىغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. «ئەخى» ئىبارىسى ئەرەبچىدە «قېرىندىشىم» دېگەن مەنىنى، پارسچىدا «مەرت»، «يىگىت»، «جەسۇر يىگىت» دېگەن مەنىنى، لاتىنچىدە «جەسۇر چەۋەنداز يىگىت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. تۈرك تارىخى ۋە مەدەنىيىتى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، «ياش قېرىنداش دانىشمەنلەر تەشكىلاتى» سەلچۇقىيلار ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە قۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسىي پىرىپسىپى قۇرئان كەرىم، ھەدىس ۋە خەلقپەرۋەرلىكتۇر. ئانادولۇدىكى ياش قېرىنداش ئالىملارنىڭ مائارىپ سىستېمىسى ئىسلام تەسەۋۋۇپى ۋە ياشلار تەربىيەسىنى ئاساسىي نىشان قىلاتتى.
تۈركىيە سەلچۇقىيلار ئىمپېرىيەسى ھۆكۈمدارى سۇلتان ئىككىنچى قىلىچ ئارسلان 1176 – يىلقى زەپىرىدىن كېيىن ئانادولۇدا سىياسىي بىرلىكنى ئىشقا ئاشۇغانىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئانادولۇنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى. 1180 – يىلى ئابباسىيلار خەلىپىسى ناسىر لىدىنىللاھ چىرىگەن ھاكىمىيىتىنى قايتىدىن مۇستەھكەملەشكە تىرىشىۋاتاتتى. دەل شۇ مەقسەتتە تۈركىيە سەلچۇقىيلار ئىمپېرىيەسى سۇلتانى ئىككىنچى قىلىچ ئارسلان بىلەنمۇ ئالاقە ئورناتقانىدى. ئالدى بىلەن باغدادتا قۇرۇلغان قېرىنداشلار تەشكىلاتى قىلىچ ئارسلاننىڭ ئوغلى سۇلتان بىچىنچى غىياسەددىن كەيخۇسرەۋ زامانىدا ئانادولۇدىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغانىدى. ناسىر لىدىنىللاھ سەلچۇقىيلار ئىمپېرىيەسى سۇلتانىغا ۋە پۈتكۈل ئىسلام ئەللىرىنىڭ ھۆكۈمدارلىرىغا مەكتۇپ يوللاپ، قېرىنداشلار تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىنى تەلەپ قىلدى. شۇنداق قىلىپ، سۇلتان بىرىنچى غىياسەددىن كەيخۇسرەۋ ئۇستازى مەجدۇددىن ئىسھاقنى كونيادىن باغداددا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى. مەجدۇددىن ئىسھاق قايتىشىدا ھۆكۈمدار بىرىنچى غىياسەددىن كەيخۇسرەۋنىڭ تەلىپىگە بىنائەن مۇھيىددىن ئىبنۇل ئەرەبى، ئەۋھادۇددىنى كىرمانى ۋە شەيخ ناسىرۇددىن مەھمۇد ئەلئەۋران قاتارلىق مۇتەسەۋۋۇپلارنى ئانادولۇغا ئەۋەتتى. بىرىنچى ئىززەددىن كەيكاۋۇس ۋە بىرىنچى ئالائەددىن كەيكۇبادنىڭمۇ ئەزا بولۇشى بىلەن بىرلىكتە ئانادولۇدا قېرىنداشلار تەشكىلاتى كەڭ تارقالدى. بولۇپمۇ بىرىنچى ئالائەددىن كەيكۇباد زامانىدا خەلىپە ناسىر لىدىنىللاھنىڭ مەشھۇر مۇتەسەۋۋۇپ شەھابەددىن سۈھرەۋەردىنى ئانادولۇغا ئەۋەتىشى ئانادولۇدا قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشىدا بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ.
ئانادولۇدا قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئىراننىڭ غەربىي ئەزەربەيجان رايونىنىڭ خوي شەھىرىدە تۇغۇلغان شەيخ ناسىرۇددىن مەھمۇد بولۇپمۇ «قېرىنداش ئەۋران» ئىسمى بىلەن تونۇلغان. قېرىنداشلار تەشكىلاتى سەلچۇقىيلار ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى مۇھىم مائارىپ مۇئەسسەسەلىرى ھېسابلىنىدىغان مەدرىسىلەردە ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇيالمىغان كىشىلەرنىڭ كەسپىي، دىنى ۋە ئەخلاقى جەھەتتىن ئۆزلىرىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرەتتى. «ياش قېرىنداش دانىشمەنلەر تەشكىلاتى» ئەزالىرىنىڭ جەمئىيەتكە پايدىلىق ياراملىق زاتلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن، شۇ دەۋردىكى مۇھىم مائارىپ مۇئەسسەسەلىرى ھېسابلىنىدىغان خانىقالار، جامەلەر ۋە مەدرىسىلەر ئارقىلىق يېتىشتۈرۈلەتتى.
دانىشمەنلەر شۇنداق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەندىن سىرت يەنە، سىياسىي ھاكىمىيەت بۇزۇلغان موڭغۇل ئىستىلاسى ئەسناسىدا يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلارنى بىر تەرەپ قىلدى، دۆلەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزەلمىگەن ئەھۋاللاردا ۋەزىيەتنى كونىترول قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. چوڭ شەھەرلەردە «ھۈنەرۋەن – كاسىپلار بىرلىكلىرى» تەرىقىسىدە تەشكىللەنگەن دانىشمەنلەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ بىر مۇئەسسەسەسى بار ئىدى. كىچىك شەھەرلەردە بولسا ھەر ساھەدىكى ھۈنەرۋەن – كاسىپلار بىرلا مۇئەسسەسەدە پائالىيەت ئېلىپ باراتتى.
دانىشمەنلەر ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىدىمۇ مۇھىم رول ئوينىدى. دەسلەپكى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى پادىشاھلىرى ۋە ۋەزىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قېرىنداشلار تەشكىلاتىغا ئەزا ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ. جۈملىدىن ئوسمان غازى ۋە ئورھان غازى قاتارلىق سۇلتانلارمۇ قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئىدى. 14 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئورھان غازى دەۋرىدە ئانادولۇنى ئايلىنىۋاتقان مەشھۇر سەيياھ ئىبنى باتتۇتا دانىشمەنلەرنىڭ شەھەر – يېزىلاردا تەشكىلاتلانغان ھۈنەرۋەن – كاسىپلار ۋە زىرائەت ئەھلىدىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
قېرىنداشلار تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش شەربەت ئىچىش، پۇتا باغلاش ۋە شالۋار كىيىش بىلەن ئىشقا ئاشاتتى. ياش دانىشمەنلەر ئوقۇغۇچىلىق، شاگىرتلىق ۋە تالىپلىق باسقۇچلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئۇستىلىق – ئۇستازلىق كىملىكىنى ئالاتتى ھەمدە بۇ كىملىك بىلەن ئۇستازلىق قىلالايتتى ياكى دۇكان ئاچالايتى. قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ لىدېرلىقىغا ھۆرمەتتە ۋە ياشتا چوڭ زات سايلىناتتى ۋە «قېرىنداشلار رەئىسى» دەپ ئاتىلاتتى. ھۈنەرۋەن – كاسىپلار ئارىسىدا تەرتىپ ساقلايدىغان «يىگىتبېشى» ياكى «سەردار» دەپ ئاتىلىدىغان ئىككىنچى بىر رەئىسمۇ بار ئىدى. شەھەرلەردىكى دانىشمەنلەر ئاساسلىقى قىرشەھىردىكى ئەۋران خانىقاسىدا ئىستىقامەت قىلىدىغان ئاھى بابانىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلەردىكى ۋەكىللىرى ئىدى.
قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ ئىچىدە يەنە «ئانادولۇ خانىم – قىزلار تەشكىلاتى» دەپ ئاتىلىدىغان ئاياللار تەشكىلاتىمۇ بار بولۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى ئاساسىي جەھەتتىن ھۆكۈمدارلارنىڭ ئاياللارىدىن باشلاپ، دانىشمەنلەرنىڭ خوتۇنلىرى ۋە ھۈنەرۋەن – كاسىپلار تەشكىلاتى ئىچىدىكى ئاياللاردىن تەشكىل تاپاتتىتۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

Share
1370 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.