logo

trugen jacn

خىتاي ئورگان ماپىيالىرى شەرقى تۈركىستاندا ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئوۋلاشتىن ۋاز كەچمىدى

e0153402-b678-450e-94c6-96d59e02f096

 

اڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بۇنىڭدىن يەتتە ئاي بۇرۇن يىتىپ كەتكەن ئۇيغۇر قىزى سۈرىيەنىڭ خەۋىرى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى، خىتاي ئىچى ۋە خەلقئارالىق ئاخبارات ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە كەڭ تارالغان ئىدى. ھازىرغىچە سۈرىيە تېپىلمىدى، سۈرىيەنى ئىزدەش دولقۇنىنىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە نۇرغۇن پىدائىيلار مەيدانغا كېلىپ سۈرىيەنى شۇنداقلا يۈتكەن ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئىزدەش يولىدا ھەرىكەت قىلماقتا. يۈرەك پارىسى سۈرىيەنىڭ ھامان ساق-سالامەت قوينىغا قايتىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىپ، غەيرەت جاسارىتىنى يوقاتماي كېلىۋاتقان ئېلنۇر خانىم ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى بولسا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۈتكەن بالىلارنى ئىزدەش پىدائىيلىرىغا ئايلاندى.ئۇلار ئۆتكەن ئاينىڭ 22-كۈنىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىنى ئايلىنىپ، يۈتكەن بالىلارنى تىزىملاش، تەشۋىق قىلىش، بالىسى يۈتكەن ئائىلىلەردىن ھال سوراش سەپىرىنى باشلىغان.

سۈرىيەنىڭ ئانىسى ئېلنۇر خانىم بۈگۈن قايتا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىگە ئوخشاش تەقدىرداش ئاتا-ئانىلارغا ۋە ئۆزىگە مەدەت بېرىش، بالا ئوغرىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇش، ئاتا-ئانىلارنىڭ ھوشيارلىقىنى ئاشۇرۇش، پۈتۈن جەمئىيەتكە «سىز + بىز = خەلق، بىرلىكتە تىرىشساق، ھەرىكەت قىلساق، يۈتكەن بالىلارنى ئائىلىسىگە چوقۇم قايتۇرۇپ كېلەلەيمىز» دەپ چاقىرىق قىلىش مەقسىتىدە پائالىيەت باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

Share
1632 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.