logo

trugen jacn

ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خىتاينىڭ يەكەندىكى قىرغىنچىلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

Qehriman_Ghujamberdi__Ependim_Bilen_Erktv_de_Sohbet_haberresim_9

 ئازاد

2014-u0801-azad.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بۇ يىللىق روزا ھېيت مەزگىلىدە قەشقەرنىڭ يەكەن ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كۆپلىگەن ئۇيغۇرنى قىرغىن قىلغانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتە توختالغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى مەزكۇر ۋەقەلەرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قول سىياسەتلىرى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار يەنە دۇنيانىڭ ھەر قايسىسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا چاقىردى.

دۇنيادىكى مىليونلىغان مۇسۇلمانلار قۇتلۇق رامزان ئېيىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە روزا ھېيتنى كۈتۈۋالغان مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئۇيغۇر ئىلىنىڭ يەركەن ناھىيىسىدە يەنە بىر قېتىملىق قانلىق ۋەقە يۈز بەردى. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىدىن نارازى بولغان ئۇيغۇرلار 28-ئىيۇل كۈنى قوزغىلىپ بۇ ناھىيىنىڭ ئىلىشقۇ بازارلىق ھۆكۈمەت بىناسىغا ۋە ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلغان.

ئۇيغۇر ئېلىدە ئۈزۈلمەستىن يۈز بېرىۋاتقان قانلىق توقۇنۇشلارنىڭ سەۋەبلىرى ھەمدە ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غۇجامبەردى، قىرغىزىستاندىكى پېشقەدەم زىيالىي نازىم قەمبىرى ۋە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى دىلمۇرات ئەكبەرلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ottura-asiya-uyghur-08012014214656.html

Share
1806 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.