logo

trugen jacn
04 مارت 2015

ئاۋمېندىكى قىمارخانىنىڭ تىجارىتىنىڭ ناچارلىشىشى خىتاينىڭ پارىخورلۇققا زەربە بېرىشىگە باغلانماقتا

indir

ئاۋمېن، يەنى غەربتە ماكاۋ دەپ ئاتىلىدىغان ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى 3-مارت كۈنى ئېلان قىلغان ئاۋمېن قىمارخانىلىرىنىڭ 2015-يىلى 2-ئايدىكى تاپاۋىتى ھەققىدىكى ستاتىستىكىلىق مەلۇماتىدا، 2015-يىلى 2-ئايدىكى قىمار تاپاۋىتىنىڭ 2014-يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىن 48.6% چۈشۈپ، ئاۋمېن تارىخىدا قىمار تاپاۋىتى ئەڭ ناچار ۋەزىيەت شەكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى سەيشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خەلقئارادا ئامېرىكانىڭ لاسۋىگاس قىمارخانىسىدىن قالسىلا 2-ئورۇندا تۇرىدۇ دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان ئاۋمېندىكى قىمار تاپاۋىتىنىڭ ناچارلىشىغا، خىتايدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «پارىخورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى» سەۋەب بولغان.

ئىلگىرى پورتۇگالىيەنىڭ ئىجارە يېرى بولغان ئاۋمېن 100 يىللىق ئىجارە مۆھلىتى توشۇپ، 1999-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېلىنغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دەپ بېكىتىلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جايدا بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم سىياسىتى يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇپ، ئاۋمېندىكى قىمار تىجارىتىنى قانۇنلۇق دەپ ئېلان قىلغان. يېقىنقى يىللاردا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ نۇرغۇنلىغان تىجارەتچىلەر، ھەتتا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاۋمېن قىمار شەھەرچىسىدە ئىستىراھەت قىلىدىغان مەنزىرە بارلىققا كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.ئەمما بۇلتۇردىن بۇيان ئاۋمېننىڭ قىمار تىجارىتى تاپاۋىتىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن. بۇلتۇر 12-ئايدا ئاۋمېننىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن زىيارەتتە بولغان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاۋمېندا كۆپ خىل ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/awmen-iqtisad-03032015161308.html

Share
1389 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.