logo

trugen jacn
07 نويابىر 2014

ئاۋسترالىيەدە مەرھۇم ھۈسەن ھەسەن ئەپەندىنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى ئەسلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

87c0a2bf-eff8-46a0-b7ec-3c0395545889

ئەركىن تارىم

2014-u1106-erkin.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بۈگۈن ئاۋستراليەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە پىداكار پائالىيەتچى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان زىيالىي مەرھۇم ھۈسەن ھەسەن ئەپەندىنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى ئەسلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

د ئۇ ق بىلەن ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بۇ پائالىيەتكە د ئۇ ق رەھبەرلىرى، ئاۋستراليەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ۋە باشقا ئاۋسترالىيەلىكلەردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. يىغىلىشقا قاتناشقان كىشىلەر مەرھۇم ھۈسەن ھەسەننىڭ ئىش – ئىزلىرىنى ئەسلەپ، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بەرگەن.

بىز يىغىلىش ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، مۇئاۋىن رەئىسى مەمتىمىن ئەلا ۋە ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى مەسئۇلى جۈرئەت ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/awstraliye-11062014215114.html

Share
1898 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.