logo

trugen jacn

ئاھالىلەر بۈگۈر ئىسيانى باستۇرۇلۇش داۋامىدا ئۆيلىرىدىن قېچىپ چىقىپ كېۋەزلىكتە دالدىلانغان

baf36700-2192-477d-921e-4e1fcfc0e8d4

شۆھرەت ھوشۇر

اڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يېقىندا خوڭكوڭدىكى بىر كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزى، بۈگۈر ئىسيانى باستۇرۇلۇش داۋامىدا، خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئىسيانغا مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنىمۇ ئوققا تۇتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەردە، بۇنىڭغا پاكىت سۈپىتىدە، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ يېڭىسار بازىرىدا بىر گۇماندارنى يوشۇرۇندى دەپ قارالغان بىر ئۆينى قارا-قويۇق ئوققا تۇتۇپ، شۇ ئائىلىدىكى 14-15 ياشلىق بالىلارنىڭمۇ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىقى تىلغا ئېلىندى. ئەمما خەۋەردە كونكرېت قايسى ئائىلە ۋە كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، گەرچە مەزكۇر ۋەقەنىڭ نەق ئۆزى ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىسيان باستۇرۇلۇۋاتقان مەزگىلدە، ئاھالىلەرنىڭ ئۆز ئۆيلىرىدە ئۆزلىرىنى بىخەتەر ھېس قىلالماي، بالا-چاقىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆيلىرىدىن قېچىپ چىققانلىقى ۋە ئۆيلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى كېۋەزلىكتە دالدىلانغانلىقى ئاشكارىلاندى.

مەزكۇر خەۋەردە خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئىسياننى باستۇرۇش داۋامىدا، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدا قارا-قويۇق ئوق چىقارغانلىقى ۋە بۇ سەۋەبتىن ئىسيان بىلەن ئالاقىسى بولمىغان ئانىلار ۋە بالىلارنىڭمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. بىز بۇ ۋەقەنىڭ راستلىقى ۋە تەپسىلاتىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ۋەقە يۈز بەرگەن يېڭىسار ۋە تېرەكبازار يېزىلىرىغا تېلېفون قىلدۇق.

مۇخبىر: سىز، تېرەكبازار 7‏-كەنت 1‏-مەھەللىنىڭ باشلىقى، شۇنداقمۇ؟
خادىم: شۇنداق.

مۇخبىر: سىز بىزگە نەق توقۇنۇش يۈز بەرگەن ئەتراپتىكى ئاھالىلەردىن بىرىنىڭ تېلېفونىنى دەپ بېرىڭ….
خادىم: بۇ كىشىنىڭ ئۆيى شۇ ئەتراپتا. 13899….

مۇخبىر: ئۆيىڭىز ۋەقە يۈز بەرگەن يول ئۈستىدە ئىكەن، شۇ كۈنى سىز نېمىلەرنى كۆردىڭىز؟
ئاھالە: بىزنىڭ ئۆيىمىز چوڭ يولنىڭ بويىدا، ئېتىشىش ئۆيىمىزدىن 500 مېتىر نېرىدا داۋاملاشتى، ئوق ئاۋازلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆيلىرىمىزدىن قاچتۇق، بالا-چاقىلارنى ئېلىپ ئۆيىمىزنىڭ ئارقىسىدىكى كېۋەزلىككە يوشۇرۇندۇق؛ بىزلا ئەمەس، ئەتراپتىكى قوشنىلىرىمىزنىڭ ھەممىسىلا شۇنداق قىلىشتى. بىز كېۋەزلىكتە، ئېتىشىش بېسىققىچە، يەنى بىر سائەتچە دالدىلاندۇق.

بۇ ئاھالە سۆھبىتىمىز داۋامىدا ئىسيانچىلارنىڭ قولىدا ئۆزلىرى ياسىغان قورال بار دەپ ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتتى.

يۇقىرىقى ئاھالىنىڭ بايانلىرىدا گەرچە ساقچىلارنىڭ ئاھالىلەرنى قارا-قويۇق ئوققا تۇتقانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىدىن قېچىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنىڭ ئۆزى ئەينى كۈندىكى ۋەزىيەتنى يەنى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئىسيانچىلارنىلا ئەمەس، ئۇلار يېقىنلاشقان ياكى يوشۇرۇلدى دەپ قارالغان ئۆيلەرنىمۇ ئوققا تۇتقانلىقىنى، نەتىجىدە ئاھالىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئۆز ئۆيلىرىدە بىخەتەر ھېس قىلالمىغانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/bugurde-partlash-10232014151536.html

Share
1426 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.