logo

trugen jacn

ئانجېلا مېركېل خانىم خىتاينىڭ ئىلھام توختىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى

image

مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان خىتاي-گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرى يىغىنى ھارپىسىدا گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجېلا مېركېل مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، خىتايدا بارغانچە ناچارلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تەنقىدلەش بىلەن بىللە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەشھۇر ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىغا ئېغىر جازا بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجېلا مېركېل، خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ ئىشتىراك قىلىدىغان گېرمانىيە-خىتاي ھۆكۈمەتلىرى يىغىنىدا، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ۋە ئۆتكەن ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

b578359e-12cb-432c-998b-e092221ff07d

شەنبە كۈنى 4-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجېلا مېركېل، خىتاي دائىرىلىرىنى خوڭكوڭدا پىكىر ئەركىنلىكىگە يول قويۇشقا چاقىردى ۋە دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭغا ئاتالمىش «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى ئارتىپ، ئۇنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ گېرمانىيەدىن بەرگەن خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئانجېلا مېركېل مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا خوڭكوڭدا داۋاملىشىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نارازىلىق نامايىشى، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ خوڭكوڭ نامايىشىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئېغىر جازالىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى خىتايدا ئەركىن پىكىر قىلىش، سۆزلەش ئەركىنلىكىگە يول قويۇشقا چاقىرغان. مېركېل سۆزىدە ئىلھام توختىنىڭ ئېغىر جازالىنىشى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ بارغانچە يامانلىشىۋاتقانلىقىنىڭ بىر مىسالى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا چاقىرغان

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجېلا مېركېل دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا ئېغىر جازا بەرگەنلىكىنى ئەيىبلەپ، «ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسى ئىلھام توختى خىتايدا بارغانچە كۈچىيىۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى سۈركىلىشنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان زىيالىي. ئىلھام توختى دەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلىۋاتاتتى. ئەمما ئۇ بۇ سەۋەبتىن ئېغىر جازالاشقا ئۇچرىدى» دېگەن

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجېلا مېركېلنىڭ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىشى، ئىلھام توختى قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە ئىلھام توختى مەسىلىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئەمەس

ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندى بۇ يىل 15-يانۋار تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە ئىلھام توختىدەك تىنچ يول بىلەن ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان زىيالىينى قوللاش ھەرىكىتى كۈچەيگەن

خىتاي دائىرىلىرى ئىلھام توختىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، دائىرىلەرنىڭ بۇ قارارى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى، ياۋروپا بىرلىكى قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جون بايدىن قاتارلىق رەھبەرلەرمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشكە، خىتايدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتى ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا، خىتايدا بارغانچە يامانلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا چاقىرغان. غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى مەتبۇئاتلىرىدا بېرىلگەن خەۋەرلەردە يەنە، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختى ئەپەندى «ئۇيغۇرلارنىڭ نېلسېن ماندېلاسى» دەپ تەرىپلىنىپ، ئۇنى كېلەر نۆۋەتلىك «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقى» غا كۆرسىتىش تەشەببۇس قىلىنماقتا

خەلقئاراغا تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇربىز تور بېكىتىدە ئېلان قىلغان يازمىلىرى ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتىنى ئاشكارا تەنقىدلىگەن شەخس. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆز قانۇنىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئاپتونومىيىلىك قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە چاقىرىپ كەلگەن. بۇ سەۋەبتىن ئىلھام توختى ئەپەندى خەلقئاراغا تىنچ يول ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغۇچى زىيالىي سۈپىتىدە تونۇلغان بولسا، 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «سەزگۈر شەخس» دەپ قارىلىپ تەقىب ئاستىغا ئېلىنىپ،، كۆپ قېتىم نەزەربەند قىلىنغان. خەلقئارانىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىنى نەزەرگە ئالمىغان خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىلھام توختىنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىپ، 9-ئاينىڭ 23-كۈنى «دۆلەتنى پارچىلاش، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. دائىرىلەر يەنە ئىلھام توختىنىڭ بارلىق مال-مۈلۈكلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/germaniye-xitay-10062014145624.html

Share
1399 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.