logo

trugen jacn

ئانا قەلبىنىڭ چوقانى: «ئابدۇلباسىت ئۆلتۈرۈلگەن مۇدھىش كېچىدە كۆرگەنلىرىم

1bb42ee4-f69f-4b4f-8158-552a7a9dfb36

 قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بۇ يىل 13-ئاپرېلدا كەلپىن ناھىيەسىدىكى بىر مەيدان خەلق نامايىشىغا سەۋەب بولغان مەرھۇم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئابدۇلباسىتنىڭ ئۆلۈمى توغرىلىق بىر قىسىم يېڭى تەپسىلاتلار ئاشكارا بولماقتا.

17 ياشلىق ئابدۇلباسىت خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئارقا تەرەپتىن ئاتقان بىرقانچە پاي ئوقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغىنىغا 5 ئاي بولاي دەپ قالدى. ئۇنىڭ ئەمدىلا 40 ياشتىن ئاشقان ئانىسى ئامىنەمنىڭ پەرزەنت دېغىدا پۇچىلانغان قەلبى تېخىچە تىنچىمىدى

بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىللار ئىلگىرى ئامىنەمنىڭ ئېرى، يەنى مەرھۇم ئابدۇلباسىتنىڭ ئاتىسى ئابلىمىت قارىم چەتئەلگە سەپەر قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئۆلۈم خەۋىرى كەلگەن ئىدى. ئارىدىن ئون نەچچە يىللار ئۆتۈپ كۆز ئالدىدا چوڭ بولغان ئوغلىدىن تۇيۇقسىز ئايرىلىپ قېلىش ئازابى ئامىنەمنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قاتتىق سۇندۇردى.

كەلپىن دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق بېسىمىغا ئۇچراپ، ھەتتا تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆيىدىنمۇ قوغلاپ چىقىرىلغان ئامىنەم يېقىندا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئوغلىنىڭ ئۆلۈمىگە دائىر بىر قىسىم ئەھۋاللارنى ئاشكارا قىلدى

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوغلى ئابدۇلباسىت 12-ئاپرېل كەچ سائەت 11:00 ئەتراپىدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئوقىدا قاتتىق يارىلانغان. ساقچىلار بىرقانچە پاي ئوق تەگكەن ئابدۇلباسىتنى ئاپتوموبىلغا تاشلاپ ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئىز قوغلاپ بارغان ئىككى دوستى نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى يوشۇرۇنۇپ يېتىپ كۆرگەن. ئۇلار ئابدۇلباسىت ئېتىۋېتىلگەن يول بويىدىكى ئورەكتىن 17 پاي ئوقنىڭ مىشىكىنى سانىغان

نەق مەيداندىكى ئەھۋاللاردىن خەۋەردار بىرىنىڭ كېيىنچە ئامىنەمگە دەپ بېرىشىچە، ساقچىلار شۇ كېچىسى تېخىچە تىنىقى ئۆچمىگەن ئابدۇلباسىتنىڭ نىمجان جىسمىنى ئاپتوموبىلدا ئاقسۇغا ئېلىپ ماڭغان. ئاپتوموبىلدا ئىككى ساقچى، ئابدۇلباسىتنىڭ ئاتا تەرەپ تۇغقانلىرىدىن ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا سۈكۈت قىلغان بىرى ھەمدە كەلپىن ناھىيەلىك دوختۇرخانىدىن بىر دوختۇر بولۇپ جەمئىي 4 ئادەم بىللە ماڭغان

ھالبۇكى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى كەلپىن ناھىيە بازىرىدىن 15-20 كىلومېتىر كېلىدىغان ئۈرۈمچى-قەشقەر تاشيولىنىڭ بويىغا جايلاشقان ئاچال بازىرىدىن ئۆتكەندە ئابدۇلباسىتنىڭ ئاخىرقى تىنىقى توختىغان

قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى شۇ يەردىن كەلپىن بازىرىغا قايتىپ كەلگەن. دوختۇرلار شۇ كېچىسى ساقچىلارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئابدۇلباسىتنىڭ بەدىنىدىكى ئوقلارنى چىقىرىپ، جاراھەت ئىزلىرىنى تىككەن. ئابدۇلباسىتنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مەخپىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلغان ئاتا تەرەپ تۇغقىنى جەسەتنى داۋراڭسىز جىمجىتلا دەپن قىلىۋېتىشكە ئىمزا قويۇپ بەرگەن. بۇ جەريانلارنىڭ ھېچقايسىسى ئابدۇلباسىتنىڭ ئانىسى ئامىنەمگە ئۇقتۇرۇلمىغان

ئابدۇلباسىتنىڭ جەسىتى سەھەر سائەت 5:00 ئەتراپىدا ئۆيىگە ئېلىپ بېرىلغىنىدا، مەھەللىدىكى جامائەت ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى مېيىتنى جىمجىتلا دەپن قىلىۋېتىشكە قارشى چىققان. ئامىنەم ئوغلىنىڭ دۈمبىسىگە ئېتىلغان ئىككى پاي ئوقنىڭ كۆكرەكنىڭ بىر تەرىپىنى يېرىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى، ئەمما يارا ئېغىزىنىڭ ئاۋايلاپ تىكىلگەنلىكىنى، پۇت تەرەپكە 3 پاي ئوق تەگكەنلىكىنى، ئۇ جايدىكى جاراھەت ئېغىزلىرىنىڭمۇ تىكىلگەنلىكىنى كۆرگەن

شۇ كۈنى يۈز بەرگەن كەلپىن خەلقىنىڭ نامايىشى باستۇرۇلغاندىن كېيىن، ساقچى تەرەپ ئابدۇلباسىتنىڭ مېيىتىنى تارتىۋالغان ھەمدە مەخپىي ھالدا ھېچكىم بىلمەيدىغان بىر جايغا كۆمۈۋەتكەن

ئامىنەم كېيىنچە باشقىلاردىن ئوغلىنىڭ جەسىتىنىڭ كەلپىن ناھىيە بازىرى بىلەن ئاچال يېزىسى ئارىلىقىدىكى سايلىققا يوشۇرۇنچە كۆمۈۋېتىلگەنلىكىنى ۋە ئىزىنىڭ يوقىتىۋېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىغان. ۋەھالەنكى، ئۇ بۇ گەپنىڭ راست ياكى يالغانلىقىنى ھازىرغىچە دەلىللىيەلمىگەن

ئارىدىن 5 ئايغا يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپمۇ كەلپىن دائىرىلىرى ئۇنىڭغا ئوغلىنىڭ قەيەرگە كۆمۈۋېتىلگەنلىكىنى دەپ بېرىشنى رەت قىلغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/qizil-chiragh-09022014154551.html

بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىللار ئىلگىرى چەتئەلگە سەپەر قىلغان ئېرىنىڭ جەسىتىنىڭ قەيەرگە دەپن قىلىنغانلىقىنى ھازىرغىچە بىلەلمىگەن ئامىنەم، بۈگۈنكى كۈندە ئۆز يۇرتى كەلپىندە تۇرۇپمۇ ناھەق ئۆلتۈرۈلگەن 17 ياشلىق ئوغلى ئابدۇلباسىتنىڭ جەسىتىنىڭ قەيەرگە كۆمۈلگەنلىكىنى تېخىچە بىلەلمىگەن.

Share
1760 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.