logo

trugen jacn

ئامېرىكىنىڭ 2018- يىللىق مالىيە خامچوتىدا تىبەت ئۈچۈن 17 مىليون دوللار ئاجرىتىلدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 2018- يىللىق مالىيە خامچوتىدا تىبەتكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن 17 مىليون دوللار مەبلەغ ئاجرىتىلدى. لېكىن، باشقا ياردەملەرنى قوشقاندا ئامېرىكىنىڭ تىبەتكە قىلىۋاتقان ياردىمىنىڭ 30 مىليون دوللارغا يېتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى
تىبەت ئاۋازى تورىنىڭ 24- مارت خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتالىرى 2018- يىللىق مالىيە خامچوتى لايىھەسىنى ماقۇللىدى ۋە بۇ لايىھە پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئىمزالىشى بىلەن كۈچكە ئىگە بولدى. بۇ خامچوت لايىھەسىدە تىبەت ئىچى – سىرتىدىكى تىبەتلەر ئۈچۈن 17 مىليون دوللار ياردەم مەبلىغى ئاجرىتىلدى.
تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇقىم بولغان تىبەتكە ياردەم بېرىش ئوقۇش مۇكاپاتى، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ تىبەتكە ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ چىقىملىرى، ئامېرىكا ئاۋازى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق تاراتقۇلاردىكى تىبەت ئىشلىرىغا ئاجرىتىلغان مەبلەغلەرنى قوشقاندا، بۇ قېتىملىق خامچوتتىكى تىبەتكە ئالاقىدار مەبلەغ تەخمىنەن 30 مىليون دوللاردەك بولىدىكەن
ئىگىلىنىشىچە، خامچوتتىكى تىبەتكە ئالاقىدار قىسىمدا، تىبەت چېگرىسى ئىچىدىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ تىبەت مەدەنىيىتىنى قوغدىشى، سىجىل تەرەققىياتنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى، مائارىپ ۋە مۇھىت قۇرۇلۇشلىرىغا ياردەم بېرىش: ھىنىستان ۋە نىپالدىكى سۈرگۈندىكى تىبەت جامائەتچىلىكىنىڭ مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش، شۇنداقلا تىبەت مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە ياردەم بېرىش تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، جەمئىي مەبلەغ 17 مىليون دوللار كېلىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 37 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ئۆتكەن يىلى 6- ئايدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپقا مەكتۇپ يوللاپ، تېزدىن تىبەت ئىشلىرىغامەسئۇل بىر ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچى تەيىنلەشنى تەلەپ قىلغان، لېكىن بۇ ئورۇن ھازىرغىچە تەسىس قىلىنمىغان

http://turkistantimes.com/uy/news-2712.html

Share
1671 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.