logo

trugen jacn

ئامېرىكىدىن كېيىن فرانسىيە ۋە ئەنگىلىيەمۇ خىتايغا ۋىرۇس مەنبەسى ھەققىدە سوئال قويدى

ئامېرىكا يېڭى تىپلىق كورونا ۋىرۇسىنىڭ ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدىن چىققان چىقمىغانلىقىنى تەكشۈرۈدىغانلىقىنى ئىلان قىلغاندىن كېيىن، ئەنگىلىيە ۋە فرانسىيەمۇ بۇ ھەقتە خىتايغا سوئال قويدى. ماكرون خىتايغا ئىشىنىشنىڭ بەك ساددىلىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولسا، خىتاينىڭ نۇرغۇن سوئاللارغا جاۋاب بېرىشى كېرەكلىكىنى، ۋابادىن كېيىن ئىشلارنىڭ بۇرۇنقىدەك بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئالدىراپ تېنەپ پۇتىن بىلەن تېلىفۇنلاشتى.

فرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون خىتاينىڭ يېڭى تىپتىكى كورونا ۋىرۇسىغا قارشى كۈرىشى توغرىسىدا «بىز ئېنىق بىلمەيدىغان نۇرغۇن نەرسىلەر بار» دېدى.

ماكرون ئەنگىلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، كوۋىد-19 ھەققىدە توختالدى. فرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئىتالىيەدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنى خىتاي ياكى روسىيە بىلەن سېلىشتۇرۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن ماكرون مۇنداق دېدى: «كورونا ۋىرۇسنى باشقۇرۇشتا خىتاي بىزدىن ياخشى دەيدىغان ساددا قاراشتا بولمايلى، ئېنىقكى بىز بىلمەيدىغان نۇرغۇن نەرسىلەر بار.»

كورونا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ داۋالىنىۋاتقان باش مىنىستىر جونسوننىڭ ۋەزىپىسىنى ۋاكالىتەن ئۈستىگە ئالغان ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رائاب، مۇخبىرغا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە «بارلىق ئىشلارنىڭ بۇرۇنقىدەك» بولۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز بەزى قىيىن سوئاللارنى سوراشقا مەجبۇرمىز، مەسىلەن ۋىرۇس قانداق پەيدا بولدى؟ نېمىشقا يۇقۇم بالدۇرراق توختىتىلمىدى؟»

يېقىندا ئامېرىكا تاراتقۇلىرى بۇ ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدىن تارقالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ئىزچىل «خىتاي ۋىرۇسى» ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىپ كەلگەن پرېزىدېنت ترامپ بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئامېرىكا «ۋاشىنگتون پوچتىسى» ۋە فوكىس خەۋەرلىرىنىڭ ئېيتىىشچە، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بۇ ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەندىكى شەپەرەڭنى تەتقىق قىلىدىغان بىر تەجرىبىخانىدىن تارقالغانلىقىدىن گۇمانلانماقتا. دوكلاتتا تەجرىبىخانىنىڭ 2003-يىلى SARS تاجىسىمان ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىدىكى سەۋەبچى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. لېكىن، ھېچقانداق تاراتقۇ بۇ ۋىرۇسنىڭ قەستەن تارقالغانلىقىنى ئېيتمىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ ھەقتە ئەڭ يېڭى ئىپادە بىلدۈرگەن ئامېرىكا ئەمەلدارى مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئەسپېر بولدى.

NBC تېلېۋىزىيە قانىلىدا پروگراممىغا قاتناشقان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئېسپېر ئۆزلىرىنىڭ ۋىرۇسنىڭ «ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدىن چىققانلىقى» توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ ئەيىبلەشنىڭ تېخى ئىسپاتلىنىدىغان سەۋىيىدە ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

ئېسپېر مۇنداق دېدى: «ئەمما بىز ئېنىق بىلىمىز، خىتاي ھۆكۈمىتى ئوچۇق-ئاشكارە ھەرىكەت قىلمىدى. ئالدى بىلەن، ئۇلار تېخىمۇ ئېنىق بولۇشى كېرەك.» ئېسپېر خىتاينىڭ ۋىرۇس مەسىلىسىدە دۇنيانى ئالداۋاتامدۇ- يوق دېگەن مەسىلىدە خىتايدىن كەلگەن ئۇچۇرلارغا ئىشىنىشنىڭ ناھايىتى قىيىنلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇلار ۋىرۇس تۇنجى قېتىم پەيدا بولغاندىن بۇيان بىزنى ئازدۇرۇپ كەلدى. مەن خىتاينىڭ ھازىرمۇ بىزگە ھەقىقەتنى سۆزلەۋاتقانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. بىز نېمە ئىش يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا ھەقىقىي قارىشىمىز كېرەك. بۇ يەرشارى خاراكتېرلىك تارقىلىشچان كېسەللىك. دۇنياۋى بىر ئىنكاس قايتۇرىمىز. خىتاينىڭ يۇقۇم ئەھۋالى توغرىسىدىكى پاكىتلارنى يوشۇرۇشىغا يول قويساق بولمايدۇ.»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاينىڭ تەجرىبىخانا شارائىتىنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ فوكىس خەۋەرلىرىگە: «بىز ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، ۋىرۇسنىڭ دۇنياغا قانداق تارقىلىپ كەتكەنلىكىنى، نۇرغۇن پاجىئەلەر ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەن بارلىق ئىشلارنى قىلىۋاتىمىز» دېدى.

شىنخۇا ئاگېنلتىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،  شى جىنپىڭ 16-چېسلا كەچتە روسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشقان. خەۋەردە شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: «يۇقۇمنى سىياسىيلاشتۇرۇش ۋە ماركىلاشتۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىققا پايدىسىز».

خەۋەردە يەنە پۇتىننىڭ ۋىرۇسنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى كۆز قارىشى ۋە مەيدانى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، «بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسى مەسىلسىىدە خىتايغا تۆھمەت قىلىشقا ئۇرۇنۇشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېيىلگەن.

2020- يىلى 17- ئاپرىل

http://turkistantimes.com/uy/news-12574.html

Share
3076 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.