logo

trugen jacn

ئامېرىكىدىكى 6 نەپەر خىتاي پۇقراسى سودا جاسۇسلۇقى بىلەن ئەيىبلەندى

150318181801_china_cyber_640x360_thinkstock_nocredit

ئامېرىكىدىكى «ۋال سترېت گېزىتى» نىڭ 19 – ماي سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىدىكى 6 نەپەر خىتاي پۇقراسى 18 – ماي دۈشەنبە كۈنى سودا جاسۇسلۇقى گۇمانى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۇلار ئۈستىدىن سوتقا ئەرز يوللانغان.

خەۋەردە بۇ 6 نەپەر خىتاي پۇقراسىنىڭ ئۆز – ئارا ھەمكارلىشىپ ئامېرىكىنىڭ سەزگۈر سىمسىز ئېلىكتىر تېخنىكىسىنى ئوغرىلىغانلىقى ۋە سودا جاسۇسلۇقى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار ئامېرىكىدىكى ئاۋاگو تېخنىكا شىركىتى ۋە سكايۋوركس شىركىتىنىڭ ئۇلترا ئاۋازلىق ئېلىكتىر تېخنىكىسىغا دائىر ئۇچۇرلارنى ئوغرىلاش بىلەن ئەيىبلەنگەن. بۇ 6 نەپەر خىتاي پۇقراسى يەنە خىتاينىڭ تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ھەمكارلىشىپ شىركەت قۇرغان بولۇپ، ئۇلار خىتاينىڭ سودا شىركەتلىرى ۋە ھەربىي ساھادىكى شىركەتلىرىنى تېخنىكا ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلىگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، جاۋابكارلاردىن تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خاۋ جاڭ ئىسىملىك پروفېسسورى ئۆتكەن شەنبە يەنى 16 – ماي كۈنى خىتايدىن ئامېرىكىغا يېتىپ كەلگىنىدە لوس ئانجىلىس ئايرودرومىدا قولغا ئېلىنغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/amerika-xitay-jasusluq-05192015214600.html

Share
917 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.