logo

trugen jacn

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چىن چۈەنگو قاتارلىق تۆت خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى باشلىدى

ئۇيغۇرىيان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، ۋاشنگىتون، 9-ئىيۇل

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپيو بۈگۈن چىن چۈەنگو قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا مال-مۈلكىنى توڭلىتىش، ئامېرىكىغا كىرگۈزمەسلىك قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جازالاشنى يولغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا سودا مىنستىرىمۇ، بۇ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ماگنېتسكى قانۇنىنى ئىجرا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇلار چىن چۈەنگو، ج خ نازارىتىنىڭ ھازىرقى ۋە بۇرۇنقى پارتىيە سېكرېتارى ۋاڭ مىڭشەن ۋە خوۋليۇجۈن ، جۇخەيلۇن (سابىق مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى ) قاتارلىقلار ئىكەن.

بۇ قېتملىق جازالاشتا خىتاينىڭ «شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسزلىكى نازارىتى يەنى-گۇڭئەنتىڭ» جازالىنىدىغان تۇنجى ھۆكۈمەت ئورنى بولۇپ قالغان.

مەنبە:

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

Share
1426 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.