logo

trugen jacn

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى

( پارچە)

نەزەر

ئا ق ش ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار سىياسەتلىرى ئا ق ش كونگرېسنىڭ تاشقى ئىشلارغا دائىر قانۇن لاھىيىلىرىنى ئا ق ش پىرېزىدېنتى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئا ق ش ھۆكۈمىتىنىڭ مەمۇرىيەت تارماقلىرىنىڭ بىرى– تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن كونكرېتلاشتۇرۇپ بېكىتىلىپ ئىجرا قىلىنىدۇ. پىرېزىدېنت بۇ قانۇنلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى يۈزىدىن كونگرېس ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ. شۇڭلاشقا  ئا ق ش نىڭ تاشقى ئىشلار  سىياسىتىنىڭ مۇقىملىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. ئا ق ش ھۆكۈمىتىنىڭ پىرېزىدېنتنىڭ ئالمىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئا ق ش نىڭ تاشقى سىياسەتلىرىدە  ئانچە-مۇنچە ئۆزگىرىشلەر بولۇشى مۇمكىن، لېكىن تۈپكى ياكى پىرىنسىپال ئۆزگىرىشلەر سادىر بولۇشنىڭ ئېھتىماللىقى تۆۋەن بولىدۇ.

ئا ق ش ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار سىياسەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنىڭ بىرى خەلقئارادا دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك مەنپەئەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. شۇڭلاشقا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەرگىزمۇ ئا ق ش نىڭ تاشقى ئىشلار دائىرىسىدىن چۈشۈپ قالماي، بەلكى تېخىمۇ كۈچىيىپ بارىدۇ.

 

2021- يىلى 19- يانۋار

 

Share
2087 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.