logo

trugen jacn

ئامېرىكا چوڭ دۆلەتلەر ئۇرۇشىغا تەييارلىنىۋاتىدۇ

irandan_abdnin_harbin_ucak_gemisine_goz_dagi_h1491

ئامېرىكا «دۆلەت مەنپەئىتى» قوش ئايلىق ژۇرنىلى تورىدا 2-ماي ئېلان قىلىنغان«ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى چوڭ دۆلەتلەر ئۇرۇشى (رۇسىيە ياكى جۇڭگو) غا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ سەرلەۋھىلىك ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى نۆۋەتتە قورال-ياراغ،تېخنىكا، سۇپا تەتقىقاتىدا چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مىخانىكىلىق ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي كۈچ جەھەتتە تەڭ تۇرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلىشىنى توسماقچى بولۇۋاتىدۇ.

ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىپىسى توپىلاڭچىلار، تېرورچىلار ۋە ئارىلاشما توقۇنۇشقا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش بولسىمۇ، ئۇلار مۇھىم نۇقتىنى ئۆزگەرتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. نىشاننى 15 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېتىبار بېرىپ كېلىۋاتقان توپىلاڭچىلارغا ۋە تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاراتماستىن، چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئۇرۇشقا توغرىلاۋاتىدۇ.

ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى گېنرال لېيتانت مايكىل ۋېليامسىن ئۆتكەن ئايدا: بىز توپىلاڭچىلارغا تاقابىل تۇرۇشقا ماھىر. نۆۋەتتە تۈرلۈك يوشۇرۇن توقۇنۇشقا ياخشى تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، قورال-ياراغ سىستېمىلىرىنى تەتقىق قىلىۋاتىمىز، دېگەن.

ۋېليامسىن: ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنى كەلگۈسىدە يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان چوڭ دۆلەتلەر توقۇنۇشىغا تەييارلىق قىلدۇرۇشنى ئويلاشتۇق؛ ئۇرۇش قىلىش ئوبيېكتلىرى موتۇرلاشقان قىسىم،بىرونىۋېك، يىراقتىن دەل تەگكۈزۈش قورالى، تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ھاۋادا ياردەم بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دېگەن.

ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئەمەلىي كۈچ جەھەتتە ئۆزى بىلەن يېقىنلىشىدىغان رۇسىيە ۋە جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىشنى خالىمسىمۇ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ئىشلارنى ئۇچقاندەك زامانىۋىلاشتۇرۋاتقانلىقى ھەمدە ھەيۋە قىلىش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتكەن.

.ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئىراق ۋە ئافغانىستاندىكى توپىلاڭچىلارغا ۋە تېرورچىلارغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا مەلۇم دەرىجىدە تەجرىبە ۋە تېخنىكا توپلىدى. ئۇلار مەشىق، ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيە ۋە قورال-ياراغ تەتقىقاتى جەھەتتە مۇھىم نۇقتىنى بىرونىۋېك، يىراقتىن دەل ھۇجۇم قىلىش قورالى ۋە ئاخبارات تورى تېخنىكىسىغا قارىتىۋاتىدۇ. ۋېليامسېن: چوڭ كۆلەملىك چوڭ دۆلەتلەر ئۇرۇشىدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە پىيادە ئەسكەرلەر بىلەن بىرونىۋېك قىسىملىرى ئارىسىدا كەڭ كۆلەملىك قۇرۇقلۇق-ھاۋا ماس قەدەملىك ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش زۆرۈر. ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى يېڭىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان«بىرلەشمە يېنىك تىپتىكى ئۇرۇش ماشىنسى» ۋە «قوللىنىشچان بىرونىۋېك » قاتارلىقلارنىڭ بىر قىسىم ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا، ئۇلار كەڭ كۆلەملىك ماشىنىلاشقان ئۇرۇش ئۈچۈن ئىنچىكىلىك بىلەن لايىھەلەنگەن سۇپا.

«بىرلەشمە يېنىك تىپتىكى ئۇرۇش ماشىنسى» نى مىسالغا ئالساق، ئۇنىڭ بىرونە، سۈرئەت، ئېتىش سىستېمسى، مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى تېخىمۇ سەرخىللاشتۇرۇلغان بولۇپ، دۈشمەننىڭ ئوت كۈچى، ئاددىي پارتلىتىش ئەسلىھەلىرى ۋە يولبويىبومبا ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن. بۇ خىل ئۇرۇش ماشىنسى ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىدىكى بىر تۈركۈم«خاممىر» تىپلىق ئۇرۇش ئاپتوموبىللرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئۈچۈن ياسالدى، دېگەن.

ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرى«قوللىنىشچان بىرونىۋېك» دەپ ئاتىلىدىغان پىيادە ئەسكەرلەرنى توشۇيدىغان سۇپىنى ئىشلىتىدىكەن. بۇ خىل بىرونىۋېكنىڭ ھەربىرىنىڭ تەننەرخى 1 مىليوندىن 1 مىليون 700مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغىچە بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە 300 نى ياساش پىلانلانغان. «قوللىىنىشچان بىرونىۋېك»نىڭ تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدتىن يوشۇرۇنۇش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىكەن

http://world.bagdax.cn/2016/0506/21493.html

Share
1366 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.