logo

trugen jacn

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئاق سارايدا جەۋھەر ئىلھام قاتارلىقلار بىلەن ئۇچرىشىشى زور ئالقىشقا ئېرىشتى

جەۋھەر دادىسى ئىلھام توختى ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئەركىنلىك تەلەپ قىلدى. 2014-يىلى 8-ئاپرېل، ۋاشىنگتون.

17-ئىيۇل چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ نۆۋەتتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئېچىلىۋاتقان «خەلقئارالىق دىنى ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلىق يىغىنى» غا قاتنىشىۋاتقان، يەنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دىنىي زۇلۇملارغا ئۇچراۋاتقان مىللەت ۋە خەلقلەرنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرىنى ئاق سارايدىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى. مەزكۇر ئالاھىدە ئۇچرىشىشقا دىنىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ۋە ياكى ئۇچراۋاتقان ۋە ئوخشىمىغان دىنلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 27 ۋەكىل قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئىچىدە تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ قىزى ۋە شۇنداقلا «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ جامائەت ئىشلىرى دىرېكتورى جەۋھەر ئىلھاممۇ بار ئىدى. ئۇيغۇر قىزى جەۋھەر ئىلھام بولسا، بۇ پۇرسەتتىن ناھايىتى ياخشى پايدىلىنىپ تۇرۇپ، پرېزىدېنت ترامپقا دادىسى ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى يەتكۈزدى. 

ئۇيغۇر پائالىيەتچى جەۋھەر ئىلھام سۆزىنى تۆۋەندىكى جۈملىلەر بىلەن باشلىدى: «مېنىڭ دادامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1-3 مىليون ئۇيغۇر خەلقى ھازىر خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا سولانماقتا. مېنىڭ دادام ھازىر مۇددەتسىز قاماقتا ياتماقتا.» 

پرېزىدېنت ترامپ يەنە جەۋھەردىن: «سىزنىڭ دادىڭىز تۈرمىدە ياتقىلى قانچە يىل بولدى؟ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلالامسىز؟» دېگەن سوئاللارنى سورىدى. جەۋھەر جاۋابەن: «ئۇ تۈرمىدە ياتقىلى 5 يىل بولدى. ئۇ يەنە تۈرمىدە قانچىلىك ياتىدۇ ئۇنى بىلمەيمىز» دەپ جاۋاب بەردى. پرېزىدېنت ترامپ يەنە: «سىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىر ئالاقىڭىز بارمۇ؟» دەپ سورىدى. جەۋھەر: «مەن، 2017 ‏-يىلدىن بېرى ئۇنىڭ توغرىسىدا ھېچ خەۋەر ئالالمىدىم. چۈنكى، شۇنىڭدىن بېرى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى باشلىنىپ كەتتى. كىمكى بېرىپ ئۆزىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى سۈرۈشتۈرسە، ئۇلار ئۆزىمۇ ئۆزىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كېلەلمەيدۇ» دەپ جاۋاب بەردى. 

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئۇيغۇر قىزى جەۋھەر بىلەن ئۆتكۈزگەن بۇ سۆھبىتى ھەرقايسى خەلقئارالىق ئاخباراتلاردا ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ خەۋەر قىلىندى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار بۇ زور ۋەقەدىن خۇرسەن بولدى. «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس خانىم بۈگۈن بۇ ھەقتە توختىلىپ ئالدى بىلەن جەۋھەر ئىلھامغا ئاپىرىن ئوقۇدى. روشەن خانىم بۇ ئۇچرىشىشنىڭ قىيىن ۋەزىيەتتە لاگېرلاردا قىينىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى بىر سىگنال بولغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ بۇ ئۇچرىشىشنى ناھايىتى ياخشى بۇرۇلۇش، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇنى جەۋھەر ئىلھام ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش لاگېرلار مەسىلىسىدە جاسارەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ سۆزلىگەن، گۇۋاھلىق بەرگەن نۇرغۇنلىغان شاھىتلارنىڭ، پائالىيەتچىلەرنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنىڭ يۈكسەك نەتىجىسى دەپ باھالىدى. 

بىز بۈگۈن يەنە جەۋھەر ئىلھامنىڭ ئۆزىنىمۇ زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن بۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن نېمىلەرنى ئويلىغانلىقىنى سورىدۇق. جەۋھەر ئىلھام ئۆزىنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپقا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئۆزۈمنىڭ ئاق سارايغا تەكلىپ قىلىنىپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن بەك خۇشال بولدۇم. ئەمما مەن ئۇ يەردە پرېزىدېنت ترامپ بىلەن سۆزلىشىش، ئۇنىڭغا مەسىلىمىزنى ئاڭلىتىش پۇرسىتى كېلىدىغانلىقىنى يەنە كېلىپ ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئۇ يەردە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم. شۇڭا سەل جىددىيلىشىپ قالدىم. بالدۇرراق بىلگەن بولسام ياكى بىزگە شۇنداق پۇرسەت بېرىلىدىغانلىقى ئالدىن دەپ قويۇلغان بولسا، ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئاڭلىتىۋالغان بولسامچۇ، دەپ قالدىم» 

بىز جەۋھەر ئىلھامدىن: «ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا، سىز پرېزىدېنت ترامپقا يەنە نېمىلەرنى دەيتتىڭىز؟» دەپ سورىدۇق. جەۋھەر ئىلھام: «مەن ئۇنىڭغا يەنە خىتاي بىلەن بولغان سودىنىڭ سىلەرنى جىمىقتۇرۇپ قويۇشىغا يول قويماڭ، دېگەن بولار ئىدىم»، دېدى. جەۋھەر ئىلھام يەنە مۇنداق دېدى: 

«مەن ئۇنىڭغا يەنە، خىتاي بىلەن بولغان سودا دىيالوگى داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە بىز بۇنىڭ ناھايىتى سەزگۈر بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. لېكىن، سىز ھەرگىز خىتاي بىلەن بولغان سودىدىكى پايدىنىڭ ئامېرىكىنى جىمىقتۇرۇشىغا يول قويماڭ. بىز ھەممىمىز ئوخشاش ئىنسان. بۇنداق بىر ئىنسانىيەت كرىزىسىنىڭ داۋاملىشىشىغا يول قويۇلماسلىقى كېرەك، دېگەنلەرنى تەكىتلەيتتىم.» 

روشەن ئابباس خانىم رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىدە 2 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى لاگېرغا قاماشتا باشلامچىلىق رولى ئوينىغان چېن چۈئەنگو قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ماگنىتىسكىي قانۇنى ئارقىلىق جازالاش ئىشى ئامېرىكا مالىيە ۋە سودا مىنىستىرلىرىنىڭ سۆزى بىلەن توختاپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ چوقۇم نەتىجىسى چىقىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. 

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ شۇ كۈندىكى سورۇندا دىنى ئەركىنلىكنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ھوقۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلدى: «بۈگۈن بىز بىلەن بىرگە بولغانلار بولسا ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوخشاش بولمىغان دىنىي ئەنئەنىگە ئېتىقاد قىلىدىغان ئەر-ئاياللاردۇر. ھەممىڭلارنىڭ ئورتاقلىقى بولسا ھەر بىرىڭلار ئۆز دۆلىتىڭلاردا دىنىي ئېتىقادىڭلار ئۈچۈن زور زىيانكەشلىككە ئۇچرىدىڭلار. . . بىز ئامېرىكىدا ھەر دائىم ھوقۇقلارنىڭ ھۆكۈمەتتىن ئەمەس، بەلكى ياراتقۇچىدىن كېلىدۇ دەپ چۈشىنىمىز. بىزنىڭ ھوقۇقلار نىزامنامىسىدىكى تۇنجى ھۆرلۈك دىنىي ھۆرلۈكتۇر. بىزنىڭ ھەر بىرىمىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ۋىجدانى قوبۇل ئەتكەن نەرسىگە ۋە ئىمان ئېيتقان دىنىمىزنىڭ تەلىپىگە ئەگىشىش ھوقۇقىمىز بار. بىز بىلىمىزكى، ئەگەر ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ئېتىقادىنى ئەركىن ھالدا بەجا قىلالمىسا، باشقا بارلىق ئەركىنلىكمۇ خەۋپ ئاستىدا قالىدۇ ۋە ئېنىق ئېيتقاندا ئەركىنلىكلەرنىڭ مەنىسى قالمايدۇ. مانا مۇشۇ سەۋەبلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۇنيادا دىنى ئەركىنلىكنى قوغداش ۋە تەشەببۇس قىلىش پائالىيەتلىرىدىن ھەرگىز توختاپ قالمايدۇ».

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ يۇقىرىدىكىدەك ئۇيغۇر، تىبەت، فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دىنلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق بىئارام قىلدى. خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار باياناتچىسى لۇ كاڭ 18-ئىيۇل كۈنىدىكى باياناتىدا ئامېرىكا ئۇيۇشتۇرۇۋاتقان بۇ يىغىننى ۋە ترامپنىڭ يۇقىرىدىكى ۋەكىللەر بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىنى «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق، خىتاينىڭ دىنى سىياسەتلىرىگە قارا سۈركىگەنلىك» دېدى. 

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بولسا سۆزىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىدىكى سەۋەب: «ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنىنىڭ دۇنيانىڭ ئەتىسى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىدە»، دەپ كۆرسەتتى.

 https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tramp-jewher-07182019175816.html

Share
26389 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.