logo

trugen jacn

ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن خىتاي بىلەن بولغۇسى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ

ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن خىتاي بىلەن بولغۇسى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ؟

جونىي ھارىس

(بۇ ماقالە ئۇيغۇرلار ژۇرنىلىنىڭ 47-سانىدا، 2023-يىلى 7-ئايدا ئېلان قىلىنغان)

ياپونىيەنىڭ جەنۇبىدا ماگېشىما دەپ ئاتىلىدىغان كىچىك ئارال بار بولۇپ، بۇ يەردە ئادەم ياشىمايدۇ. ھالبۇكى، 2023-يىلى 1-ئايدىكى سىن ھۆججەتلىرى بۇ يەردە قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. بۇ ئىشچىلارنىڭ ۋەزىپىسى ئارالدا بىر قانچە ئۇچۇش يولى ۋە ئوق دورا ئىسكىلاتى ياساش ئىدى. ياپونىيە ھۆكۈمىتى يەرلىك بېلىقچىلارغا پۇل بېرىپ، ئۇلارغا بۇ ئارالغا يېقىنلاشماسلىقنى جېكىلەپ كەلدى. چۈنكى، ياپونىيە بۇ ئارالنى ھەربىي بازىغا ئايلاندۇرماقتا. ئامېرىكانىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ۋە ئاۋىياماتكىلىرى ئەمدى بۇ ئارالغا جايلىشىپ، خىتايغا تېخىمۇ يېقىن جايدا ئۆزىنىڭ ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى نامايەن قىلالايدۇ.
ماگېشىما ئارىلى ياپونىيەنىڭ جەنۇب ۋە غەربىي جەنۇبىدىكى ھەربىيلەشتۈرۈلگەن ئارال زەنجىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، مەزكۇر ئارال زەنجىرى تەيۋەننى مەركەز قىلغان. بۇ لىنىيە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان جىددىيلىكنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىلىرىدىن بىرى بولۇپ، تۆۋەندە مەن بۇ ئارال زەنجىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن بەرپا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ توقۇنۇشنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن.

بۇ يىللىق «ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسى» ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ تەپسىلىي بولۇپ، مەزمۇنى ئاساسلىقى خىتايغا مەركەزلەشكەن. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ ھۆججەتتە خىتاينى «كەلگۈسى نەچچە ئون يىلدىكى ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتچىمىز» دېدى. ئۇنداقتا، بۇنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا كۆرە، بۇنىڭ سەۋەبى، خىتاينىڭ ئۆز قوشنىلىرىنى بوزەك قىلىپ، «مەزكۇر رايوننى ۋە خەلقئارا سىستېمىنى مۇستەبىتلەرنىڭ خاھىشىغا ماس كېلىدىغان ھالەتتە قايتىدىن شەكىللەندۈرۈش»كە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىدۇر.
ۋەھالەنكى، ئامېرىكا ئارمىيەسىنى ۋەھىمىگە سېلىۋاتقىنى شۇكى، خىتاي ئۆز ئارمىيەسىنى شىددەت بىلەن زامانىۋىلاشتۇرماقتا ۋە كېڭەيتمەكتە. خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغان سۈرئەتتە زورىيىۋاتقانلىقى شەكسىز. مەسىلەن، خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيەسىگە ھەر تۆت يىلدا ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيەسىگە باراۋەر كەلگۈدەك يېڭى كۈچ قوشۇلۇۋاتىدۇ. شۇڭا، ئامېرىكانىڭ مەزكۇر دوكلاتىدا خىتاينىڭ بارغانسېرى زورىيىۋاتقان كۈچىگە ۋە ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە بولغان ئەندىشە ئىپادىلەنگەنلىكى تولىمۇ نورمال.
خىتاي ئۆز قوشنىلىرىغا تەھدىت سېلىۋاتىدۇ، دېڭىز چېگرالىرىنى كۆزگە ئىلمايۋاتىدۇ؛ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى سىناۋاتىدۇ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە بېلىقچىلىق كېمىلىرىنى بوزەك قىلىۋاتىدۇ، ھەتتا بۇ يەرلەردە سۈنئىي ئارال بەرپا قىلىپ، بۇ ئاراللاردا ھەربىي بازىلارنى قۇرۇۋاتىدۇ ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ـــ بولۇپمۇ تەيۋەننىڭ ـــ ھاۋا تەۋەلىكىگە ئۈزلۈكسىز تاجاۋۇز قىلىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاينى «ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى دۇنيا تەرتىپىگە ھەقىقىي جەڭ ئېلان قىلىش ھەمدە دۇنيادا يېڭى تەرتىپ–نىزام ئورنىتىش غەرىزى ۋە ئىقتىدارىغا ئىگە بىردىنبىر دۆلەت»كە ئايلاندۇردى. ئەنە شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا خىتاينى كەلگۈسى نەچچە ئون يىلدىكى ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتچى دەپ قارايدۇ، شۇنداقلا ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئەمدى كېچىكسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پىلان تۈزۈپ بولدى.

ئامېرىكانىڭ ئاسىيادىكى ھەربىي كۈچى ئەسلىدىنلا ئىنتايىن زور. ئامېرىكانىڭ گۇئام ئارىلىدا تەخمىنەن سەككىز مىڭ ئەسكىرى؛ ياپونىيەدە 100 بازىسى، ياپونىيە چوڭ قۇرۇقلۇقىدا تەخمىنەن 21 مىڭ ئەسكىرى، ئوكىناۋا ئارىلىدا يەنە 24 مىڭ ئەسكىرى بار. كورىيەدىمۇ 22 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرى بار. ئاندىن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ سىنگاپوردىكى پورتنى مەركەز قىلغان ھالدا ھەرىكەت قىلىدىغان قوشۇنلىرى بار. بۇ ئاسىيادا نەچچە ئون يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ھالەت بولۇپ، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ بۇ رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى مۇشۇ ئارقىلىق قوغداپ كەلدى. گەرچە ئامېرىكا بۇ رايوندا كۈچلۈك ئىتتىپاقداشلىقنى ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى يىگىرمە يىلدا ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىككى قېتىملىق ئۇرۇش ئامېرىكانىڭ دىققىتىنى يىراق شەرقتىن بۇرۇۋەتتى. ھالبۇكى، ئوتتۇر شەرقتىكى بۇ توقۇنۇشلار پەسەيگەندە، خىتاي ھەربىي جەھەتتە راۋۇرۇس كۈچىيىۋالغان بولغاچقا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاسىيادىكى مەۋجۇت ھەربىي كۈچنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى-دە، بىز بۇ يەردە توختىلىۋاتقان «ئارال زەنجىرى ئىستراتېگىيەسى» ئوتتۇرىغا چىقتى.

مەزكۇر ئارال زەنجىرى ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئاز بىر قىسمى ئامېرىكانىڭ بازىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن، ئامېرىكا گۇئامدا يېڭى بازا ئېچىپ، بىر قىسىم ئەسكەرلەرنى شۇ يەرگە يۆتكىمەكچى. ئەمما، بۇ ئىستراتېگىيە ئاساسلىقى ئامېرىكانىڭ ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ ئىتتىپاقداشلارنىڭ بىرىنچىسى ياپونىيە بولۇپ، ياپونىيە زور كۆلەملىك دېڭىز ئارمىيەسىگە ئىگە بولغان ھەمدە تەيۋەننى تىزگىنلەشنىڭلا كويىدا يۈرىدىغان خىتايدىن قاتتىق تەشۋىشلىنىدۇ. چۈنكى، ياپونىيەنىڭ ئاراللىرى تاكى تەيۋەننىڭ يېنىغىچە سوزۇلىدىغان بولغاچقا، ياپونىيە تەيۋەن بىلەن قوشنا ھېسابلىنىدۇ. ياپونىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسىگە نەزەر سالسىڭىز، ئۇنىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسىگە تولىمۇ ئوخشايدىغانلىقىنى بايقايسىز. چۈنكى، بۇ ئىككىلا دۆلەت خىتايدىن قاتتىق خەۋپسىرىگەن بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ رايوندا پەيلىنى تېخىمۇ بەك بۇزۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلىشقا تەييار.
مەزكۇر ئارال زەنجىرىدە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ماگېشىما ئارىلىدىكى يېڭى ھەربىي بازا ۋە ھاۋا يولى ياپونىيە ۋە ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرىپىدىن تەڭ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئارالنىڭ جەنۇبىدا ئامامى ئارىلى بار. ياپونىيە يېقىندا بۇ يەرگە يىراق مۇساپىلىق ۋە پاراخوتقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئامېرىكادىن سېتىۋېلىنغان بۇ بومبىلارنىڭ تەيۋەن بوغۇزىغا يېتىپ بارالايدىغانلىقى شەكسىز. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوكىناۋا ئارىلى بار بولۇپ، بۇ يەردە ئامېرىكانىڭ نەچچە تۈمەن ئەسكىرى بارلىقى يۇقىرىدىمۇ قەيت قىلىندى. بۇ يەردە ياپونىيەنىڭمۇ ھەربىي بازىسى بار بولۇپ، ياپونىيە بۇ ئارالغا تېخىمۇ يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا، شۇنداقلا خەۋەرلىشىش سىگنالىغا كاشلا تۇغدۇرۇش ۋە توسۇش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرماقتا. ئۇنىڭ جەنۇبىدىكى ئىككى ئارالدا ياپونىيە تېخىمۇ كۆپ يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرماقتا، بۇ بەلكىم خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پاراخوتلىرىغا ۋە ئايروپىلانلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئىشلىتىلىشى مۇمكىن.

ياپونىيە يەنە ئىشىگاكى ئارىلىغا ئالتە يۈزگە يېقىن ئەسكەر ئورۇنلاشتۇردى. ئەڭ ئاخىرىدا مەزكۇر ئارال زەنجىرىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ھەربىيلەشتۈرۈلگەن ئارال يوناگۇنى بار بولۇپ، بۇ مەزكۇر زەنجىردىكى تەيۋەنگە ئەڭ يېقىن ئارالدۇر. ياپونىيە بۇ يەرگە تېخىمۇ كۆپ ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇلار خەۋەرلىشىش سىگنالىنى توسۇش ياكى خەۋەرلەرنى ئوغرىلىقچە ئاڭلاشقا ئىشلىتىلىدۇ. يوناگۇنى ئارىلىغىچە بولغان ئارىلىق مەزكۇر ئارال زەنجىرىمىزنىڭ بىرىنچى قىسمىدۇر.
ياپونىيە ئاسانلا تىزگىنلىيەلەيدىغان ۋە نازارەت قىلالايدىغان بۇ لىنىيە ھەر قانداق خىتاي پاراخوتى ياكى سۇ ئاستى پاراخوتى تىنچ ئوكيانغا كىرىش ئۈچۈن چوقۇم ئۆتۈشكە مەجبۇر بولىدىغان فىزىكىلىق توسۇقلۇق رولىنى ئوينايدۇ. ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېپىلىدۇر. خىتاي تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىش-قىلماسلىق ياكى رايوندا ھەرقانداق ھەرىكەت قوللىنىش ئۈچۈن چوقۇم مەزكۇر «باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېپىلى»نى نەزەرگە ئېلىشقا مەجبۇر.
ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، بۇ بىر قاتار ئاراللاردىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقنىڭ كۈچىيىشى ياپونىيەنى ـــ ۋە شۇ ئارقىلىق ئامېرىكانى ـــ خىتاينىڭ ئالاقە ۋە ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى نازارەت قىلىش ئىقتىدارىغا ۋە تېز ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بۇ يەنە ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنى پۈتۈن رايوندا ئالدىن ئەسكەر ۋە تەمىناتلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان بولۇپ، بۇ ئىنتايىن مۇھىم ئارقا سەپ ئەۋزەللىكىدۇر.

ئاندىن ئارال زەنجىرى فىلىپپىنغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، تەيۋەن ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىغا تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ فىلىپپىندىكى مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى بىلىدۇ. ئەمما، فىلىپپىن ئىلگىرى نەچچە ئون يىل ئامېرىكانىڭ مۇستەملىكىسى بولغاچقا، فىلىپپىنلىقلار ئامېرىكانى ئۇنچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ. ئەمما تېخىمۇ جېدەلخور خىتاي پۈتكۈل جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنى ئۆزىنىڭ دېڭىز تېررىتورىيەسى دەپ دەۋا قىلغاچقا، خىتاي بىلەن فىلىپپىن جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا سىجىل توقۇنۇشماقتا. ھازىر فىلىپپىننىڭ بېلىقچىلىق كېمىلىرى دائىم خىتاي ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچراپ تۇرىدىغان بولۇپ، خىتاي قىسىملىرى بۇ بېلىقچىلارغا فىلىپپىنغا تەۋە دېڭىز رايونىدىن ئايرىلمىسا، ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالىدۇ. 2022-يىلى، خىتاي ھەتتا جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى بارلىق بېلىقچىلىق پائالىيەتلىرىگە ۋاقتىنچە چەك قويۇپ، فىلىپپىنلىقلارنىڭ غەربىي فىلىپپىن دېڭىزىدا بېلىق تۇتۇشىغا توسقۇنلۇق قىلدى. شۇڭا ھازىر فىلىپپىنلىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بېلىق تۇتۇش ھوقۇقىنى تاجاۋۇزچى قوشنىسى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ياكى خىتاينى چېكىندۈرۈش كويىدا يۈرگەن سابىق مۇستەملىكىچىسى ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشتىن بىرنى تاللاشقا مەجبۇر. بۇ مەسىلىدە، فىلىپپىن ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشنى تاللىدى. 2014-يىلى، ئۇلار 22 يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە قۇچاق ئاچتى. 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، فىلىپپىن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يەنە تۆت بازىنى ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلدى. نەتىجىدە، ئامېرىكانىڭ فىلىپپىندىكى بازىسىنىڭ سانى توققۇزغا يەتتى.
ئامېرىكا ئارمىيەسى فىلىپپىن ئەسكەرلىرىنى سىجىل مەشىقلەندۈرۈۋاتقان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى خىتاينىڭ فىلىپپىننىڭ بېلىقچىلىق كېمىلىرىنى بوزەك قىلىشىغا قارشى تۇرۇش ۋە تەيۋەنگە قىلىنغان تاجاۋۇزغا تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلماقتا.

ھازىر بۇ ئارال زەنجىرىنىڭ ھالقىلىرى بارا-بارا زىچلىشىپ، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ مەزكۇر رايوندىكى شېرىكلىرىنى خىتاينى تىنچ ئوكيان تەرەپتىن مۇستەھكەم قامال قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئامېرىكانىڭ سىنگاپوردىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقى سايىسىدە، مەزكۇر زەنجىر جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ جەنۇبىغىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ ئىنتايىن زىچ ئۇيۇشقان بىرلىكسەپ، ئەمما بۇ سەپ بۇ يەردىلا تۈگىمەيدۇ.
ئىستراتېگىيەنىڭ ئاخىرقى قىسمى ـــ بەلكىم ئەڭ مۇھىم قىسمى ـــ ئاۋسترالىيەگە مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيە ئوتتۇرىسىدا AUKUS دەپ ئاتىلىدىغان ھەربىي شەرتنامە ئىمزالاندى. مەزكۇر شەرتنامىغا كۆرە، بۇ ئۈچ دۆلەت تىنچ ئوكياننى چارلاش ئۈچۈن بىرلىككە كەلگەن سۇ ئاستى پاراخوتى قىسمى قۇرىدۇ. بۇ ئامېرىكانىڭ ئۆزىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئىلغار قورال بولغان يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى تېخنىكىسىنى ئاۋسترالىيەگە ھەقسىز بېرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئاندىن ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ئۆزلىرىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى ئاۋسترالىيەدىكى پېرس (Perth) پورتىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئۇلار بۇ يەردىن تەيۋەن ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىغىچە كەڭ كۆلەمدە چارلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارالايدۇ ھەمدە بۇ ھالقىلىق تۈگۈنلەرنى قامال قىلىپ، خىتايغا قارشى مۇداپىئە سېپىدىكى يوچۇقلارنى ئېتەلەيدۇ.
مۇھىمى، بىز شۇنى جەزملەشتۈرەلەيمىزكى، بۇ سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىگە يادرو قورالى سەپلەنگەن بولۇپ، بۇ ئەسلىدىنلا ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان مەزكۇر مۇداپىئە لىنىيەسىنىڭ تەھدىت كۈچىنى تېخىمۇ زورايتىدۇ. ئاۋسترالىيە يەنە ئۆز زېمىنىنىڭ شىمالىدىكى تىندال ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ئامېرىكانىڭ B-52 بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ئايروپىلان ئىسكىلاتى ياساۋاتىدۇ. ئامېرىكانىڭ بۇ بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىغا ھەم ئەنئەنىۋى، ھەم يادرو قوراللىرى سەپلەنگەن بولۇپ، بۇ غەربنىڭ تەييارلىنىپ بولغانلىقى ھەققىدە خىتايغا بېرىلگەن ئىنتايىن كۈچلۈك سىگنالدۇر.
شۇڭا ھازىر مەزكۇر ئارال زەنجىرىگە بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە قارىسىڭىز، بۇنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك مەۋجۇتلۇق ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. بۇ ھەربىي ساھەدە «بىرىنچى ئارال زەنجىرى» (first island chain) دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنى چەكلەش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يادروسىدۇر. شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ ھەربىيلەشتۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ، جۈملىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە سۇ ئاستى پاراخوتى ئورۇنلاشتۇرۇش، ھاۋا ئارمىيە بازىسى قۇرۇش، قوشۇن تۇرغۇزۇش قاتارلىقلاردىكى ئاساسلىق مەقسەتلەردىن بىرى تەيۋەنگە مۇناسىۋەتلىك توقۇنۇشقا تەييارلىق قىلىشتۇر.
ھالبۇكى، بۇ يەردە چۆچۈتۈشكە ئالاقىدار زىتلىق مەۋجۇت. يەنى ئامېرىكا ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولماسلىق ئۈچۈن ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. بۇ تەييارلىقلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ «تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىشنىڭ بەدىلى بەك يۇقىرى» دەپ قارىشىغا تۈرتكە بولۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، بۇ زىتلىقنىڭ يەنە بىر يۈزى شۇكى، بۇلار ئېنىقلا توقۇنۇشنىڭ ئاشكارا ئۇلغايتىلىشىدەك كۆرۈنىدۇ. ئەگەر سىز خىتاينىڭ ئورنىدا بولسىڭىز، دۈشمەنلىرىڭىزنىڭ بۇ بىر قاتار ئاراللار ئارقىلىق سىزنى قورشاپ، ھەر بىر ھەرىكىتىڭىزنى نازارەت قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلمەي قالمايسىز. شۇ ۋەجىدىن، بۇ پىلاننىڭ ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كۈچەيتىۋەتمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس.
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بۇنى «قورشاش ۋە باستۇرۇش سىياسىتى» دەپ ئاتىدى. راستىنى ئېيتقاندا، ئۇنىڭ سۆزى توغرا. دەرۋەقە بۇ كىلاسسىك سوغۇق ئۇرۇش ئۇسلۇبىدىكى چەكلەش تاكتىكىسىدۇر. خەرىتىگە قارىغىنىڭىزدا بۇ نۇقتىنى بايقىماسلىقىڭىز مۇمكىن ئەمەس. شۇنداقلا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاينىڭ بۇنىڭغا قارىتا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتمەسلىكى ۋە بۇ ھەرىكەتتىن ئۆچ ئالماسلىقى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، ئەگەر ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلمىسا، ئۇ خىتايغا «ئامېرىكا بارلىق پىلانلىرىنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇپ بولۇشتىن ئىلگىرى، تەيۋەنگە ھازىرنىڭ ئۆزىدە تاجاۋۇز قىلىش ئاقىلانىلىكتۇر» دېگەن سىگنالنى بېرىشى ۋە بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، مەزكۇر ئىستراتېگىيە ئۆزى ئالدىنى ئالماقچى بولغان توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ئىنگىلىزچىدىن ھېكمەتيار ئىبراھىم تەرجىمىسى

Share
1011 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.