logo

trugen jacn

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى ئىلھام توختىنى نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسەتتى

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى تەرىپىدىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلدى.

29-يانۋار كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ماركو رۇبىئو، كىرىستوفىر سىمىت، رىچارد بلۇمېنتال، كورىي گاردنېر قاتارلىق جەمئىي 13 نەپەر ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى كومىتېتىغا ئىمزالىق مەكتۇپ يوللىغان.

ئۇلار كومىتېت رەئىسىگە يوللىغان ئىمزالىق مەكتۇپىدا ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزى بەلگىلىگەن قانۇنلارغا ئەمەل قىلىشقا چاقىرغان ۋە خىتايدىكى مىللەتلەر ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىنچلىق بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى ناھەق يەرگە ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى» نى بايان قىلغان.

2017-يىلىدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ ئېغىرلاشقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماۋاتقان مۇشۇنداق بىر شارائىتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئاۋازلارغا يەنىمۇ زور ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن بۇ مەكتۇپتا ئىلھام توختىنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئەڭ لايىق بىر نامزات ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئىلھام توختىنىڭ يۇقىرىدىكىدەك ئامېرىكا سىياسەت ساھەسىدە تەسىرگە ئىگە شەخسلەر تەرىپىدىن نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى زور ئىكەن.

تېخى بىر كۈن ئاۋۋال يەنى 28-يانۋار كۈنى، غەرب ئەللىرىدىكى بىرقانچە تەشكىلات بايانات ئېلان قىلىپ، ئىلھام توختىنى 2019‏-يىللىق نورۋېگىيە «رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسەتكەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.

 

https://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-01302019172330.html

Share
23399 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.