logo

trugen jacn

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرھال قويۇۋېتىلىشىنى تەلەپ قىلدى

1735482962hinainoritycholar0c373

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىغا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى

كومىتېت باشلىقى، دۆلەت مەجلىس ئەزاسى شېررود بروۋن باياناتىدا مۇنداق دېدى:
-خىتاي ھۆكۈمىتى ھۆرمەتكە سازاۋەر، يىراقنى كۆرىدىغان بىر پروفېسسورنى پەقەتلا ئۇيغۇر مىللىتى يۈزلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى يازغانلىقى ۋە سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا بۇيرۇدى. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر-خىتاي ئىككى مىللەت ئارىسىدا دىئالوگنى ئالغا سۈرىدىغان ۋە رايوندىكى مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويدى

پارلامېنت ئەزاسى كىرىس سىمىس بولسا ئۆز باياناتىدا، ئىلھام توختى داۋاسىنىڭ خىتايدىكى قانۇن سىستېمىسىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى تولۇق ئاشكارىلاپ بېرىدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەتتا تىنچ يول بىلەن ئىسلاھات تەلەپ قىلغانلارغىمۇ كەڭ قورساقلىق قىلمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرگەنلىكىنى ئېيتقان

دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختىنىڭ تور بېتىدىكى ماقالىلىرى ۋە سىنىپتىكى سۆزلىرى ئارقىلىق بۆلگۈنچىلىك قىلغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ بۇ سۆزلەردە خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتقاندەك قۇتراتقۇلۇق سۆزلەرنى كۆرمىگەنلىكىنى، بۇ سوتنىڭ پۈتۈنلەي سىياسىي بىر سوتلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە ئىلھام توختى ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ بىلەن قولغا ئېلىنغان ئوقۇغۇچىلارنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-10022014164929.html

Share
1742 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.