logo

trugen jacn

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى جون كەرىيگە مەكتۇپ يېزىپ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى

U.S. Secretary of State Kerry speaks about the Ukraine crisis after his meetings with other foreign ministers in Paris

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تاملانتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەرىيگە مەكتۇپ يېزىپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە جىددىي دىققەت قىلىشقا چاقىرغان. مەزكۇر كومىتېت مەكتۇبىدا بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىغا دائىر يېقىنقى خەۋەرلەر ئۇلارنى جىددىي ئەندىشىگە سالغان.

تاملانتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ قوش رەئىسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى مىكگوۋېرن بىلەن جوسېف پىتسنىڭ 27 – مارت كەرىيگە يازغان مەكتۇبى يەنە، ئامېرىكىنىڭ خىتاي،،تايلاند، مالايشىيا، كامبودژا، ۋېيتنام، پاكىستان، قىرغىزىستان، ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرىگە ئەۋەتىلگەن.

مىكگوۋېرن بىلەن جوسېف پىتس، جون كەرىينى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىشكە چاقىرىپ، خىتاي ئەمەلدارلىرىغا، ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قانۇنسىز قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولغان دۆلەتلەرگە، ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان مۇئامىلىدىن جىددىي ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇلار، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار چېكىدىن ئاشقان كۈچ، قانۇندىن ھالقىپ ئادەم ئۆلتۈرۈش، باستۇرۇپ كىرىش، قولغا ئېلىش، سوتلاش، قانۇنىي تەرتىپسىز ئۆلۈمگە بۇيرۇش قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن ئېغىر جازالاشنىڭ نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ھەمدە خىتاينىڭ ھەر قانداق تىنچ ئۆكتىچىلىك پىكىرىنى قاتتىق باستۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر كومىتېت رەئىسلىرى خېتىدە يەنە، ئافغانىستان، پاكىستان، مالايشىيا، تايلاند، ۋېيتنام قاتارلىق دۆلەتلەر خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ ئىز ئىدېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، قولغا ئېلىنغان ۋە خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىپ يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز – دېرىكىنى قىلىشقا، خىتاي ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەرنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىشقا چاقىرىشنى تەلەپ قىلغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/amerika-uyghur-04032015222859.html

Share
1277 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.