logo

trugen jacn

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى: شاۋكەت ۋە رەخىم ھوشۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى قارشى ئالىمىز

151231142458_rfa_624x351__nocredit

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى شۆھرەت ھوشۇرنىڭ ئىككى قېرىندىشى شاۋكەت ھوشۇر ۋە رەخىم ھوشۇرنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى شەرقىي ئاسىيا – تىنچ ئوكيان بۆلۈمىنىڭ باياناتچىسى ئاننا رىچېي – ئاللېن «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» گە بەرگەن باياناتىدا، «ئامېرىكا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى شۆھرەت ھوشۇرنىڭ قېرىنداشلىرى شاۋكەت ۋە رەخىم ھوشۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى قارشى ئالىدۇ» دېگەن.

ئۇ يەنە، «بۇ ئىككى قېرىنداش 2014 – يىلى 8 – ئايدا ‹دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزدى›، ‹دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىدى› دېگەن مۈجمەل بىر ئەيىبلەش بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان. بىز ئۇلارنىڭ تۈرمىگە سولىنىشىغا ئىزچىل ئەندىشىمىزنى بىلدۈرۈپ كەلگەن ئىدۇق» دەپ تەكىتلىگەن.

شاۋكەت ۋە رەخىم ھوشۇرلار 30 – دېكابىر ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ، قورغاس ناھىيەسىدىكى ئائىلىسىگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن. ئەمما ئۇلارنىڭ قانداق شەرت ئاستىدا قويۇپ بېرىلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنى شۆھرەت ھوشۇرنىڭ تۈرمىدىكى ئىنىسى تۇداخۇن ھوشۇرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.

تۇداخۇن ھوشۇر 2014 – يىلى 6 – ئايدا «دۆلەت بىخەتەرلىك تەھدىت سېلىش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى شۆھرەت ھوشۇرنىڭ قېرىنداشلىرىنى «دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سېلىش» بىلەن ئەيىبلىسىمۇ، ئەمما ئاخبارات ئەركىنلىك تەشكىلاتلىرى بۇنىڭ شۆھرەت ھوشۇردىن ئۆچ ئېلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

Share
1487 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.