logo

trugen jacn

ئامېرىكا – خىتاي سودا سۆھبىتى ئاياقلىشىپلا ، خىتاي ئۇششۇقلۇقنى باشلىدى. تېنچ، راسىونال ۋە زورانلىق بولمىغان قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنقى شەرتى، قارشى تەرەپنىڭ تۆۋەن چېكى بولۇشى كېرەك !

ئانالىزچى: ۋۇ جيەنمىن- 吴建民

تەرجىمە قىلغۇچى: UPT گۇرۇپپىسىدىن ئەنسارى

ھەر قايسى ئاڭلىغۇچىلار، تورداشلار قانداق ئەھۋالىڭلار؟

بۈگۈن 2019- يىلى 10- ئاينىڭ 14-كۈنى خوڭكوڭلۇقلار جېدا (遮打, Zhida) باغچىسىدا ئېلىپ بارغان «خوڭكوڭلۇقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق لايىھەسى» نى ئېلان قىلىش يىغىنى بولۇپ ئۆتتى. بۇ يىغىننى ساقچى تەرەپ تەستىقلىغان بولغاچقا، كۆپ ساندىكى خوڭكوڭلۇقلار بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان، شۇنداقلا خېلى كۆپ قىسىم قاتناشقۇچىلار نىقابلانغان، يەنە بىر قىسمى بولسا نىقابلانمىغان. مەيلى نىقابلانسۇن ۋە ياكى نىقابلانمىسۇن ھەممىسى ئەقىلگە مۇۋاپىق. نىقابلانغانلارنىڭ نىقابلىنىش ئەركىنلىگى بولىدۇ. خوڭكوڭ ئاھالىلىرىنىڭ «نىقابلىنىش قانۇنىغا ئاساسەن ساقچىلار نىقابلانسا بولىدىكەن، ئاھالىلەرنىڭ نىقابلىنىش ھوقۇقى بولمامدىكەن؟» دېگەن قارشى بىلەن نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى نىقابلانغان. يەنە بىر قىسىم ئاھالىلەر نىقابلانمىغان. مەيلى نىقابلانسۇن مەيلى نىقابلانمىسۇن قاتناشقۇچىلار بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەپتىدە ئامېرىكىدا ماقۇللىنىدىغان «خوڭكوڭ كىشلىك ھوقۇق لايىھەسى» نى تەبرىكلەيدىغانلىغىنى ئىپادىلىدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلەر بەك كۆپ. جېدا (遮打, Zhida) باغچىسىغا ئادەتتە ئون مىڭ ئادەم سىغىدىغان بولۇپ، پائالىيەت مەزگىلىدە ئەتراپتىكى يوللار پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار تەرىپىدىن ئىگىلىۋىلىنغان. بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە بىرقانچە يۈز مىڭ شەھەر ئاھالىسى قاتناشقان. بۇ پائالىيەتتىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ پائالىيەت يوللۇق پائالىيەت. شۇنداق بولغاچقا بۇ خىل پائالىيەتلەرنى چوقۇم داۋاملاشتۇرۇش، ھەر ھەپتىدە ئۆتكۈزۈشى كېرەك. خوڭكوڭلۇقلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل يوللۇق پائالىيەتلەرى ئارقىلىق خوڭكوڭلۇقلارنىڭ كىشلىك ھوقۇق، دېمۇكراتىيە قانۇنىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىشى ھەمدە شۇنىڭ بىلەن بىرىگە خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئەركىنلىگىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. بۇ خىل پائالىيەتلەرنى كۆپ قىسىم خوڭكوڭ خەلقى چوقۇم قوللايدۇ. بۇ خىل يوللۇق ئىش ھەركەتلەر ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ پىكىر تەلەپلىرىنى ئۇچۇق ئاشكارا ئوتتۇرغا قويۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىك دېمۇكراتىيەگە ئېرىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك. خوڭكوڭلۇقلارنىڭ بۇ ھەققانىي پائالىيىتى داۋاملىشىپ تۆت ئايدىن كېيىن، ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى بۈگۈن بىر بايانات ئېلان قىلدى. بۇ باياناتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئەنگىلىيە ماگىنىستىكى قانۇن لايىھەسىگە ئاساسەن، خوڭكوڭدىكى ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ باشقۇرغۇچىلارنىڭ مەزكۇر قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىشىلىرى بولسا چوقۇم مەزكۇر قانۇن بويىچە جازالاش ئېلىپ بارىدىغانلىقى بولغان. كۆپچىلىككە مەلۇم، ماگىنىستىكى قانۇنى ئامېرىكا باشلىق تەرەققىي قىلغان، دېمۇكراتىك دۆلەتلەر بىردەك ماقۇللىغان كىشلىك ھوقۇققا دەخىل-تەرۇز قىلغانلارنى جازالايدىغان قانۇن. ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى باياناتىدا، ئەگەر خوڭكوڭ ۋە خىتاي تەرەپنىڭ ئەمەلدارلىرى ئەنگىلىيە – خىتاي كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغان قىلمىشى بولىدىكەن، ئەنگىلىيە ماگىنىستىكى قانۇنى بويىچە جاۋابكارلارنىڭ ئەنگىلىيەدىكى مال-مۈلكى توڭلىتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەنگىلىيە ۋىزىسى بىكار قىلىنىدۇ. ئەگەر ئەنگىلىيە گراژدانلىق سالاھىتى بولسا بۇ سالاھىيىتىمۇ ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى تەرىپىدىن بىكار قىلىنىشى مۇمكىنلىگىنى جاكارلىغان. ئايال پادىشاھنىڭ بۇ باياناتى خوڭكوڭ خەلقىنىڭ دېمۇكراتىيە تەلەپ قىلىش كۈرەشلىرىگە مەدەت بەرگەن بولسا، خوڭكوڭدىكى خەلقنىڭ كىشلىك ھوقۇقىغا، ئەركىنلىكىگە زەربە بەرگەن، تاجاۋۇز قىلغان لىن جىڭ يۈە (Li Zhengyue) دەكلەرنىڭ ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئەنگىلىيەدىكى مال-مۈلكى توڭلىتىلىپ، ئىمتىيازلىرى ئەمەلدىن قېلىشى مۇمكىن. خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تىرىشچانلىقى ھەمدە خەلقئارانىڭ قوللىشى بىلەن تېخىمۇ يۈكسەك نەتىجىلەرگە ئىرىشكۈسى. بۇ ھەپتە ئامېرىكا كېلوزى ۋە خولى خوڭكوڭغا بېرىپ ئۆزلىرى بىۋاستە خوڭكوڭ خەلقىنىڭ دېمۇكىراتىيەگە ئېرىشىش ئىستىگىنى تەكشۈردى. ئۇلار ئامېرىكىغا قايتقاندىن كېيىن چوقۇم پارلامېنتتا مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، بىلەت تاشلاپ، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ دېمۇكراتىيە قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللايدۇ. ئۇلارنىڭ خوڭكوڭغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىدىكى مەقسەت بۇ قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاشقا ماتېرىيال توپلاشتۇر.

بىر قىسىم كىشىلەر يوللۇق پائالىيەتلەرنى ياقتۇرمايدۇ، قوللىمايدۇ. ئەمما بۇ خىل زورلۇق-زۇمبۇلۇق بولمىغان يوللۇق پائالىيەتلەر ھۆكۈمەتنىڭ يولسىزلىقىغا قارشى تۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىز بۇ يۆنىلىشتىن ۋاز كەچمەسلىكىمىز، قوللىشىمىز، داۋاملاشتۇرىشىمىزكېرەك. مەن بۇرۇنمۇ ئوتتۇرىغا قويغان يوللۇق پائالىيەتلەر بىلەن بىرگە چوقۇم قوراللىق ئۇرۇشقىمۇ تەييارلىق قىلىش كېرەك. يوللۇق پائالىيەتلەر كۈرەشنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. ئەمما قوراللىق توقۇنۇشلارغا، ئۇرۇشلارغىمۇ ھازىر بولىشىمىز كېرەك.

بۇ مەزموننىڭ داۋامىنى لېكسىيەنىڭ كېيىنكى قىسمىغا قويۇپ تۇرۇپ، ئالدى بىلەن خوڭكوڭ ھەم خىتاينىڭ ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان خەلقئارالىق چوڭ ئىشلار ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ باقايلى. كۆپچىلىك بىلشى مۇمكىن، ئالدىنقى ھەپتىدە ئامېرىكا خىتاي سودا سۆھبىتى ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، ترامپ «خىتاي ئامېرىكىدىن 400-500 مىليارد دوللارلىق دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى سېتىۋالىدۇ.» دەپ ناھايىتى خۇش بوپ كېتىپ، 10-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىجرا قىلىنىدىغان 2500مىليارد دوللارلىق خىتاي مېلىدىن ئېلىنىدىغان 30 پىرسەنتلىك تاموژنا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى، ھەمدە بۇ قېتىمقى سودا سۆھبىتىدە مۇۋاپىقىيەت قازانغانلىقىنى ھەر خىل يىغىلىشلاردا سۆزلەپ يۈرگەن.

مەن ترامىپنىڭ ھەقىقەتەن مۇۋاپىقىيەت قازانغانلىقىنى ياكى شى جىنپىڭنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ كەتكەنلىگىنى ھېچ بىلەلمىدىم. ليۇ خې(Liu he) بېيجىڭغا بېرىشى بىلەنلا خەلق گېزىتىدە ئامېرىكىدىن بارلىق تامبوژنا بېجىنى بىكار قىلىش توغرىسىدا ماقالە ئېلان قىلىنغان. خىتاي كومپارتىيەسى بۇنچىلىك باجنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىغا ھەرگىز قانائەت قىلمايدۇ. ئۇ دائىم غەلىبە قىلسام، باشقىلارنى قىلتاققا چۈشۈرسەملا دەيدۇ. خەلق گېزىتى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ جاكارچىسى. ئەگەر سەن ليۇ خې(Liu he) بېيجىڭغا بېرىشى بىلەنلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يۈز ئۆرىشىنى تەساددىپىيلىق ھىس قىلغان بولساڭ خاتالاشقان بولىسەن. ھەي ترامپ! خىتايدىن ئالىدىغان بارلىق باجلارنى كەچۈرۈم قىلغان تەقدىردىمۇ، خىتاي كومپارتىيەسى ھەرگىزمۇ ئۇ سودا كېلىشىمىگە ئەمەل قىلمايدۇ. ئۇ چاغدا سېنىڭ خۇش بولغىنىڭ نەدە قالىدۇ؟ سەن ترامپ! بۇ كېلىشىمدە مۇۋاپىقىيەت قازانغانلىقىڭدىن كۆرەڭلەپ، دېھقانلىرىڭغا تېرىلغۇ مەيدانىنى كېڭەيتىش، تېرىلغۇ تۈرلىرىنى كۆپەيتىش، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنى سەپلەش، دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆلىمىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا يوليۇرۇق بەردىڭ. ترامپ يەنە خىتاي 2017-يىلى بىزدىن 195 مىلياردلىق دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتى سېتىۋالغان، بۇ تارىختىكى ئەڭ يۇقۇرى رېكورت. بۇ قېتىمقى كېلىشىمدە خىتاي بىزدىن 400-500 مىليارد دوللارلىق دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتى سېتىۋالىدۇ، شۇڭا مېنىڭ يوليۇرۇقۇمنى ئىجرا قىلىڭلار، دېدى. ئامېرىكا دېھقانلىرى تراماپنىڭ يوليورۇقى بويىچە دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغاندا خىتاي سېتىۋالمىسا، ترامپ قانداق قىلىسەن؟ توغرا ترامپنىڭ سۆھبەت تاكتىكىسى ناھايىتى يۇقۇرى، ئەمما خىتايدەك بىر لۈكچەك، ساختىپەزگە كار قىلمايدۇ. خىتاي ھەرقانداق بىر تارىخىي ھۆججەت، كېلىشىملەرنى خالىغان چاغدا بۇزۇپ ئەمەلدىن قالدۇرىۋېرىدۇ. بۇ قېتىمقى كېلىشىمدە شىجىنپىڭ ۋاقىت جەھەتتىن ئۇتۇق قازاندى. ترامپ تاموژنا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، ئەمما ۋاقتى كەلگەندە ئامېرىكىدىن ئالىدىغان دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالامدۇ؟ قانچىلىك سېتىۋالىدۇ؟ بۇنىڭغا بىرنىمە دېمەك تەس. ترامپ شىجىنپىڭنىڭ «چاشقانغا قىيىن، مۈشۈككە ئويۇن» قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمىگەنلىكىگە بەك ئېچىنىمەن. سەن ترامپ كېلىشىمگە ئاساسەن بارلىق باجنى كەچۈرۈم قىلدىڭ. ئەمما خىتاي ئىچكى قىسىمدا تەمىنلەش ئېھتىياجىنى قامدىيالمايۋاتقان، ئۆزىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى يول قويغان دائىرىدە ، پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە ئامېرىكىدىن مەھسۇلات سېتىۋېلىشى مۇمكىن، ھەتتا سېتىۋالمىسا بولمايدىغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىپ قالغىنىنى ئالماسلىقىمۇ ئېھتىمالغا بەك يېقىن. شۇنىڭ بىلەن شىجىنپىڭ بۇ كېلىشىم بىلەن 19-نۆۋەتلىك 4-ئومۇمىي يىغىندا يەنىلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ، ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىۋالالايدۇ.

دۇنيادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەرگە مەلۇمكى، 30 يىل ئىلگىرى ئامېرىكا باشلىق تەرەققىي قىلغان، دېمۇكراتىك، كىشلىك ھوقۇقنى تەرغىپ قىلغۇچى دۆلەتلەر خىتايدىن بىز سىلەردىن كىشلىك ھوقۇقنى ، پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىنى، دېمۇكراتىيەنى قوغدىشىڭلارنى تەلەپ قىلمايمىز، پەقەت بىز بىلەن سودا قىلساڭلارلا بولدى، دېگەن ئىدى. 30 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىدىن كىشلىك ھوقۇق، پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىگى، دېمۇكراتىيە دېگەنلەرنى شەرت قىلمىساڭلار سىلەرنىڭ بىز بىلەن سودا قىلىشقا شەرتىڭلار توشىدۇ، دەيدىغان ھالغا كەلدى. خىتاينى بۇ ھالغا كەلتۈرگەنلەر يەنە شۇ ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى. خىتاي بىلەن سودا قىلمىسا پۈتۈن دۇنيا تۈگىشىدۇ. بىرىنچى بولۇپ ئامېرىكا ۋەيران بولىدۇ. بۇ دەل خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئامېرىكىغا، ياۋروپاغا، ھەتتا پۈتۈن دۇنياغا تۇتقان پوزىتسىيەسى. مەن دەل خىتاينىڭ كېلىشىملەرگە ئەمەل قىلماسلىقىنى، تەكرار، تەكرار يولسىزلىق قىلىپ ترامپنىڭ غەزىپىگە قېلىشىنى، ئامېرىكىدىن سېتىۋالغان مەھسۇلاتلارنى قايتۇرىدىغان، بەك ئاز سېتىۋېلىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. بۇ قېتىمقى كېلىشىمدە پۈتۈشكەننىڭ 10%نى سېتىۋېلىپ، ھەممىنى ئەمەلدارلارغا بۆلۈپ بېرىپ، 1.4مىليارد خەلق بىلەن كارى بولماسلىقى ئادەتتىكى ئىش. خىتاي كومپارتىيەسى ھەرقانداق ۋاقىتتا بۇ 1.4مىليارد پۇقراسىنى گۆرەگە ئېلىپ تۇرۇپ، قارشى تەرەپ بىلەن سۆزلىشىدۇ بۇ 1.4مىليارد پۇقرا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قولىدىكى لوق گۆش. خىتاي كومپارتىيەسى 1.4مىليارد پۇقراسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ. بۇ لوق گۆش ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى يەۋاتقان ئاق ئۇننىڭ ئۆزىدۇر. سەن خىتاي بازىرنى كۆزلەيدىكەنسەن، خىتاي كومپارتىيەسى 1.4مىليارد پۇقراسى بىلەن ساڭا تەھدىت سالىدۇ. سەن پەقەت كىشلىك ھوقۇق، پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى، دېمۇكراتىيە دېگەنلەردىن ۋاز كەچسەڭلا سېنىڭ بىلەن سودا قىلىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەلەپلىرىگە قوشۇلساڭ، ساڭا خىتايدا پۇل تېپىش پۇرسىتى بېرىدۇ. 30 يىل بۇرۇن غەرب دۇنياسى پەقەت پۇل تېپىشنىلا ئويلاپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كىشلىك ھوقۇق، دېمۇكراتىيە ھەققىدىكى قىلمىشلىرىغا يول قويغان بولسا، 30 يىلدىن كېيىن خىتاي كومپارتىيەسى باي بولدى. شۇڭا غەربچە دۇنيا قاراشلارنى، غەربچە قىممەت قاراشلارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىش دەرىجىسىگە يەتتى.

خوڭكوڭنىڭ ۋەزىيىتى قانداق بولۇپ بۈگۈنكىدەك ھالغا كېلىپ قالىدۇ؟خىتاي ئەنگىلىيە باياناتىغا ئىمزا قويغاندا، غەرب دۆلەتلىرى خىتايدىن بۇ باياناتقا ئەمەل قىلىپ خوڭكوڭنىڭ ئىزچىل تەرەققىي قىلىشىنى كۈتكەن ئەمەسمىدى. 22 يىل ئۆتۈپ بۈگۈن خوڭكوڭ ۋەزىيىتى خۇددى قايناۋاتقان قازانغا ئوخشاپ قالدى. بۇ قالايماقانچىلىقتا نۇرغۇن قىزلار تۇتۇلدى، ئىزدېرىكى بولمىدى. ھەتتا بىر قىسمىنىڭ جەسەتلىرى چىرىپ كەتكەن ئەھۋاللار بايقالماقتا. خوڭكوڭدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ تەساددىپىي ۋەقەلەرگە نىسبەتەن نورمال ئانالىز يۈرگۈزەلەيدىغان بىر ئادەم چوقۇم گۇمانلانماي قالمايدۇ. خوڭكوڭ ساقچىلىرى نىمە ئۈچۈن قىزلارنى قولغا ئېلىشقا ئامراق؟نۇرغۇن قىسقا فىلىملەردە ساقچىلارنىڭ قىز ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلغان كۆرۈنىشلەر بار. قىز ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىشتىكى مەقسىدى نىمە؟ بۇ ساقچىلارنىڭ كۆپىنچىسى خىتايدا تەربىيلەنگەن. ھەتتا خىتايدىن كەلگەن. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەمەلدارلىرى قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىپپىتىگە تاجاۋۇز قىلىشنى بىر خىل ھوزۇر ھىساپلايدىغان، ئىنسانغا ئوخشىمايدىغان بىرنېمىلەر بولۇپ، ياۋۇز مەقسىدىگە يېتىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ بەخىتسىز قىزلار يا يوقاپ كېتىدۇ، يا بولمىسا ئۆلتۈرۋېتىلىدۇ. ئۇنداق قىلمىغىنىدا ئۇلارنىڭ ئەپتى بەشىرسى ئېچىلىپ كېتىدۇ. ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرى سېتىلىدۇ. سىلەر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىشى بىلەن ئىچكى ئەزا ئالماشتۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقىدىن گۇمان قىلمامسىلەر؟

نېمە ئۈچۈن دۇنيادىكى نۇرغۇن بىمارلار خىتايغا بېرىپ ئىچكى ئەزا ئالماشتۇرىدۇ؟ چۈنكى خىتايدىن شۇ بىمارغا تامامەن ماس كېلىدىغان ئىچكى ئەزانى ئىنتايىن قىسقا ۋاقىتتا تاپقىلى بولىدۇ. ئەگەر دۇنيانىڭ باشقا يېرىدىن تاپماقچى بولىدىكەن ، ئۇنداق بىمارغا تامامەن ماس كېلىدىغان ئىچكى ئەزانى تاپقۇچىلىك، ئۇ بىمار ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن. ئەمما خىتايدا ئۇنداق ئەمەس.

مەن مېركېل (Merkel) نى كۈزىتىۋاتقىنىمغا ناھايىتى ئۇزۇن بولدى. مېركېل (Merkel) ئەسلى ياشلار ئىتتپاقىنىڭ سېكرىتارى ئىدى. كېيىن گېرمانىيەنىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، گېرمانىيەنى، ھەتتا پۈتۈن ياۋروپانى يېتەكلەپ كوممۇنىزىمغا قارشى چىقىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى ئۇ كومپارتىيەنىڭ، ناتسىستلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدە ئۇچرىغان. ناھايىتى ئەپسۇس ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئون نەچچە قېتىم خىتايغا زىيارەتكە باردى. يېقىنقى مەزگىلدە بىر قىسىم ئاممىۋى سورۇنلاردىكى تۇرقى ئۇنىڭ سالامەتلىگىنىڭ قانچىلىك ناچارلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. بولۇپمۇ خوڭكوڭ خەلقى ئېغىر كۈندە قالغاندا، خىتايغا بېرىپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك لىكېچىياڭ (Li Keqiang) غا خىتاي خوڭكوڭ مەسىلىسى توغرىسىدا ئېغىزىنىڭ ئۇچىدىلا ئازراق سۆزلەپ قويدى. ئۇ خوڭكوڭ خەلقىنىڭ تەقدىرى، خىتاينىڭ كېلەچىكى ھەققىدە پەقەت سۆزلىمىدى. خىتاي كومپارتىيەسىگە خوڭكوڭ مەسىلىسىدە ھېچقانداق تەلەپ پىكىر بايان قىلمىدى. خوڭكوڭ خەلقىنىڭ «خىتاي ئەنگىلىيە باياناتى» دا بەلگىلەنگەن «خوڭكوڭنى خوڭكوڭلۇقلار باشقۇرىدۇ» دېگەن بەلگىلىمە بويىچە ئۆز ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىش پائالىيىتىگە پايدىلىق ھېچ سۆزلىمىدى. مېركېل (Merkel) لىكېچىياڭ (Li Keqiang) بىلەن سۆھبەتلەشكەندىكى بىر پارچە رەسىمگە قارىساقلا ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقىنى بىلەلەيمىز. ئۇنىڭ ئۆرە تۇرغۇدەك ھالىمۇ يوق. لېكىن ئۇ ۋۇ خەن توڭ جى(wu han tong ji) دوختۇرخانىسىغابېرىپ شۇ يەردىن ئۇدۇل قايتىپ كەتكەن. خىتايدا بۇنداق زور كۆلەملىك ئىچكى ئەزا زاپىسىنىڭ بولىشىدىن گۇمانلىنىشنىڭ ھېچبىر ئورنى يوق. چۈنكى جوڭنەنخەيدىكى نۇرغۇن ئەمەلدارلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى بىلەن خىتاينىڭ ئىچكى ئەزا ئالماشتۇرۇش ئوپراتسىيەسى بىلەن چوقۇم مۇناسىۋىتى بار. 301-دوختۇرخانىنىڭ تور بېكىتىگە كىرىپ قارايدىغان بولساڭلار بىلىسىلەركى، دوختۇرخانا قانداق قىلىپ رەھبەرلەرنىڭ تەلەپلىرىنى قاندۇردىغانلىقى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسىدە، ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ھەققىدىكى ئالاھىدە توختالغان. خوڭكوڭدىكى تۇتقۇن قىلىنغان كىچىك قىزلارنىڭ دېرىكىنى ئالمىغاندا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قۇربانلىقىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. شۇڭىلاشقا خوڭكوڭ ھەركىتىدە پەقەت يوللۇق پائالىيەتلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىشقا بولمايدۇ. مەن ئەمدى كۆپچىلىك بىلەن يوللۇق پائالىيەتلەر بىلەن قوراللىق پائالىيەتلەر ھەققىدە ئورتاقلاشماقچىمەن. توغرا دۇنيادا يوللۇق پائالىيەتلەرنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازانغانلىق ئۈلگىلىرى ناھايىتى كۆپ، ئەمما سېنىڭ قارشى تەرىپىڭدىكى زادى كىم؟ يوللۇق پائالىيەتلەر قارشى تەرەپكە تەسىر قىلامدۇ، يوق؟ قارشى تەرەپنىڭ دېمۇكراتىيە قارىشى بارمۇ، يوق؟ قارشى تەرەپ مەلۇم قائىدە تەرتىپ بويىچە سەن بىلەن ماسلىشامدۇ؟ دېگەنلەرنى ئويلىنىش كېرەك. مەسىلەن پولشا ئىشچىلىرىنىڭ قارشىلىق كۈرەشلىرىدىكى جەسۇرلۇقنى كۆرگەن پولشا ھۆكىمىتى ئىشچىلارنى باستۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمىغان. ئەگەر باستۇرسا نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ. پولشا ھۆكىمەت ئەمەلدارلىرىدا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار، شۇڭا ئۇلار ئىشچىلارنى باستۇرمىغان. ئەمما خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەمەلدارلىرىدا بۇنداق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى پەقەت يوق. ئەگەر خوڭكوڭ خەلقى پولشا ئىشچىلىرىدەك ئىسيان كۆتىرىدىغان بولسا، خىتاي ھۆكىمىتى خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ھەممىسىنى رەھىم قىلماستىن خۇددى چىۋىننى ئۆلتۈرگەندەك قىرىپ تاشلايدۇ. خىتاي ھۆكىمىتى پەقەت سىلەرنىڭ ئۆلمەي قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەيدۇ. يوللۇق پائالىيەتلەر بىلەن قارشىلىق قىلغۇچىلار چوقۇم قارشى تەرەپنى تولۇق چۈشىنىشىنىپ پائالىيەت قىلىشى كېرەك. بولمىسا بۇنداق يوللۇق قارشىلىقلار پەقەت شۇئارغىلا ئايلىنىپ قېلىپ، ئەمىلىي ئىلگىرلەش بولمايدۇ. قارىسا نۇرغۇن ئادەم بىردەك قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان، شۇنىڭ بىلەن خەلقئارا جەمئىيەت سېنىڭ قارشلىقىڭنى قوللاپ قويىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەرگە خوڭكوڭ خەلقى بىردەك چىرىك، نۇمۇسسىز ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىشتە يوللۇق قارشلىق ناھايىتى ياخشى رول ئوينايدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكىمىتىگە، خوڭكوڭ ھاكىمىيىتىگە زەربە بېرىشتە يوللۇق قارشلىق ئەسقاتمايدۇ. بۇ چاغدا چوقۇم قوراللىق تەشكىلاتلار ھەركەتكە كېلىشى كېرەك. بەزى كىشىلەر توردا خوڭكوڭدا كوچا ئۇرۇشى قىلىش كېرەك، دېگەندەك ئاقماس پاراڭلارنى قىلىپ يۈرمەكتە. ھازىرقى خوڭكوڭنىڭ ۋەزىيىتى كوچا ئۇرۇشى قىلىشقا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. كوچا ئۇرۇشى بىلەن خىتاي ھۆكىمىتىنى خوڭكوڭدىن چىقىرىپ تاشلاش مۇمكىن ئەمەس. يەنە بەزىلەر شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭ مەلۇم بىر يېرىگە مەخپى بازا قۇرۇپ، خوڭكوڭ خەلقىنى مەشقلەندۈرۈپ، شۇ بازا ئارقىلىق خوڭكوڭنى ئازاد قىلىش كېرەك، دېگەندەك ئەمىليەتكە ئۇيغۇن بولمىغان لايىھەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا، بۇنداق قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

خوڭكوڭدىكى قوراللىق گۇرۇھلار بىرمۇنچە رېستۇران، مېھمانخانا قاتارلىق جايلارنى پارتىلىتىپ، ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلدى. خوڭكوڭ خەلقى يۇقۇرى پەن-تېخنىكىلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ قاراتمىلىق ھالدا نىشان بەلگىلەپ زەربە بېرىشى كېرەك. بىر قېتىملىق ئەمىلىي ھەرىكەت ئون قېتىملىق يوللۇق قارشىلىق كۆرسىتىشتىن ئۈنۈملۈكتۇر. خوڭكوڭ ساقچىلىرى چوڭ قۇرۇقلۇقتىن كەلگەن كومپارتىيەنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكتىن، غالجىر ئىتتەك كۆزىگە ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا قانۇننىڭ ھېچبىر رولى بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا يەنە باراۋەرلىك، دانالىق ھەققىدە سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. شۇنداق ئىكەن ئەمدى چوقۇم يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىپ، قوراللىق گۇرۇھلار باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشى كېرەك. ئۇنداق قىلمايدىكەن خوڭكوڭ خەلقىنىڭ پەرزەنتلىرى كەلگۈسىدە سىلەر كۆرۈۋاتقان قارا كۈنگە قالىدۇ. مەن سىلەرگە بىر پارچە رەسىم كۆرسىتەي، رەسىمنىڭ ئاستىدىكى ئىسرائىلىيەنىڭ تۆت ئايال ئەسكىرى. رەسىمنىڭ ئۈستىدىكى ناتسىسلارنىڭ لاگىرلىرىدىكى ھايات قالغان ئاياللارنىڭ پەرزەنتلىرى. ئۇلار ئەجدادلىرى باشتىن كەچۈرگەن پاجىئەلەرگە يەنە مۇپتىلا بولماسلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا بۈگۈنكى خوڭكوڭ قوراللىق گۇرۇھلار باتۇرلۇق بىلەن ھەرىكەت قىلمايدىكەن، ئۇزۇنغا بارماي خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قانلىق باستۇرىشىغا، قانلىق قىرغىن قىلىشىغا ئۇچرايدۇ. ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى تېخىمۇ ئېچىنىشلىق كۈنگە قالىدۇ. شۇڭا مۇشۇ پەيتتە ئېلىپ بارغان ھەرقانداق ھەرىكىتىڭلار كەلگۈسىدىكى زور بىر قوشۇننىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەپ بولىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر بىزنىڭ ھەربىيي مەشق ئېلىپ بارىدىغان بازىلىرىمىز بولمىسا، دېيىشى مۇمكىن. ئەگەر قوراللىق گۇرۇھلاردىكى ياشلار ھەربىيي تەلىم ئالماقچى بولسا ئامېرىكىغا كەلسە بولىدۇ. ئامېرىكىدا نۇرغۇن ھەربىيي تەلىم بېرىدىغان ئورۇنلار، ھەربىي مەكتەپلەر بار. شۇ يەرلەردە ھەربىي تەلىم ئالغاندىن كېيىن، قوراللىق گۇروھلارنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى ئاشىدۇ. خوڭكوڭ خەلقى ئېھتىياجلىق بولغاندا قوراللىق گۇرۇھلار خوڭكوڭنى، خوڭكوڭ خەلقىنى قوغدايدىغان كۈچكە ئايلىنىدۇ. بۈگۈنكى لېكسىيە مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن. رەھمەت سىلەرگە.

Share
7337 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.