logo

trugen jacn

ئامېرىكا خىتاينى ئ ش ئ د گە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىشقا چاقىردى

674483454813363060014102509841311n

ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى سۇسان رايىسنىڭ بېيجىڭدا خىتاي رەھبەرلىرىنى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىشقا چاقىرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى سۇسان رايىسنىڭ بېيجىڭدا خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاينى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى (ئ ش ئ د) تەشكىلاتىغا قارشى خەلقئارالىق ئىتتىپاققا ياردەم بېرىشكە چاقىرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

گەرچە شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ رايسنىڭ زىيارىتىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋىرىدە، ئىككى تەرەپ ئوتتورىسدا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مەزكۇر مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، رايىس خىتاينى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشكە ياردەم قىلىشقا چاقىرغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تەرەپتىن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىپ – قاتناشمايدىغانلىقى ھەققىدە قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلمىگەنلىكى بىدۈرۈلدى. بۇ ھەقتە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئامېرىكىلىق ھەربىي ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «خىتاي بۇ ئىشقا قىزىققان.» ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى ئۇرۇشقا قانچىلىك كۈچ چىقىرالايدىغانلىقى مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارماقتا ئىكەن. ئۇ يەنە «بىز ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى خەلقئارا بىرلەشمە قۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز، خىتاينىڭ بۇ ئىتتىپاقنىڭ بىر پارچىسى بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم» دېگەن.

ئاقساراي باياناتچىسى سەيشەنبە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى خەلقئارالىق ئىتتىپاق قۇرۇلۇشىنىڭ مەقسىتىنى «پەقەت ئامېرىكا ئارمىيەسىگىلا تايىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» دەپ ئىزاھات بەرگەن ۋە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى، ئەمما ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۆپ خىل ئىستراتېگىيەگە ئېھتىياج بارلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئامېرىكىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، رايىس بېيجىڭدا شى بىلەن كۆرۈشكەندە، «پىرېزىدېنت ئوباما، ئامېرىكا – خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك مۇناسىۋەت ئىكەنلىكىگە، شۇنداقلا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئورتاق تىرىشقاندا دۇنيادىكى ھەر قانداق چوڭ مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ» دېگەن.

رايىس ئۈچ كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىدە شى جىنپىڭدىن باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلار بىلەنمۇ كۆرۈشكەن. رايىس 7 – چېسلا بېيجىڭغا يېتىپ بارغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى سۈپىتىدە تۇنجى قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ شى بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فەن جاڭلوڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدىغان ھەر قانداق مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئەسكەرتكەن. ئۇ يەنە، خىتاي ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى چاڭ ۋەننىيەن ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭيى بىلەنمۇ كۆرۈشكەن.

ئوبامانىڭ بۇ يىل 11 – ئايدا قىلىدىغان خىتاي زىيارىتى ۋە شى بىلەن ئۇچرىشىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، رايىسنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىنىڭ مۇددىئالىرىنىڭ يەنە بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ

http://www.trt.net.tr/uyghur/%D8%AE%DB%95%D9%84%D9%82%D8%A6%D8%A7%D8%B1%D8%A7-%D8%AE%DB%95%DB%8B%DB%95%D8%B1%D9%84%DB%95%D8%B1/2014/09/10/%D8%A6%D8%A7%D9%85%DB%90%D8%B1%D9%89%D9%83%D8%A7-%D8%AE%D9%89%D8%AA%D8%A7%D9%8A%D9%86%D9%89-%D8%A6-%D8%B4-%D8%A6-%D8%AF-%DA%AF%DB%95-%D9%82%D8%A7%D8%B1%D8%B4%D9%89-%D8%A6%DB%87%D8%B1%DB%87%D8%B4%D9%82%D8%A7-%D9%82%D8%A7%D8%AA%D9%86%D9%89%D8%B4%D9%89%D8%B4%D9%82%D8%A7-%DA%86%D8%A7%D9%82%D9%89%D8%B1%D8%AF%D9%89-76191

Share
1935 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.