logo

trugen jacn

ئامېرىكا خىتاينى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

 

image

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-07-30

ئۈرۈمچى تەپتىش مەھكىمىسى ئىلھام توختىنى «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەندىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكىچە چاقىردى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى چارشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختى توغرۇلۇق تەييارلانغان ئەيىبنامىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىگە سۇنغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تەپتىش دائىرىلىرى ئەيىبنامىدە ئىلھام توختىنى رەسمىي بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى ئىلھام توختىنىڭ ئەيىبلەنگەنلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيە ھارف، بىز خىتاي دائىرىلىرىنى ئىلھام توختى ۋە باشقا 6 ئوقۇغۇچىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز، دېدى.

ئىلھام توختى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، سۆز ئەركىنلىكى، خىتاي قانۇنىدىكى ھەر خىل ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداپ، خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ كۆزىتىش نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.

ئۇ، ئىلگىرى ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكىتىنى خىتاينىڭ قاتتىق قول سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مارالبېشى سېرىقبۇيا، تيەنئەنمېن ئاپتوموبىل ھۇجۇمى قاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ تېررورلۇق ئىكەنلىكى گۇمانلىق، دەپ كۆرسەتكەن.

ئىلھام توختى بۇ يىل 15‏-ئىيۇل تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.

ئىلھام توختىنىڭ ئائىلىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەپتىش دائىرىلىرى ئەيىبنامىدە يەنە، ئىلھام توختىنى «زوراۋانلىق ۋە مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىگەن. ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنىشى غەرب ئەللىرى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-07302014164214.html

Share
1615 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.