logo

trugen jacn

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىسى ۋاڭ ياڭ، خەن جېڭ قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈش تەكلىپى بەردى

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ قارىشىچە، خوڭكوڭ ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى خىتاينى دېموكراتىكلاشتۇرۇش ئىدىيەسىنىڭ ئۈنۈمسىز ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. ئامېرىكا ئەركىنلىكى، دېموكراتىيىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشىنى قوغدىشى ھەمدە خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا قاتتىق جازا بېرىشى كېرەك. ئۇلار بىر تەكلىپ تىزىملىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ،ئۇنىڭدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن خەن جېڭ ۋە ۋاڭ ياڭدىن باشقا، چېن چۈەنگو، ۋۇ يىڭجيې ۋە لو خۇنىڭ قاتارلىقلار بار.

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى 10-ئىيۇن چارشەنبە كۈنى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيىسى دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي بيۇرو دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى خەن جېڭ ۋە ۋاڭ ياڭ قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ دوكلاتنىڭ تولۇق ئىسمى «ئامېرىكىنى كۈچەيتىش ۋە يەرشارى تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش». دوكلاتنى ئېلان قىلغان «جۇمھۇرىيەتچىلەر تەتقىقات كومىتېتى» جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ 150 نەپەر ئاۋام پالاتا ئەزاسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاۋام پالاتاسىدىكى ئەڭ چوڭ كېڭەش. دوكلات ئامېرىكىدىكى ئاساسلىق تەھدىدلەرنى ئانالىز بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە بۇنىڭغا قارىتا كونكرېت تەۋسىيەلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. دوكلاتتا خىتاي ئاساسلىق رەقىبى دەپ قارىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ خىتايغا قاتتىق جازا يۈرگۈزۈشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئۇ «پارلامېنت ئوتتۇرىغا قويغان تارىختىكى ئەڭ كۈچلۈك جازا» دەپ ئاتالغان.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى دۇنيادىكى ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، باشقا بىر خىل ھۆكۈمەت سىستېمىسىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇلار تەشەببۇس قىلغان تۈزۈمدە، بىز ئىلگىرى چۈشەنگەن ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەمدى مەۋجۇت بولمايدۇ.» دوكلاتتا: «ئامېرىكا خىتاينىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش بىلەن بىرگە، ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قىممىتىنى تەكىتلىشى كېرەك.» دېيىلگەن.

دوكلاتتا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەشكىلىي جەدۋىلى كۆرسىتىلگەن، ھەمدە ئامېرىكا جازالىشى كېرەك دەپ قارىغان تارماق ياكى شەخسلەرنىڭ يېنىغا قىزىل كرېست سىزىلغان. دوكلاتتا ئىمبارگو يۈرگۈزۈلۈشى كېرەك دەپ كۆرسىتىلگەن شەخسلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: سىياسىي بىيۇرو دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋاڭ ياڭ ۋەخەن جېڭ؛ خىتاي خەلق سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شيا باۋلوڭ؛ تىبەت پارتكومىنىڭ كاتىپى ۋۇ يىڭجيې، شىنجاڭ پارتكومىنىڭ كاتىپى چېن چۈەنگو ۋە خوڭكوڭدىكى ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لۇ خۇنىڭ. دوكلاتتا جازاغا تەۋسىيە قىلىنغان ھۆكۈمەت تارماقلىرى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى بىرلىكسەپ بۆلۈمى، ئۇنىڭ چەتئەلدىكى ئالاقىلىشىش ئىدارىسى، تەيۋەن خىزمەت ئىشخانىسى، خوڭكوڭ خىزمەت ئىشخانىسى ۋە دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

http://turkistantimes.com/uy/news-12922.html

Share
2461 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.