logo

trugen jacn

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى» تېمىسىدا يىغىن چاقىردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئورۇنلاشتۇرغان «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى» تېمىسىدىكى يىغىندىن بىر كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 24-سېنتەبىر. نيو-يورك، ئامېرىكا.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، 24-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىناسىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن رەھبەرلەر ب د ت نىڭ 74-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىگە قاتنىشىۋاتقان بىر پەيتتە، يەنە شۇ بىنادا ئامېرىكانىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە شۇنداقلا كانادا، گېرمانىيە، گوللاندىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ قوشۇمچە ساھىبخانىلىق قىلىشى بىلەن «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى» تېمىسىدا بىر مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى.

يىغىنغا 20 دىن ئوشۇق مۇستەقىل ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا 30 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەم شۇنداقلا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان. بۇ يىغىندا لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان ۋە ھازىر ئامېرىكادا تۇرۇۋاتقان لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت، دوكتور رىشات ئابباس ۋە ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلىندى. بۇ مۇھىم يىغىنغا ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون سوللىۋېن ئۆزى بىۋاسىتە قاتناشتى ۋە ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. 

مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون سوللىۋېن ئېچىلىش نۇتقىنى بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشقا ياردەمدە بولغان دۆلەتلەرگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن باشلىدى. ئۇ سۆزىدە ئوخشىمىغان مۇستەقىل ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنى ئۆز مىللىي مەدەنىيىتى ۋە دىنىدىن مەھرۇم قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇ يەردىكى تۇتقۇنلارغا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قوپال مۇئامىلە ۋە ئىسكەنجە سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مۇھىم ئىسپاتلار بارلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئورۇنلارنى «كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيىلەش ئورنى» دېسىمۇ، ئەمما پاكىتلارنىڭ بۇنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە «دوكتورلار ۋە پروفېسسورلارغا كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيە بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇلار ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىدا بولۇشى كېرەك» دەپ ئەسكەرتتى. 

ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ يىللاردىن بېرى ناچارلىشىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنى ھوقۇقلىرىنىڭ قاتتىق بېسىم ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇنى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا قىلىۋاتقان سىستېمىلىق بېسىم سىياسىتى، بۇ تېررورلۇق بىلەن كۈرەش ئەمەس» دەپ تەكىتلىدى.

جون سوللۋېن سۆزىدە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ بېسىمنى توختىتىش ئۈچۈن دۇنيانى ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى. ئۇ بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى ئورگانلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئالاقىلەردە ئېھتىياتچان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى ئاقلىشىغا يانتاياق بولۇپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسەتلىرىدىن بىرىنىڭ ھەممە كىشىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇنى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى. 

جون سوللىۋېن سۆزىنى تۆۋەندىكىدەك ئاخىرلاشتۇردى: «سۆزۈمنى ئاياغلاشتۇرۇشتىن ئاۋۋال خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن بىز بىلەن بىر قاتاردا تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرگە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. بىز باشقا دۆلەتلەرنى خىتايدىن بۇ زۇلۇمىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىدىغان خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارغا ئىشتىراك قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. چۈنكى تارىخ سىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانلارنىڭ نېگىزلىك ھوقۇقىغا قىلىنىۋاتقان بۇ ھۇجۇمدا قايسى تەرەپتە تۇرغىنىڭلارغا باھا بېرىدۇ. بىز بۇ زۇلۇمنى بىرلىكتە چۈشىنىشىمىز ۋە ھەرىكەت قوللىنىشىمىز كېرەك.» 

ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون سوللىۋېننىڭ سۆزىدىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش سېكرېتارىنىڭ خەلقئارالىق ھوقۇقلارنى قوغداش بويىچە ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى كېررىن سىمىس خانىم سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. سىمىس خانىم سۆزىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇقلىرىغا كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئىچىدىكى پەرقلىق مىللەت، پەرقلىق دىن، پەرقلىق مەدەنىيەتلەرنى تەھدىت دەپ قاراشنىڭ ئورنىغا، ئۇنى بايلىق ۋە قۇدرەت دەپ قارىشى ۋە ئۇنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. 

يۇقىرىقى كىشىلەرنىڭ ئېچىلىش سۆزىدىن كېيىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنى ئىشلارغا مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى سام بروۋنبەك سۆز ئالدى ۋە دەرھال سەھنىدىكى سۆز قىلغۇچىلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ ئالدى بىلەن 2017-يىلى 4-ئايدىن 6-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا لاگېردا يېتىپ چىققان شاھىت زۇمرەت داۋۇتنى تونۇشتۇردى ۋە ئۇنىڭغا سۆز بەردى.

زۇمرەت خانىم يىغىندا ئۆزىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن 2017-يىلى 31-مارت كۈنى ئۆيىدىن سەۋەبسىزلا تۇتقۇن قىلىنىپ، 24 سائەت بويىچە سوراق قىلىنغاندىن كېيىن لاگېرغا قاماپ قويۇلۇش جەريانلىرىنى ۋە ئۇ يەردە كۆرگەن ئەھۋاللىرىنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتتى ۋە خەلقئارا جامائەتتىن ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىپ، بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلدى. 

ئارقىدىن ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنىڭ پەقەت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچىدىلا قالماي، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، پېنسىيىگە چىققان مېدىتسىنا دوختۇرى بولغان ئۆز سىڭلىسى گۈلشەن ئابباسنىڭ لاگېرغا ئەپ كېتىلىشىنى مىسال قىلىپ چۈشەندۈردى ۋە بۇنىڭ چەتئەللەردە ياشاۋاتقان مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ئۇيغۇرغا ئورتاق ھادىسە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنىڭ جازاسىز قالماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

يىغىندىكى يەنە بىر سۆزلىگۈچى ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى، تارىخى يىلتىزى ۋە مەدەنىيەت ئىزنالىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي يوق قىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن جىددىيلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنى بۇ جىنايەتنى توختىتىش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە ئورۇن ئېلىشقا چاقىردى. 

ئارقىدىن يىغىننىڭ قوشۇمچە ساھىبخانا دۆلەتلىرى بولغان ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئايرىم-ئايرىم سۆز ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتى. 

يىغىن ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون سوللىۋېننىڭ قىسقىچە يېپىلىش نۇتقى بىلەن ئاياغلاشتى. يىغىن ئاياغلاشقاندىن كېيىن بىز ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارالىق جىنايى ئىشلار ۋە ئادالەت ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى كېللىي كۇررىي خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. كېللىي خانىم ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى ئاياغلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىمۇ بۇ مەسىلىدە ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ باشلىقىنىڭ رايونغا بېرىپ چەكلىمىسىز ھالدا زىيارەت ئېلىپ بېرىش تەلىپىنى قوللايمىز ۋە ئەلۋەتتە ھەر بىر كىشىنىڭ رايونغا چەكلىمىسىز ھالدا بېرىپ ئۇ يەردە بولۇۋاتقانلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. بىز بۇ مەسىلىنى ئوخشىمىغان خەلقئارالىق سورۇنلاردا نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر تەرىپىدىن بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. چۈنكى بۇ پەقەت ئامېرىكانىڭلا مەسىلىسى بولماسلىقى كېرەك.» 

كېللىي كۇررىي خانىم يەنە ئامېرىكانىڭ بۇ مەسىلىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا داۋاملىق دىققەت قىلىپ، ئۇنى توختىتىش ۋە خىتايغا خەلقئارالىق بېسىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

كېيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش سېكرېتارىنىڭ خەلقئارالىق ھوقۇقلارنى قوغداش بويىچە ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى كېررىن سىمىس خانىم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ سۆزىدە ب د ت باش سېكرېتارى ئانتونىيو گۇترېسنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ زۇلۇم ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى خىتاي تەرەپكە بىر قانچە قېتىم ئىپادە قىلغانلىقىنى ۋە شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىزمەت تەرتىپى بويىچە، رايوندا بولۇۋاتقانلار ھەققىدە دوكلات تەييارلاشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، ب د ت تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ چوقۇم رايونغا چەكلىمىسىز بېرىپ بولۇۋاتقانلار ھەققىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى ۋە دوكلات تەييارلىشىنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. 

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، 24-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باش ساھىبخانىلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى» ناملىق بۇ مۇھاكىمە يىغىن 23-سېنتەبىر كۈنىدىكى پرېزىدېنت ترامپنىڭ بىۋاسىتە قاتنىشىشى بىلەن ئېچىلغان ۋە ئۇيغۇر قىزى جەۋھەر ئىلھام گۇۋاھلىق بەرگەن يىغىنىدىن كېيىنكى يەنە بىر مۇھىم يىغىن ھېسابلىنىدىكەن.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xinjangdiki-kishilik-hoquq-kiriszisi-yighini-09242019190902.html
Share
2739 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.