logo

trugen jacn

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى تىبەت ئاپتونوم رايونىنى «ئايرىم دۆلەت» دەپ ئېتىراپ قىلىدىغان قانۇن لايىھىسىنى تونۇشتۇردى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى سكوت پېررىي تىبەت ئاپتونوم رايونىنى «ئايرىم دۆلەت» دەپ ئېتىراپ قىلىدىغان قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇردى.

(H.R. 6948) نومۇرلۇق قانۇن لايىھەسىدە «ئامېرىكا پرېزىدېنتىغا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تىبەت ئاپتونوم رايونىنى ئايرىم، مۇستەقىل دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلىش ھوقۇقى ۋە باشقا مەقسەتلەر ئۈچۈن ھوقۇق بېرىدۇ» دېيىلگەن. قانۇن لايىھەسى 19-ماي كۈنى ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتىغا يوللانغان بولۇپ، ھازىرچە بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ تولۇق مەزمۇنى تېخى ئاشكارىلانمىغان.

تىبەت مەركىزى خەۋەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاۋام پالاتا ئەزاسى سكوت پېررى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تىبەتكە مۇناسىۋەتلىك قارار ۋە قانۇنلارنىڭ ماقۇللىنىشىدا ئاكتىپ رول ئېلىپ كەلگەن شەخسلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

خىتاينىڭ ئىنتايىن سەزگۈر مەسىلىلىرىدىن بولغان تىبەت مۇستەقىللىقىغا ئائىت قانۇن لايىھەسىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا. ئۇ، ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى زىددىيەتلەر سودا مەسىلىلىرى، تاجسىمان ۋىرۇس ۋە نۆۋەتتە خوڭكوڭدىكى ۋەزىيەت تۈپەيلى قاتتىق ناچارلاشقان پەيتتە تونۇشتۇرۇلدى.

https://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/tibet-mesilisi-05262020173059.html

Share
3345 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.